ئامېرىكىلىق بىر سودىگەر ئۈچ ئوغلىغا باھاسى يۈز دوللارلىق ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمى دېگەن كىتابنى، مىڭ دوللار قىممىتىدىكى بىر يۈك ئاپتوموبىلىنى ۋە 500 دوللار پۇلنى مىراس قالدۇرۇپتۇ. چوڭ ئوغۇل كىتابنى، ئوتتۇرانچى ئوغۇل يۈك ئاپتوموبىلىنى، كەنجى ئوغۇل 500 دوللارنى ئاپتۇ . بىر يىلدىن كېيىن بۇ ئۈچ قېرىنداش بىر يەرگە جەم بولۇپ ، بىر يىلدا قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى، تاپقان پۇللىرى توغرىلىق پاراڭلىشىپتۇ. ئاۋۋال چوڭ ئوغۇل گەپ باشلاپ: مەن يېرىم يىلدا ھېلىقى ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمى دېگەن كېتابنى ئوقۇپ، ئىقتىساد ئىلمىنى تەتقىق قىلدىم، كېيىنكى يېرىم يىلدا ئۇنىۋېرسىتېتلاردا نوتۇق سۆزلەپ، 5مىڭ دوللار كىرىم قىلدىم دەپتۇ. ئارقىدىنلا ئوتتۇرانچى ئوغۇل مەغرۇر ھالدا: مەن بىر يىلدا، ھېلىقى ئاپتوموبىل بىلەن يۈك توشۇپ، بەكلا جاپاتارتتىم. لېكىن تارتقان جاپايىمغا يارىشا 20 مىڭ دوللار كىرىم قىلدىم دەپتۇ.
نۆۋەت كەنجى ئوغۇلغاكەلگەندە ئۇ: ئەسلىدە مېنىڭ ئەينى چاغدا ئاپتوموبىلنى بەكلا ئالغۇمبار ئىدى. بىراق ئۇنى ئوتتۇرانچى ئاكام تاللىۋالدى. مەن 500 دوللارنى ئالغاندىن كېيىن، كونا ئاپتوموبىللار بازىرىغا بېرىپ بىرىنى 100 دوللاردىن 400 دوللارغاكونا يۈك ئاپتوموبىلدىن تۆتنى سېتىۋالدىم. 80 دوللارغا ئاپتوموبىللارنى ئارزاق رېمونت قىلدۇردۇم. قالغان 20 دوللارغا مەخسۇس كونا كېتابلارنى ساتىدىغان دۇكاندىن چوڭ ئاكام تاللىۋالغان ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمى دېگەن كېتابتىن بىرنى سېتىۋالدىم – دە، سېتىۋالغان ئاپتوموبىللىرىمغا شوپۇر ياللاپ ، ئۇلارنى ئوزۇن يوللۇق يۈك توشۇشقا سالدىم، ئۆزۈم مال، يۈك ئۇقۇشۇشقا مەسئۇل بولدۇم، بىكار قالساملا كىتاب كۆرۈپ ئۆگەندىم، كىتابتىكى نەزەرىيىلەرنى يۈك ترانسىپورتكەسپىگە جانلىق تەتبىقلىدىم.بۇنىڭ بىلەن بۇ كەسپتە ئاسان پۇل تېپىشنىڭ يوللىرىنىمۇ بېلىۋېلىپ،كىرىمىمنى كۆپەيتىشكە باشلىدىم. تاپقان پۇلۇمغا يەنە كونا يۈك ئاپتوموبىلىدىن بىر قانچىنى سېتىۋېلىپ يۈك توشۇش مىقدارىنى ئاشۇردۇم. ھازىر ئومۇمىي مەبلىغىم1 مىليون دوللاردىن كەم ئەمەس، دەپتۇ.
كەنجى ئوغۇل چەكلىك مەبلەغنى تېز كۆپەيتىشنىڭ ئۇسۇلىنى بىلگەن، كىتابتىن ئۆگەنگەنلىرىنى پۇل تېپىش ئەمەلىيىتىگە جانلىق تەدبىقلىغان. ئۇ شۇ مەزگىلدىكى يۈك ترانسىپورت بازىرىنىڭ ياخشىلىقىنى توغرا پەرەز قىلىپ، دەسمايىسىنى ئاۋۇتقان.
ئىستېمال ئېھتىياجىمىزنىڭ ئېشىشى، مال باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشى ھەممىمىزگە تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىپ، تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلاش ئارزۇسىنى ئويغاتماقتا. لېكىن شۇنچە كۆپ توي – تۆكۈن، مېھمان كۈتۈش، باشقا تۈرلۈك خىراجەتلەر، مۇھىمى، ئائىلىمىزنىڭ كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان كۈندۈلۈك چىقىملىرىدىن تېجەپ قېلىپ ئايمۇ – ئاي بانكىغا قويۇپ يىغقان پۇللىرىمىزنى بىرەر ئىشقادەسمايە قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايمىز – يۇ، بىرەرسىنىڭ پاي بازىرىدا پايدا ئېلىۋاتقانلىقىنى، نەچچە ئونمىڭ يۈەنگە فوند سېتىۋېلىپ، نەچچە ئايدىلانۇرغۇن پايدا ئالغانلىقىنى ئاڭلىساق ئولتۇرالماي قالىمىز – دە، ئەتىسلا بىزنىڭمۇ پاي، فوندسېتىۋالغىمىز كېلىدۇ. نەچچە كۈن ئۆتمەيلا پاينىڭ باھاسى چۈشۈپ، فوندنىڭ نىسبىتى تۆۋەنلەپ پايچىلار، فوندسېتىۋالغانلارنىڭ زىيان تارتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىساق: ئالماي تۇرغىنىم ياخشى بوپتىكەن دەپ ئۆزىمىزنى بەزلەيمىز. بەزىلىرىمىز توختىماي لاتارىيە سېتىۋېلىپ، بىر كۈندىلا مىليونېر بولۇش چۈشىنى كۆرىمىز. باشقا بىرەر ئىشنى قىلىپ بېقىشنى، ھېچ بولمىغاندا بىرەرسى بىلەن شېرىكلىشىپ تىجارەت قىلىشنى ئويلايمىز، مەبلەغ سالماقچى بولغان ئىشنى باشلىماقچىمۇ بولىمىز، لېكىن پۇل چېكىنى ئېلىپ بانكىغابارغۇچە: ھەي، بۇ ئىشنىغۇ قىلارمەن، ناۋادا ئەپلەشتۈرەلمەي زىيان تارتىپ قالسام قانداق قىلىمەن، يا مەن ئىلگىرى سودا قىلىپ باقمىغان تۇرسام، بولدىلا، سىڭگەن نېنىمنى يەپ، مۇشۇ كۈنۈمگە شۈكرى قىلاي دەپ باشتىكى پىلانىمىزدىن ۋازكىچىمىز. ھازىر بىز بازار ئىگىلىكى دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز، ھەممىمىزپۇلىمىزنىڭ كۆپ بولۇشىنى، بالىلىرىمىزنى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشنى ئارزۇ قىلىمىز، لېكىن پۇل تېپىش ھەققىدەئىزدەنمەيمىز. بىزدىكى كەمچىلىك دەل مۇشۇ يەردە بولسا كېرەك.
كېلىش مەنبەسى :شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسى
ما تېما ئەجەپ ياقتى ، بايام پىشىننى ئوقۇۋېتىپ ئىگىز بويلۇق بىر ئاكاش بەك تۇنۇش بىلىندى ، ئويلاپ-ئويلاپ بىرىگە ئوخشاتتىم ، ئۇ دۇئادىن بۇرۇن ماڭغانتى كەينىدىن ئىز بېسىپ چىقسام ، Q7 audi گە چىقىپ كىتىپ قالدى ، ماشىنا تاختا نومۇرى ؛ KY100 كىمكە دەڭلا قۇدرەت ياقۇپ ،تېخىمۇ قۇدرەت تاپ ئاكا!
ئىگىز بويلۇق بىر ئاكاش دىسىڭىز ، خەتنىڭ داۋامىنى ئوقۇپ بولغۇچە باشقا خىيالغا كىتىپتىمەن ، مىنى قانداق تونۇيدىغان بولغىيتى دەپ ھەيرانلا قاپتىمەن….چاخچاق ھە
قانلىق رومانتىكىغا چۆكۈپ كىتىپسىز دە بىر كۈنلەردە ئالدىڭىزغا يۈگرەپ بېرىپ، قانداق ئەھۋالىڭىز ئاكا ، دېسەم «تېشلىقتۇ؟» دىمەڭ ھە!
ئادەمگە نان تىگىدىغان بەلەن يازمىكەن جۇمۇ بۇ !!! ئىنكاسىمنى قالدۇرۇپ قۇياي !!
سىزنى ئۇلىنىشقا قىتىپ قويدۇم،مىنىمۇ ئۇلىنىشقا قىتىپ قويارلاسىزمۇ؟
ئەلۋەتتە بولىدۇ بۇرادەر ، مەنمۇ قىتىپ قوياي ھازىر
رەھمەت
سالامەت بولۇڭ بۇرادەر
بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل…
ماۋۇ تېمىڭىزدىن مىنىڭ پۇل تېپىش ئارزۇسىدا قالايمىقان چۆگىلەپ قالغان كاللامنى ئازراق سەگىتىپ قويدى. رەھمەت سىزگە!
سىزلەرگىمۇ رەھمەت ئاغىنىلەر، كەلگەن مۇبارەك قەدىمىڭلار ئۈچۈن
ناھايتى چوڭقۇر مەنىگە ئىگە يازما بوپتۇ
مۇشۇنداق ياخشى تېمىلارغىمۇ ئاران ۋاقىت تاپتىم دېسە ، بىر كىتاب ئوقۇساڭ ، بىر ئەقىل تاپىسەن دېگەندەك ، ياخشى ئەسەر ئوقۇپ ، ياخشى چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ قالدىم . بۇ ئەسەردە ئىپادىلەنگەن ئىدىيە ، ئاتا-بوۋىمىزنىڭ «پۇل تاپقۇچە ئەقىل تاپ»دېگەن ھىكىمەتلىك سۆزىنى ئىسپاتلاپ بىرىپتۇ . دۇرۇس ، پۇل تېپىشتىن بۇرۇن ئەقىل تاپمىساق ، پۇلمۇ تاپالمايمىز ، تاپقان پۇلىمىز بىر تېيىن-خالاس!!!
ھەنېمە دېگەن بىلەن يەنىلا بىلىم ئەسقاتىدۇ مانا.تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زور ماقالە ئىكەن.يوللىغۇچىغا تەشەككۇر!
تورسودا بىلوگىڭىزنىڭ سۈرئىتى قاچان ئاچسام ئوخشاش بەكلا ئاستىا….
بوشلۇقنىڭ ئىشى بولسا كىرەك….پات ئارىدا قىممەترەك تىز ھەم نوچىراق بوشلۇققا يۆتكىلىمەن