نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەتتورسودىسى>ئاساسىي مەزمۇن
تور سودىسىغا سەل قاراۋاتقان شىنجاڭ كارخانىلىرى
2012-يىلى11-ئاينىڭ12-كۈنى تورسودىسى ⁄ جەمئى 12498خەت بار 3پارچە ئىنكاس بار ⁄ 1,462 قېتىم كۆرۈلدى+
بەشىنجى ئەۋلاد قىممەت تولۇقلاش سىستىمىسى

تور سودىسى (ئېلېكترونلۇق سودا) ئىنتېرنېت تورىنى ۋاستە قىلىپ تىجارەت قىلىشنى كۆزدە تۇتىدۇ. ھازىرقى دەۋىر ئۇچۇر تورى جەمئىيەتكە ئاز بولمىغان ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم يارىتىپ بەردى ھەم ياراتماقتا. ئىنتېرنېت تورىنىڭ كەڭ ئومۇملىشىشى توردىن پايدىلىنىشقا ماھىر كىشىلەرنى چوڭ سودا پۇرسەتلىرى بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولغان تور سودىسى يېقىنقى ئون نەچچە يىل ئىچىدە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. پۈتۈن دۇنيادىكى ھەممە شىركەت-كارخانىلار ئىنتېرنېت تورىدا ئولتۇراقلىشىپ، ئۆز كارخانىسىنى تەشۋىق قىلىشقا كۈچىدى، شۇنداقلا مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىگە ساتىدىغان پۇرسەت ئىزلىدى. مانا بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۆيىمىزدە ئولتۇرۇپلا تور ئارقىلىق ئارىلىساق ئۆزىمىزگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى قىينالمايلا سېتىۋالالايدىغان دەرىجىگە كەلدۇق.

بۇ خىل مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان تور دۇكانلىرىغا قارايدىغان بولساق، مەبلىغى نەچچە يۈز يۈەنلىك ساتارمەنلەردىن تارتىپ نەچچە يۈز مىليونلۇق چوڭ سودىگەر، كارخانىچىلارنىڭ تور سودىسىغا ئوتتەك كىرىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىمىز. بۇلارنىڭ ئىچىدە دۇنيادىكى بەش يۈز كۈچلۈك كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىمۇ ناھايىتى زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئادەتتىكى نەچچە ئون مىڭ يۈەنلىك بىر كىيىم-كېچەك دۇكىنىنى ئېلىپ ئېيتساقمۇ توردا دۇكان ئېچىش ئەمەلىي دۇكاننىڭ تىجارەت دائىرىسىنى چەكسىز كېڭەيتكەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ، خۇددى ئانچە مۇھىم بولمىغان بىر تال ۋېنتىنى ئۈچ ئادەمنىڭ ئالدىغا تاشلىغان چاغدىكى نەتىجە بىلەن مىڭ ئادەمنىڭ ئالدىغا تاشلىغان چاغدىكى نەتىجىنىڭ پەرقلىق بولىدىغانلىقىغا ئوخشايدۇ. ئۈچ ئادەمنىڭ بۇ ئاددىي ۋېنتىغا ئېھتىياجى چۈشمىگەن بىلەن مىڭ ئادەمنىڭ ئىچىدىن بىرەرسىنىڭ شۇنداق نەرسىگە ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ. كوچا-كويلاردىكى، سودا سارايلاردىكى ئەمەلىي دۇكانغا ئۈچ ئادەم نەزەر سالسا تور مۇھىتىدىكى سودا دۇكانلىرىغا مىڭلىغان-يۈز مىڭلىغان خېرىدار يۈزلىنىدۇ.

دېمەك، تور سودىسى دۇكاننىڭ (كارخانىنىڭ) سېتىش بوشلۇقىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىدۇ، چەكسىز سودا ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ كۆزىگە چېلىقمايدىغان كىچىككىنە دۇكان تور دۇنياسىدا يۈز مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە نائىل بولۇشى مۇمكىن. يەنە كېلىپ تور دۇنياسى جاي ئاتلاپ، ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي سودا قىلىش مۇھىتىنى يارىتىپ بېرىدۇ. تىجارەت تور دۇنياسىغا كېڭەيسە، سېتىۋالغۇچى ئەۋەتىش ھەققىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئەھۋالدا (تور سودىسىدا قائىدە بويىچە ئەۋەتىش ھەققىنى سېتىۋالغۇچى تەرەپ ئۆزى تۆلەيدۇ) سىز ئۆيدىن چىقمايلا دۆلەت ئىچىدىكى، چوڭ جەھەتتىن ئېيتقاندا، دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايىدىكى خېرىدارغا مېلىڭىزنى ساتالايسىز. مەيلى ئۇ ئاددى بىر قاپ سەرەڭگە بولسىمۇ. شۇ سەۋەبلىك سىزنىڭ تىجارىتىڭىز ئاۋۇيدۇ، كىرىمىڭىزمۇ كۆپىيىدۇ. مۇشۇنداق ياخشى ئىشنى قىلماسلىققا كىمنىڭ باھانىسى بار؟

نۆۋەتتە، رايونىمىزدا مانا مۇشۇنداق قولاي ھەم ئەپلىك سودا پۇرسىتىگە سەل قاراۋاتقان شىنجاڭ كارخانىلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى ئاز ئەمەس. مەن تور سودىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق تور بېكەتلىرىنى ئارىلاش جەريانىدا ئەپسۇسلىنارلىق ئىچىدە شۇنى بايقىدىمكى، تېلېۋىزوردا دائىم ئېلانلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدىغان، نامى قۇلقىمىزغا تۇنۇشلۇق بولۇپ كەتكەن كارخانىلارنىڭ ماركا ۋە مەھسۇلاتلىرىنى بۇنداق تور بېكەتلىرىدىن تاپماق بەسىي مۈشكۈل. مەن مەزكۇر سودا بېكەتلىرىدە ئۇيغۇر كارخانىلىرى ئىچىدىكى بىزگە تونۇشلۇق چوڭ ماركا دەپ ھېسابلىنىدىغان پەقەت بىر-ئىككىلا شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئۇچراتتىم. ئەمما، بۇ شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشى، رەسىملىرى قول ئۇچىدىلا تەييارلانغان، تۈرلۈك ئۇچۇرلىرى تولىمۇ يېتەرسىز ھەم بەكلا ئاددىي ئىدى. يەنە كېلىپ مەھسۇلات تۈرى ئىنتايىن ئاز، قىلچە پايدىلىنىش قىممىتى يوق بولۇپ، بۇنداق تور دۇكانلىرىدىن شەخسەن مەن مال سېتىۋالمايمەن. گەپنى ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىنىڭ تور دۇنياسىدا سودا پائالىيىتى يوق ھېسابتا. ھەتتا كۈندە كومپيۇتېر، تور بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرۈيدىغان كومپيۇتېر مۇلازىمەت شىركەتلىرىنىڭمۇ بۇنداق بازارنى تەرىك ئەتكەنلىكى ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ. نۆۋەتتىكى تور دۇنياسى ئاللىقاچان ئىلگىركى خىرىدار ساقلايدىغان ئەنئەنىۋى، پاسسىپ سودا ئۇسۇلىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، تېخىمۇ كۆپ خېرىدارلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزلەيدىغان ئاكتىپ سودا مۇھىتى يارىتىپ بەردى.

تور تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدىغانلىقى، تور ئىستېمالچىلىرىنىڭمۇ كۆپىيىپ ماڭىدىغانلىقى رېئال ئەھۋال. ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تاۋباۋ تورىنىڭ ئابونتلىرى ئىككى يۈز مىليونغا يېقىنلىشىدىكەن. دۆلىتىمىز نوپۇسىنىڭ ئالتىدىن بىرىگە باراۋەر كېلىدىغان بۇ تور ئابونتلىرى ئىنتايىن چوڭ بازار ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ نوپۇسى 20 مىليون كېلىدىغان رايونىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئون ھەسسە چوڭ بازار بىلەن باراۋەر. 2012-يىلى پۈتۈن دۇنيادىكى تور ئابونتلىرىنىڭ سانى بىر مىليارد توققۇز يۈز مىليوندىن، دۆلەت ئىچىدىكى تور ئابونتلىرى بەش يۈز مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق زور ساندىكى تور ئابونتلىرى غايەت كۆپ سودا پۇرسەتلىرىنى يارىتىدۇ. بەزى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا تور سودىسىنىڭ راۋاجلىنىشى يەرلىكتىكى بىر قىسىم سودا ئورۇنلىرى ۋە تاللا بازارلىرىغا خېلى زور زەربە پەيدا قىلغان.

نۆۋەتتە، تور ئىگىلىكى ئىلگىرىكى كارخانىلار بىلەن ئىستېمالچىلار ئوتتۇرىسىدىكى چەكلىك سودا يوللىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كېڭەيتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ئىستېمالچىلار توپىنى بارلىققا كەلتۈردى. مانا مۇشۇنداق چوڭ ئىستېمال بازىرىنى ئېچىشقا سەل قارىغان كارخانىچىنى مۇنەۋۋەر تىجارەتچى دېگىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ، پەقەت ئەنئەنىۋى سودا ئۇسولىغىلا تايىنىپ، يېڭىچە سودا ۋاستىسىغا سەل قارايدىغان كىشىلەر تېز تەرەققىيات پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. ئىلگىرى كۆپلىگەن تور ئابونتلىرى تورنى خەت يوللاش، ماتېرىيال ئىزلەش، پاراڭلىشىش، كىنو كۆرۈش، ئويۇن ئويناش دېگەندەك ئىشلار ئۈچۈن ئىشلەتكەن بولسا، ئەمدىلىكتە تور دۇنياسى ئارقىلىق مال سېتىۋېلىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە. ھەتتا، نەچچە يۈز مىليون ئابونت كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ مال سېتىۋېلىشتىن خالىغان جايدا، خالىغان ۋاقىتتا يان تېلېفون بىلەن تورغا كىرىپ ئەركىن-ئازادە مال سېتىۋېلىشقا قاراپ تەرەققىي قىلماقتا. ئېنىقكى، ئىقتىدارى تېخىمۇ مۇقىم تېلېفونلارنىڭ ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ يان تېلېفون بىلەن مال سېتىۋالىدىغانلار تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. بۇ كىشىلەر مەيلى ئىشخانىدا، مەيلى سەپەردە، ۋە ياكى ساياھەتتە بولسۇن ئوخشاشلا توردىن بىمالال مال ئالالايدۇ.

ئۇنداقتا ئۇيغۇر كارخانىلىرى نېمە ئۈچۈن ئېلېكتىرونلۇق سودىغا قەدەم قويمايدۇ؟

ئۇيغۇر كارخانىچىلار تور سودىسىنىڭ ماھىيىتى ۋە ئەھمىيىتىنى ئانچە چۈشەنمەسلىكى، چۈشەنگەن تەقدىردىمۇ ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ كارخانىچىلار ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرى پەقەت تۇرمۇش سەۋىيەسى بىر قەدەر تۆۋەن شىنجاڭ ئاھالىسىگىلا ماس كېلىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولمايدۇ، دەپ ئويلايدىغانلىقىنىمۇ چەتكە قاققىلى بولمايدۇ. بۇ خىل قاراش ئېنىقكى، كارخانىنىڭ رىقابەت ئارقىلىق تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىنى كىچىكلىتىۋېتىدۇ. ئەقىللىق كارخانىچى تور دۇنياسىدىكى بازار ئەھۋالىنى چۈشىنىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانداق مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئىگىلىسە، كارخانىنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش تاكتىكىسىنى شۇنىڭغا لايىق ئۆزگەرتسە، مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ ئىشلىسە، چوقۇم كەڭ تور ئىستىمالچىلىرىنىڭ دىققىتىگە نائىل بولالايدۇ. تور سودىسى داۋامىدا مەلۇم بىر خىل مەھسۇلاتنىڭ بەلگىلىك ۋاقىت (مەسىلەن، بىر ئاي) ئىچىدە سېتىلىش مىقتدارىنى ئېنىق ئىگىلەپ تۇرغىلى، شۇنىڭغا ئاساسەن بازار تەكشۈرۈش دوكلاتى تەييارلاپ، تورداشلار ياقتۇرىدىغان مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش سالمىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدىكى، ئەمەلىي دۇكاندا سودا قىلىش كارخانىنىڭ ئوڭ قانىتى ھېسابلانسا، توردا سودا قىلىش كارخانىنىڭ سول قانىتى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا بۇ قانات بارغانسىرى كۈچىيىپ بارىدۇ، ھەتتا ئوڭ قاناتتىنمۇ چوڭلاپ كېتىشى مۇمكىن.

تۆۋەندە بىز كىيىم-كېچەك كەسپىنى مىسال قىلىپ بۇ مەسلىنى تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇپ كۆرەيلى:

بىز كىيىۋاتقان كىيىملەرگە ئىككى خىل ئۇسولدا ئېرىشىمىز، بىرى تەييار كىيىمنى سېتىۋېلىش، يەنە بىرى بۇيرۇتۇپ تىكتۈرۈپ كىيىش. بەزى ژۇرناللارنىڭ مۇقاۋىلىرىدا، تېلېۋىزۇرلاردا ئىنتايىن چىرايلىق تىكىلگەن كىيىملەرنىڭ ئېلانلىرىنى كۆرۈپ قالىمىز. ئەمما، سېتۋالايلى دېسەك بۇنداق كىيىملەر بىزگە يېقىن دۇكانلاردا يوق. گەپنىڭ قىسقىسى، مۇنداق كارخانىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۈرۈمچىگە توپلاشقان بولۇپ، ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان ھالدا سودا قىلىدۇ. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى شەھەر-ناھىيەلىرىدە ۋاكالەتچى دۇكان ئېچىشقا قۇربى يەتمەيدۇ ياكى ھەممىلا يەردە ئېچىپ بولالمايدۇ. بۇنداق كەمچىلىكنى تولۇقلاشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى، توردا دوكان ئېچىشتىن ئىبارەت. تور دۇكىنى ئارقىلىق ھەرقايسى جايلاردىكى خېرىدارلارغا بىۋاسىتە مال سېتىپ بەرسە بولىدۇ.

تىككۈچىلىك كەسپىمۇ ھەم شۇنداق. بىر قىسىم كىشىلەر ئالاھىتەن شۇنچە يىراقلاردىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ماھىر كىيىم تىككۈچىلەرگە كىيىملەرنى مەخسۇس تىكتۈرۈپ ئېلىپ كېتىدۇ. بۇ خېرىدارنى خېلى چوڭ چىقىمغا دۇچار قىلىدۇ. ناۋادا سودىغا ئېپى بار تىككۈچى بولسا ئۆزىنىڭ بارلىق ماھارىتىنى تور دۇنياسى ئارقىلىق كەڭ خېرىدارلارغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. خېرىدارلار ئۆيىدە ئولتۇرۇپ، كومپيۇتېر ئارقىلىق تىككۈچى بىلەن ئالاقىلىشىپ مەقسىتىنى ئېنىق ئېيتىپ، خالىغان كىيىمنى تىكتۈرەلەيدۇ. ناۋادا تىككۈچى يېتىشمەي قالسا، باشقا كىشىلەرنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرسە، نۇرغۇن كىشىنى سودا پۇرسىتىدىن، ئىش ئورنىدىن بەھرىمەن قىلالايدۇ. مېنىڭچە، كىيىم-كېچەك ساھەسىدىكى ماھىر ئۇستىلار، لايىھەلىگۈچىلەر مۇشۇ ئارقىلىق ئۆز رولىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرەلەيدۇ، پۇلمۇ تاپالايدۇ، كەڭ خېرىدارلارنىڭ مىللىي كىيىم-كېچەككە بولغان ئېھتىياجىنىمۇ بەلگىلىك قاندۇرالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يەرلىك يېمەكلىكلەرنىمۇ (مەسىلەن، تونۇر كاۋىپى) تورغا يۈزلەندۈرۈشكە تامامەن بولىدۇ. يەنە تېخى مىللىي قول ھۈنەر بۇيۇملىرى، ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرى (مەسىلەن، ئەتلەس، خوتەن قەغىزى، سەنئەت تۈسى قويۇق، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە چالغۇ ئەسۋابلىرى) قاتارلىقلارمۇ بار. بۇ نەرسىلەرنىڭ پەقەت بىر مىللەت خەلقىنىڭ ياقتۇرۇشى بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىشى ناتايىن. نەچچە يۈز مىليونلىغان كىشىلەر ئىچىدىن بۇ خىلدىكى نەرسىلەرنى ياقتۇرىدىغانلار چىقىدۇ.

بەلكىم، بۇ تىجارەتچىلەر تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلالماسلىقىدىن ئەنسىرىشى مۇمكىن. ئەمما، شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى، بىزدە ئادەم بايلىقى يېتەرلىك. نېمىشقا تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرنى كەسىپلەر بويىچە تەربىيەلەپ، تېخىمۇ چوڭ سودا قىلىشقا پۇرسەت ياراتمىغۇدەكمىز؟ ئىختىساس ئىگىلىرى، ئەمەلىي قوللىنىشلىق كەسىپلەر تېخنىكىسى تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇپ، لازىملىق كېرەكلىك تېخنىك ئۇستىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا تامامەن چامىمىز يېتىدۇ. شۇ ئارقىلىق تەمىنلەش مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا تامامەن بولىدۇ. بۇ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئىش ئورنىدىن بەھرىمەن قىلىپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشقا بەلگىلىك تۆھپە قوشىدۇ. ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋى ئىگىلىك ئۇسلۇبىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، تور تېخنىكىسىدىن ئىبارەت يېڭىچە ئىگىلىك تىكلەش مەيدانىغا باشلايدۇ.

رايونىمىزدا بىر قىسىم ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان كارخانىلار بارلىققا كەلدى. ئەمما، بۇ شىركەتلەرنىڭ تۇتقان يولى ئەنئەنىۋى مەھسۇلات، ئەنئەنىۋى سودا ئۇسۇل بىلەن ئاللىقاچان كۈلەملەشكەن ئەنئەنىۋى مەھسۇلات بازىرىغا قىستىلىپ كىرىش بولۇپ، يول ئىنتايىن جاپالىق. ئەمما، بۇ مەھسۇلاتلارنى تور سودىسىغا ئېلىپ كىرسە ئويلاپمۇ باقمىغان ئىقتىسادىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن. چۈنكى تور دۇنياسىدا داڭلىق ماركىدىكى ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىدىن تارتىپ شالغۇت ماركىدىكى نەچچە يۈز يۈەنلىك مەھسۇلاتلارغىچە ھەممىنى ئۇچراتقىلىق بولىدۇ. بۇ خىلدىكى ئەرزان مەھسۇلاتلارنىڭمۇ سېتىلىشى ناھايىتى تېز.

كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجى ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى ئاشكارە ئېھتىياج، يەنى ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق تۇڭلاتقۇ، كىرئالغۇ قاتارلىق ئېقىمغا ئايلانغان مەھسۇلاتلارغا بولغان ئەنئەنىۋى ئېھتىياجى. يەنە بىر خىلى يۇشۇرۇن ئېھتىياج. يۇشۇرۇن ئېھتىياجنى پەقەت كۆزىتىشكە ماھىر كىشىلەرلا بايقىيالايدۇ. كىشىلەر بۇنداق نەرسىلەرنى ئۇچراتسا ئىختىيارسىز ‹‹ۋوي، ئەجەپ قولايلىق نەرسىكەنغۇ بۇ›› دەۋېتىدۇ. مىسالەن، ھازىر كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قولىدا ئۇششەك-چۈششەك نەچچە خىل ساقلىغۇچ كارتا (يان تېلېفوننىڭ، رەسىم ئاپاراتىنىڭ دېگەندەك)، بارماق دېسكا، كۆچمە دېسكا قاتارلىقلار بار. بۇلارنى كومپيۇتېرغا چېتىپ ئۆزئارا ماتېرىيال كۆچۈرۈش، نۇسخىلاش ئاۋارىچىلىق ئىش. بۇ قولايسىزلىقنى ھېس قىلغان بىر قىسىم ئېلېكترون سودىگەرلىرى يۇقىرىقى ئۈسكۈنىلەرنى ئۆزئارا چاتالايدىغان يىغىنچاق، توپلاشتۇرۇلغان ئىقتىدارغا ئىگە، باھاسى مۇۋاپىق بىر قىسىم ئەپلىك مەھسۇلاتلارنى بازارغا سالدى. بۇ مەھسۇلاتلار كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. مانا بۇلار ئىستېمال ئەنئەنىسىگە ئايلانمىغان، ئەمما، كىشىلەرنىڭ يۇشۇرۇن ئېھتىياجى بار نەرسىلەردىن ئىبارەت. بۇنداق مەھسۇلاتلار ئەمەلىي دۇكاندا سېتىلسا تەننەرخى ئېشىپ كېتىدۇ. پەقەت تورلا بۇ خىل تاۋارلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك سېتىش ئورنى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىمۇ كىشىلەرنىڭ يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنى بايقاپ، قولايلىق، ئەپلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرىپ تور ئارقىلىق ساتسا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ. تور سودىسى كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. تور ئارقىلىق قانداق نەرسىلەرنىڭ بازىرى ئىتتىك، قايسى مەھسۇلاتلارنىڭ بازىرى كاسات دېگەندەك بىر قاتار ئۇچۇرلارنى توپلاپ، رەتلەپ، تۈرگە ئايرىپ مۇلاھىزە قېلىش ئارقىلىق شىركەتنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئىستراتېگىيەسىنى جانلىق تەڭشىگىلى بولىدۇ. ئۆز خاھىشى بويىچە زورلاپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشتىن بازار ئەھۋالى بويىچە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق.

نۆۋەتتە، تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرى رايونىمىزنىڭ ھەممىلا شەھەرلىرىگە دېگۈدەك ئومۇملاشتى. يەنە كېلىپ ھەممە يېزا-بازارلىرىنى قاپلىغان پوچتا تورى بار. سېتىۋالغۇچى تەرەپ بارلىق يەتكۈزۈش چىقىمىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدىغان مۇشۇنداق ئەۋزەللىكلەر بار يەردە، تور سودىسىنى كەڭ يايماسلىققا يەنە قانداق باھانە بار؟

ئەلۋەتتە، بىر قىسىم شەخسىي ئۇيغۇر تور ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تور سودىسى بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتىنى يولغا قويغانلىقىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ. بىراق، بۇلاردا كۆلىمى چەكلىك، ئاساسى ئاجىز، تونۇلۇش دائىرىسى تار، ئىستېمال ئوبيېكتى يەككە، مال تۈرى ئاز بولۇشتەك نۇقسانلار مەۋجۇت. تور سودىسىغا زۆرۈر بولغان بىر قاتار تەرتىپلىرى، نازارەت قىلىش ھالقىسى مۇكەممەل بولمىغاچقا ئىشەنچىلىك دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. مەھسۇلات سېتىلغاندىن كېيىنكى مۇلازىمەت ۋە باشقا تۈرلۈك ماجرالارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىمۇ يىتەرسىز. ئۇنىڭدىن سىرت، بۇ كىچىك تور بېكەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تىرىكى كۈچلۈك بولمىغاچقا ھەر ۋاقىت ئېتىلىپ قىلىش مۇمكىنچىلىكى بار. شۇڭا، بۇ خىلدىكى تور بېكەتلىرى ئارقىلىق سودا پۇرسىتىنى كېڭەيتىمەن، دېيىش بەئەينى ئادەمسىز چۆل-جەزىرىدە يايما يېيپ ئولتۇرغانلىق بىلەن باراۋەر.

بىزگە مەلۇم، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇر كارخانىلىرى ئاساسەن كىچىك ياكى مىكرو تىپتىكى كارخانىلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇلارنىڭ كۆلىمى كىچىك، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى چەكلىك. بۇنداق كارخانىلار تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، چوڭىيىش پۇرسىتىگە ئېرىشمەكچى بولسا ھەر تەرەپلىمە سودا پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەسلىكى كېرەك. ناۋادا تور سودىسىنى يولغا قويۇپ، تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتسە، كىرىمى ئېشىپ، كارخانىمۇ چوڭىيىپ ماڭىدۇ. كارخانىلار پەقەت ئۆزلىرىگە تەۋە كارخانا تور بېتىنى ئېچىپ قويغانلىق بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ. كارخانا تور بېتى مەھسۇلات توغرۇلۇق بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى تەمىنلىسىمۇ، بىۋاسىتە سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ. ئىستېمالچىلار بۇنداق سودا ھالقىسى تولۇق بولمىغان تور بېكەتلىرىدىن مال سېتىۋېلىشتىن ناھايىتى ئېھتىيات قىلىدۇ. شۇڭا، ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى ئەلى بابا، تاۋباۋ قاتارلىق چوڭ سودا قولايلىقى بىلەن تەمىنلەيدىغان تور بېكەتلىرىگە كىرگۈزۈشى، ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى پەقەت تار دائىرىدىكى بىر قىسىم خەلقنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا پۈتۈن دۇنيانى كۆزدە تۇتقان ئاساستا ئىشلەپچىقىرىشى، شۇنىڭغا يۈزلەندۈرۈشى كېرەك.

ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان

نۆۋەتتە 3 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :2 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :1 پارچە

  1. ئېقىن : 2012-يىلى11-ئاينىڭ16-كۈنى10:43:42  -49-رەت @جاۋاب جاۋاب

    تىرىشۋاتىمىز ! ئاز قالدى ھەممىگە ….

    • تورسودا : 2012-يىلى11-ئاينىڭ17-كۈنى13:00:37  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      تىرىشىش كىرەك، بۇ چوقۇم پايدىلىنىشقا تىگىشلىك چوڭ بوشلۇق :smile:

  2. زەپەر : 2012-يىلى12-ئاينىڭ05-كۈنى19:58:41  -48-رەت @جاۋاب جاۋاب

    تورسودىسى تەرەققىيات ئىستىقبالى زوركەسىپ،پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى پايدىلىنىش كىرەك

بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !

باش سۈرىتىڭىز ؟