ئىلىكتىرۇن سودا كەسپى ئۈزىنىڭ قولايلىق ، تىز ، ئەرزان ، ئەركىن ، دائىرىسى كەڭ ، تاللاش بوشلۇقى كەڭ بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن دىيارىمىزدىكى ئىلغار پىكىرلىك ياش ئىستىمالچىلارنىڭ ئوتتەك قىزغىنلىقىنى قوزغاپ ، تورمۇش ئىستىمالىمىزىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بۇلۇپ قالغىلىمۇ خېلى ئۇزۇن بولدى .
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر قىسىم ئىستىمالچىلارنىڭ تور سودا بىلىملىرىنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى ۋە بۇ قايناق بازار بارلىققا كەلتۈرگەن ( ھەر قانداق بازاردا ئالدامچىلار بىلەن سەمىمى سودىگەر تەڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدۇ ) قاراقورساق تور سودىگەرلىرىنىڭ مەيدانغا كىلىشى بىلەن ئالدىنىپ قېلىش ، مال سۈپىتى كۆڭۈلدىكىدەك چىقماسلىق ……..قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تور سودىسىدىن قارىغۇلارچە ئۈزىنى قاچۇرىدىغان ئەھۋالمۇ بارلىققا كەلدى .
يۇقارقى ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ ھەم ئۆزەمنىڭ توردا سودا قىلىش تەسىراتلىرىمنى ئەسلەپ كۆرۇپ ، يەنىلا ئەزىز قېرىنداشلىرىمغا سەۋىيەم يەتكەن دائىرىدىكى تور سودا بىلىملىرىمنى سۆزلەپ بىرىشنى توغرا تاپتىم . مەن ئويلايمەن نۆۋەتتىكىدەك ئۇچۇر دەۋرىدە ئەزىز قېرىنداشلىرىمنىڭ ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇچۇر تېخنىكىسى بىزگە تەمىنلىگەن نورغۇن ئىلغار مۇلازىمەتلەردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش پائالىيىتىنى بېيىتالمايۋاتىدۇ ، بۇنداق قىلىشمۇ ھەممە كىشىگە زۇرۇر ئەمەس . لىكىن ھەممە ئادەم مال سېتىۋالىدۇ ، توردىن مال سېتىۋېلىش ھەممە ئادەمنىڭ تۇرمۇشىغا ئىقتىسادى ۋە باشقا جەھەتلەردىن نۇرغۇن خوشاللىقنى ئاتا قىلالايدۇ .
تورسودا بىلوگى قېرىنداشلارنىڭ توردىن مال سېتىۋېلىشىغا يول باشلىغۇچى بۇلۇشنى ئۈزىنىڭ يۈكسەك غايىسى قىلغان بۇلۇپ ، بۇندىن كىيىن ئاللا خالىسا توردىن مال سېتىۋېلىشقا يىتەكچى رول ئوينىيالايدىغان يازمىلار يوللىنىپ تۇرىدۇ . داۋاملىق كىلىپ تۇرىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز .
يۇقارقى مەقسەتتە بۇگۇن ئالدى بىلەن قېرىنداشلارغا دۆلىتىمىزدىكى تور سودا كەسپىنىڭ ئەمىلى ئەھۋالى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بەرمەكچى .
2011 – يىللىق دۆلىتىمىز ئىلىكتىرون ( تور ) سودىسى بازىرىنىڭ ئەمىلى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات
ئىلىكتىرۇنلۇق سودا دىگىنىمىز : ئىنتىرنىت تورىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر خىل يېڭىچە سودا ئالاقە شەكلى ، ئالاھىدىلىكى بولسا سودا پائالىيەتلىرى ئىنتىرنىت تورىدا سىفىرلاشقان ھالەتتە ئېلىپ بېرىلىدۇ .
دۆلىتىمىز ئىلىكتىرون سودىسى ( تۆۋەندە چۈشىنىشكە ئاسان بۇلىشى ئۈچۈن تور سودىسى دەپ ئاتىلىدۇ ) كەسپى بولسا پۇتۇن يەر شارىدا ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ، ئۇچۇر تېخنىكىسى جەمىيەتنىڭ سودا ئالاقىسى بىلەن زىچ گىرەلىشىپ كەتتى ھەتتا سودا ئالاقىنىڭ تەرەققىياتىنى تىزلەتتى . پۇتكۇل جەمىيەت شۇنداقلا سودا ئالاقىسىمۇ ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن ئايرىلالمايدىغان ھالەت شەكىللەندى . ئۇچۇر دەۋرى ئەنئەنىۋى سودا ئالاقە كۆز قارىشىغا جەڭ ئېلان قىلدى ، بۇنىڭ بىلەن دۆلىتىمىزدىمۇ 1998 – يىلى ئىلىكتىرۇنلۇق سودا كۆز قارىشى ئوتتۇرغا قۇيۇلۇپ ، ھازىرغا كەلگەندە غايەت زور تەرەققىياغا ئېرىشتى .
جۇڭگۇ ئىلىكتىرۇنلۇق سودا تەتقىقات مەركىزىنىڭ 2011 – يىلى 8 – ئاينىڭ 1 – كۈنى تارقاتقان << 2011 – يىللىق ( ئالدىنقى يېرىم يىللىق ) جۇڭگۇ ئىلىكتىرۇن سودا بازىرى سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش دوكلاتى >> دا كۆرسىتىلىشىچە : دۆلىتىمىز ئىلىكتىرۇن سودا بازىرىنىڭ سودا 2011 – يىل ئالدىنقى يېرىم يىللىق سودا سوممىسى 2 تىرلىيون 950 مىليارد يۇەن (2.95万亿 نى مۇشۇنداق دەمتۇق ؟؟؟ ) گە يەتكەن .
يۇقىرىدا دىيىلگەن ئىلىكتىرۇن سودا بازىرىنىڭ سودا سوممىسى بارلىق توردا ئېلىپ بېرىلغان سودىنىڭ ئۇمۇمى سوممىسى بۇلۇپ ، مىنىڭ بىلىشىمچە ئىلىكتىرۇن سودا مۇنداق بىر نەچچە تۈرگە بۆلىنىدۇ :
1 . B2B : تاۋار ئىشلەپچىقارغۇچى ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگۈچى كارخانا ئۆز تور بېكىتى ياكى ئالى با با (阿里巴巴 ) قاتارلىق سەھنە بىلەن تەمىنلىگۈچى تور بېكەتلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىپ چىقىرىدىغان شەكىلنى كۆرسىتىدۇ . نۆۋەتتە بۇ خىل شەكىل ئىلىكتىرۇن سودا بازىرىنىڭ سودا سوممىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگەللەيدۇ ، يۇقارقى ئۇمۇمى سومما 2 تىرلىيون 950 مىليارد يۇەننىڭ 2 تىرلىيون 600 مىليارد يۇەن سودا سوممىسى مۇشۇ شەكىلدىن كەلگەن . ھەممەيلەن پىششىق بىلىدىغان تاۋ باۋ ( 淘宝 ) نىڭ باش شىركىتى بولغان ئالى با با (阿里巴巴 ) بولسا بۇ خىل شەكىلدىكى بازارنىڭ سەركەردىسى بۇلۇپ ، % 52.8 بازارنى ئىگەللىگەن . كارخانىچىلار بۇ بېكەتكە ئەزا بۇلۇپ ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تۇنۇشتۇرسا ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك كارخانىلار بىلەن كەسپى ئالاقە قىلسا بۇلىدۇ ، مەسلەن ئۈسكۈنە ، خام ماتىرىيال كىرگۈزۈش دىگەندەك .
b2b شەكلىدىكى كارخانىلارنىڭ بازار ئىگەللەش نىسبىتىنى تەھلىل قىلىش رەسىمى
2 . B2C: كارخانا ( سودا تورى كارخانىسى ) تور سۇپىسى ئارقىلىق ئىستىمالچىلارنى تاۋار بىلەن تەمىنلەيدىغان ، ئىستىمالچىلار مالنى توردا كۆرۈپ ، توردا پۇل تۆلەش ئارقىلىق سېتىۋالىدىغان شەكىل بۇلۇپ ، نۆۋەتتە مال سۈپىتى ئىشەنچىلىك ، تور سودىسى بىخەتەر بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۆنۇمى ياخشى بۇلىۋاتقان شەكىل بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ ، تۆۋەندە بۇ ساھەدىكى كارخانىلارنىڭ بازار ئىگەللەش نىسبىتىنى تەھلىل قىلىش رەسىمى بىرىلدى .
b2c تىپىدىكى تور بېكەتلەرنىڭ بازار ئىگەللەش نىسبىتى
رەسىمدىن كۆرگىنىمىزدەك تاۋباۋ سودا شەھەرچىسى ( 淘宝商城 ) %48.5 لىك ياخشى نەتىجە بىلەن بىرىنچى ئۇرۇندا تورغان ، جىڭدۇڭ سودا شەھەرچىسى ( 京东商城 ) ئىككىنچى ئۇرۇندا تۇرغان ، مەنمۇ دەل مۇشۇ ئىككى بېكەتتىن مال سېتىۋېلىشنى ئادەت قىلغان . بۇ خىل شەكىلدىمۇ مەلۇم ئوخشىماسلىق بار يەنى جىڭدۇڭ سودا شەھەرچىسى ( 京东商城 ) دىكى ماللارنى پۇتۇنلەي شۇ شىركەت تەمىنلىگەن ، مۇلازىمەت ئۆلچىمى ، قائىدە – يۇسۇنلىرى پۇتۇن بېكەتتە بىردەك ، تاۋباۋ سودا شەھەرچىسى ( 淘宝商城 ) دە يەنىلا نۇرغۇنلىغان سودىگەرلەر مال ساتىدىغان بۇلۇپ ، لىكىن مۇلازىمەت ئۆلچىمى ، قائىدە – يۇسۇنلىرىنى تاۋباۋ سودا شەھەرچىسى ( 淘宝商城 ) بېكىتكەن ، تىجارەتچىلەر مۇتلەق بويسۇنىشى كېرەك ، تىجارتچىلەر مۇشۇ قائىدىلەردىن چەتنەپ كەتمىگەن ئاساستا بىر قىسىم قۇشۇمچە قائىدە ئورنىتىدۇ ياكى سېتىشنى تىزلىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ .
بازار ئىگەللەش نىسبىتىنىڭ نىمىدىن دېرەك بىرىدىغانلىقىنى قېرىنداشلار بىلىدۇ ، مال تۈرلىرى ، باھاسى ، سۈپىتى ، بىخەتەرلىگى ، سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمىتى …….قاتارلىقلاردا مۇتلەق ئۇستۈنلۇككە ئىگە بولغاندىلا بازار ئىگەللىگىلى بۇلىدىغانلىقى بىر ھەقىقەت . شۇڭا بېكىتىمىز ئىستىمالچىلارغا مۇشۇ ئىككى بېكەتنى تەۋسىيە قىلىمىز .
3 . C2C : شەخىسلەرنىڭ شەخىسلەر بىلەن توردا سودا قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ ، يەنى سودىگەرلەر تور سودا سەھنىسى تەمىنلىگۈچى تور بېكەتلەرگە ئەزا بۇلۇپ .ئۆزىنىڭ تور دۇكىنىنى ئېچىپ ، ئۆز مەھسۇلاتىنى سېتىش ئۇسۇلىدۇر بۇنىڭ تىپىك مىسىلى تاۋ باۋ تور بېكىتى (淘宝网 ) .
c2c تىپىدىكى تور بىكەتلەرنىڭ بازار ئىگەللەش نىسبىتى
دىققەت : تاۋ باۋ تور بېكىتى (淘宝网 ) بىلەن تاۋباۋ سودا شەھەرچىسى ( 淘宝商城 ) نى پەرىقلەندۇرىۋېلىڭ ، ئىككىلىسى ئالى بابا شىركىتى قۇرغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تاۋباۋ سودا شەھەرچىسى ( 淘宝商城 ) كىيىن قۇرۇلغان ئىلگىرى تاۋ باۋ تور بېكىتى (淘宝网 ) نىڭ تارمىقى ئىدى يېقىندىن بۇيان مۇستەققىل تىجارەت قىلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلدى . سىز تاۋ باۋ تور بېكىتى (淘宝网 )نىڭ تور بېكىتىدىن رەسىمدىكى
قىزىل بويالغان ئۇرۇننى بېسىپ كىرسىڭىز مۇ بۇلىدۇ ، ياكى مۇستەققىل تور ئادرىسى http://www.tmall.com دىن كىرسىڭىز مۇ بۇلىدۇ .
ھەمراجاندىن.......
بىلوگىڭىزدا ياخشى مەمۇنلار ھەقىقەتەن كۆپكەن، پايدىلىق بىلىملەر بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت قىرىندىشىم
مەنمۇ تورسودىسىغا بەك قىزىقىمەن،بۇ بىلوگنىڭ قۇرۇلغىنى ھەقىقەتەن ياخشى بوپتۇ
تورسودىسى ھەققىدىكى بىلىملەردىن كۆپلەپ خەۋەردار بولىدىغان بولدۇقدە، رەھمەت
مەن ناھايىتى خۇشال بولدۇم مەن مۇشۇنداق ياخشى تىمىلارنىڭ تىخىمۇ كۆپ بولۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن
بىلوگىمنى ئاز-تولا ياقتۇرغان بولسىڭىز مەن شۇنىڭغا خۇش، دائىم قەدەم-تەشرىپ قىلىپ تۇرغايسىز