ئىنتىرنېت تېخنىكىسىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ تور بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇنلىغان قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى . تور ئارقىلىق مال سېتىۋىلىشمۇ شۇلارنىڭ بىرى ئەلۋەتتە ! ئەمما نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تور ئارقىلىق مال سېتىۋېلىشقا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ، ھەم بۇ ساھەدە ئۇيغۇرچە ياخشى بىر ماتىريال بولماسلىقى تۈپەيلى نۇرغۇن كىشىلىرىمىز بۇ جەھەتتە ساۋاتسىز قېلىۋاتىدۇ .... شۇ سەۋەپ تۈپەيلى تۆۋەندە مەن جوڭگودىكى ئەڭ چوڭ سودا تور بەت سۇپىسى بولغان تاۋباۋ نى مىسال قىلىپ تۇرۇپ توردىن مال سېتىۋېلىشنى ئۈگۈنۈشنىڭ ئومۇمى جەريانىنى دەرسلىك قىلىپ ئۆتمەكچىمەن .
1. دەرس 淘宝 غا ئەزا بولۇش جەريانى
淘宝 غا ئەزا بولۇش ئۈچۈن بىز تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل شارائىتنى ئۆزىمىزدە ھازىرلىغان بولۇشىمىز كېرەك .
1.بانكا كارتا بولۇشى ھەمدە بۇ بانكا كارتىنىڭ تور بانكا كەسپى ئوچۇق بولۇشى كېرەك ! بانكا كارتىنىڭ تور بانكا كەسپىنى ئاچقۇزۇش ئۇسۇلى ھەمدە ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ .
2. ئېلىكتىرونلۇق پوچتا ساندۇقىمىز بولۇشى كېرەك. (电子邮箱)
3. قول تىلىفونىمىز بولۇشى كېرەك.( تاۋباۋغا تىزىملاتقاندا تاۋباۋدىن بىزگە 6 خانىلىق تەستىقلاش نۇمۇرى كېلىدۇ .
تىزىملىتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكى رەسىملەردە كۆرسۈتۈلگەندىكىدەك . ئالدى بىلەن تاۋباۋنى ئاچىمىز : http://www.taobao.com
2. چىققان بەتتە ئەزالىق ئۇچۇرلىرىنى كىرگۈزۈش ئورنى كۆرۈنىدۇ. ئۈستىدىكى رەسىمدىكىدەك.
3. 1-قۇر 会员名 غا ئەزالىق نامىڭىزنى كىرگۈزۈڭ. ئادەتتە ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان بىرەر تەخەللۇس نام دېگەندەك. مەسىلەن، pclife ياكى memet ،Alim ،guzal دېگەندەك خالىغانچە ئىسىمنى ئىشلەتسەك بولىدۇ. بۇ ئىسىم بىزنىڭ 淘宝 دىكى نامىمىز بولىدۇ. تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. (ئەزالىق نامىڭىزغا ھەقىقىي نامنى ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق.) ئەگەر سىز تىزىملاتقان ئىسىمنى باشقىلار تىزىملىتىپ بولغان بولسا «该会员名已被使用» دەپ چىقىۋالىدۇ. باشقا نامنى ياكى شۇ نامنىڭ ئاخىرىغا ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان سۆز ياكى سانلارنى قوشۇپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بۇ نام مەيلى سىز بىر نەرسە سېتىۋېلىڭ ياكى سېتىڭ ئېكراندا كۆرۈنىدىغان نامدۇر. شۇڭا ئويلىنىپ قويۇڭ. باشقىلار ئوقۇيالىغۇدەك بولسۇن.
2-قۇرغا 淘宝 غا كىرگەندە ئىشلىتىدىغان پارولىڭىزنى بەلگىلەيسىز. ئادەتتە 16 خەتتىن ئېشىپ كەتمىگەن ئەھۋالدا چوقۇم ھەرپ ۋە ساننى بىرلەشتۈرۈپ پارول سېلىشىڭىز كېرەك. مەسىلەن، urumqi09913463 دېگەندەك. پارول سىز ئۇنتۇپ قالمايدىغان سان ۋە ھەرپتىن تەشكىل تاپسۇن.
3-قۇرغا پارولنى قايتىلاپ كىرگۈزۈڭ.
4-قۇرغا ئوڭ تەرەپتىكى تەستىق كودىنى (قارا خەتلىك ھەرپلەرنى) كۆچۈرۈپ يازىسىز. ئەگەر ھەرپلەرنى پەرق قىلالمىسىڭىز «看不清?换一张» نى چېكىپ باشقا كود ھاسىل قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئاخىرىدا «同意以下协议并注册» نى بېسىڭ.
4. تۆۋەندىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ. ئاستى تەرەپتىكى 使用邮箱验证 دېگەن خەتنى بېسىپ چىققان بەتتىكى كۆرسىتىلگەن ئورۇنغا ئىشلىتىۋاتقان ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى كىرگۈزۈڭ.
ئېلخەت ئادرېسىنى كىرگۈزگەندىن كېيىن 提交 نى بېسىڭ.
5. بۇ بەتتە يانفون نومۇرىڭىزنى كىرگۈزۈپ 发送 نى بېسىڭ.
6. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك بەت ئېچىلىدۇ ھەمدە نەچچە سېكۇنتتىن كېيىن تېلېفونىڭىزغا 6 خانىلىق 效验码 (تەستىقلاش نومۇرى) كېلىدۇ. ئۇ نومۇرنى تۆۋەندىكى كۆزنەكتىكى ماس ئورۇنغا كىرگۈزۈپ، 验证 كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ.
بىر مىنۇت ئىچىدە كىرگۈزۈپ بولالمىسىڭىز، يەنە 发送 نى بېسىپ، تەستىق نومۇرىنى قايتا تاپشۇرۇۋالسىڭىز بولىدۇ.
7. تەستىق نومۇرىنى كىرگۈزۈپ 验证 نى باسساق، تۆۋەندىكى رەسىمدىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ. بۇ كۆزنەكتىكى ئۇچۇر «تىزىملىتىشىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، ھېلى تىزىمغا ئالدۇرغان ئېلخەتنى ئېچىپ، ئەزا نامىڭىزنى ئاكتىپلاشتۇرۇڭ» دېگەن مەنىدە. كۆزنەكتىكى 去邮箱激活账户 دېگەن كۇنۇپكىنى باسسىڭىز، ئاپتوماتىك ھالدا سىز تىزىملاتقان ئېلخەتكە ئۇلاپ بېرىدۇ.
8. ئېلخەتكە كىرسىڭىز، 淘宝 دىن كەلگەن بىر پارچە خەتنى كۆرىسىز. تۆۋەندىكىدەك:
كەلگەن خەتتە جەزملەش ئادرېسى بېرىلگەن بولىدۇ.
9. شۇ ئادرېسنى باسسىڭىز 淘宝 تورىغا ئۇلىنىپ بەتتە «مۇۋەپپەقىيەتلىك تىزىملاتتىڭىز »(注册成功) دېگەن ئۇچۇر چىقىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
بەك ياخشى يوللاپسىز بۇ دەرىسلىكنى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم …! ماڭا ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن ….. ھەقلىق بولسىمۇ مەيلىدى …… تەپسىلىي مەزمونى بۇيەردە ……..
http://www.intil.biz/home/thread-11052-1-2.html
ياكى QQ ئارقىلىق ياردەم قىلسىڭىزمۇ ؟!………… بەك مىننەتدار بولاتتىم ……..
بۇرادەر مەن سىزگە كىرەكلىك جەرياننى تەپسىلى يوللاپ قويغان ئىدىم
مەن ھىچقاچان ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىپ باقمىدىم بۇرادەر، قولۇمدىن كەلسىلا ھەرقاچان ياردەمگە تەييارمەن
بولسا مىنىڭ QQ رىمنى قوشۇپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بەرگەن بولسىڭىز ئالەمچە مىننەتدار بولاتتىم ……… 284922746
بىلوگنىڭ يان تەرىپىدە ۋە بەت ئاستى قىسمىدا QQ ئالاقە كۆزنىكى بار، شۇ يەردىن بىۋاستە خەت يازغايسىز بۇرادەر، ياردەم قىلىشقا ھەر قاچان تەييارمەن
كەچۈرۈڭ بەت ئادرېسى خاتا كېتىپ قاپتۇ
http://www.intil.biz/home/thread-11887-1-1.html
بولسا مۇشۇ ھەقتە كۆپرەك بىلىم يوللىسىڭىز ! مەن تاۋباۋدىن مال سېتىۋالالماي قالدىم .كارتىدىن پۇل چىقىم قىلغىلى بولمىدى
بولىدۇ بۇرادەر،كۆپرەك قەدەم تەشرىپ قىلىپ تۇرغايسىز، ئۇچرىغان قىيىنچىلىق مەسلىلەر بولسا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويۇڭ مەسلىنى تىز سۈرەتتە ھەل قىلىمىز
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپ جاپا تارتىۋاتىسىز … ئەجىرىڭىزنى ئاللاھ بېرەر …
2- دەرىسنى يەنى 支付宝 نى ئاكىتىپلاش (激活)قىلىش دەرىسىنى خاپا بولماي بىر يوللاپ قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن … ؟ ھەراس مەن ئۇلىسام ئسمىم پەقەتلا دەللىلەشمىدى … بۇقانداق ئشتۇ چىكىتنىممۇ يازغان بولمىسا …
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، سىز ئىسىم فامىلە ئوتتۇرسىدىكى چىكىتنى توغرا قويالمىغان بولىشىڭىز مۇمكىن ، 艾买提·麦麦提 چىكىتنى مۇشۇ بويىچە قويسىڭىز توغرا بولىدۇ .