نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەتتورسودىسى>ئاساسىي مەزمۇن
تور سودىسى ۋە ئۇيغۇر تور سودىچىلىقى ھەققىدە ئومۇمى بايان
2012-يىلى11-ئاينىڭ17-كۈنى تورسودىسى ⁄ جەمئى 6484خەت بار 11پارچە ئىنكاس بار ⁄ 1,841 قېتىم كۆرۈلدى+
بەشىنجى ئەۋلاد قىممەت تولۇقلاش سىستىمىسى

 

تور سودىسى زامان ، ماكان ۋە ئورۇننىڭ چەكلىمىسگە ئۇچرىمايدىغان بىرخىل زامانىۋى سودا شەكلى بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرشىپ كەلگەن.
چۈنكى بۇخىل سودا شەكلىدە ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچى ھەر ئىككىلى تەرەپكە پايدىلىق تەرەپلىرى بار.

ساتقۇچىغا نىسبەتەن قولايلىق تەرەپلىرى

1. سىلىنىدىغان مەبلەغ ئاز : دۇكان ئىجارىسى ،مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بىجىرىشكە كىتىدىغان خىراجەتلەرنى تىجىگىلى بولىدۇ،تەشۋىقاتقا كىتىدىغان خىراجەتنى تىجىگىلى بولىدۇ.

2. خەتىرى ئاز: ماللارنى ھەدىدىن زىيادە كۆپ كىرگۈزۈش ھاجەتسىز مال بىسىلىپ قىلىش ئاۋارچىلىقى يوق.

 

3. ئورۇن ،ۋاقىت نىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ: سىز قەيەردىلا بولۇڭ مەھسۇلاتىڭىز كىشىلەر ئىھتىياجلىق مەھسۇلات بولسىلا دۇنيانىڭ ھەممە يىرىدىن خېرىدار چاقىرالايسىز . مەيلى كىچە مەيلى كۈندۈز كومپىيوتېر تورلا بار ئەھۋال ئاستىدا سودا قىلالايسىز ھىچقانداق ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايسىز.

 

4. قالىدىغان پايدا نىسپىتى يۇقىرى : توردا سودا قىلغاندا سىز نۇرغۇن خىراجەتلەرنى تىجىيەلەيسىز .مەسىلەن دۇكان ئىجارىسى ، توك، سۇ پۇلى ،مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرگە كىتىدىغان خىراجەتلەر،خادىملارنىڭ مۇئاشى دىگەندەك شۇڭا مالنىڭ تەننەرخى خېلىلا تۆۋەن بولىدۇ پايدىنى سەل كۆپرەك ئالسىڭىزمۇ سىتىۋالغۇچىلار قوبۇل قىلالايدۇ.

تور سودىسىنىڭ سېتىۋالغۇچىلارغا نىسبەتەن پايدىلىق تەرەپلىرى

1. سىتىۋالغۇچى ۋاقىت زىھنىنى تىجىيەلەيدۇ : سىز بازار رەسىتىلەرگە چىقماي تۇرۇپ ، شەھەر ئاتلىماي تۇرۇپ ، ۋاقتىڭىزنى زىھنىڭىزنى ئىسراپ قىلماي تۇرۇپ مال سېتىۋىلىش ئارزۇيىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرالايسىز شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىڭىزنى بازار ئايلىنىشقا ئەمەس ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرىپ قىلىشقا ئاجرىتالايسىز. تاللاش ئىمكانىيىتىڭىز يۇقىرى ،سەرىپ قىلىدىغان ۋاختىڭىز ئاز.

2. زامان ، ماكان ، ئورۇن ، ۋاقىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ : دۇنيانىڭ بۇ چېتىدە تۇرۇپ ئۇ چېتىدىن تاۋار سىتىۋالالايسىز، ھەتتا يىرىم كىچىدىمۇ ،بايرام كۈنلىرىمۇ تاۋار سىتىۋالالايسىز

 

3. مال باھاسى بازار باھاسىدىن خىلىلا تۆۋەن : سودېگەرگە نىسبەتەن قولدىن قولغا ئۆتۈش كۆپ بولمايدۇ ،دۇكان ئىجارىسى ۋە باشقا ئارتۇق تەننەرىخ قىتىلمايدۇ مال باھاسى ناھايىتى مۇۋاپىق بولىدۇ.

سودا تورى يۇقارقى ئالاھىدىلىكى بىلەن خەلقئارادىكى ھەم يىڭى ، ھەم ئىستىقباللىق سودا شەكلىگە ئايلاندى
بۇنىڭدىن كىيىن كىشىلەر تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر ئىھتىياجغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئەمەلىيەت ئېسپاتلىدى 2009-يىلىدىن باشلاپ دۆلىتىمىزنىڭ تور سودىسى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىپ تور سودىسى قىلىدىغانلارغا يىڭى بىر پۇرسەت ئېلىپ كەلگەن .

ئىنقلانغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا دۆلىتىمىزدە 2009-يىلى تور سودا سىتىش ئومۇمى سوممىسى 2 مىليارد 388 مېلىيۇن يۈەن بولغان.

2011-يىلى 5 مىليارىت 760 مېلىيۇن يۈەنگە يەتكەن بولۇپ توردا مال سېتىۋالىدىغانلارنىڭ كۆپۈنچىسى ھازىرقى زامان ياشلىرى ئېكەن . دېمەك بۇ كەسىپ بۇندىن كىيىن تېخىمۇ تەرەققى قىلىدۇ دىگەن گەپ كىم بىر قەدەمنى بالدۇر ئالسا شۇ نىڭ تەرەققىياتى تىز بولىدۇ دگەنلىك.

دۆلىتىمىزدە چوڭ كىچىك بولۇپ نەچچە مىڭدىن ئاارتۇق سودا تور بىكەتلىرى بارئېكەن بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ تەرەققى قىلغىنى تاۋباۋ سودا تورى ئېكەن.
دۆلىتىمىزدە تور سودىسى قىلىۋاتقانلار شۇنچە كۆپ ئېكەن بىزنىڭ سانىمىزمۇ ئانچە ئاز ئەمەس بىز نىمىشقا قىلالمايمىز؟ بىزدە تىخنىكا كەممۇ ياكى ئىقتىسادمۇ ياكى بىزدە پەقەتلا ئىھتىياج يوقمۇ؟ مەن ئويلاندىم بىزدە ئىھتىياج بار ، ئىقتىسادمۇ ھەر ھالدا بولىدۇ بۇ بىر كارخانىچىغا نىسبەتەن چوڭ قىيىنچىلىق ئەمەس تېىخنىكىمۇ ھەر ھالدا بولىدۇ. كۆزگە كۆرۈنگەن پىروگىراممېرلىرىمىز تۇرغان يەردە بۇ ھىچ چوڭ قىيىنچىلىق ئەمەس .
نىمىنىڭ كەملىكىنى ھەقىقى تونۇپ يەتتىم بىزدە تەشكىللەش كەم بىرەرئۇيغۇر تور سودا كارخانىسى خۇددى تاباۋغا ئوخشاش كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرغا چىقىپ تور سودىسىدىن ئىبارەت بۇ شەيئېنى تونۇشتۇرمىغان تونۇشتۇرغان بولسىمۇ يۈزەكى كەمتۈك تونۇشتۇرغان ، بۇنىڭغا نىسبەتەن ساتقۇچىلارمۇ ،سېتىۋالغۇچىلارمۇ قايىل بولمىغان شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ تور سودىسى تەرەققى قىلالمىغان .
چۈنكى تور سودىسى بىزگە نىسبەتەن يىڭى شەيئى ھەم ئۇنىڭدا ساتقۇچى ۋە سىتىۋالغۇچىغا نىسبەتەن خەتەر يوشۇرۇنغان مەسىلەن : سىتىۋالغۇچى بىلەن ساتقۇچى بىر بىرىنى كۆرمەي تۇرۇپ تور ئالاقىسى ئارقىلىق سودا قىلىدىغان بولغاچقا قانداق پۇل تۆلەش ، قانداق مال ئەۋەتىش پۇل سالغاندىن كىيىن ساتقۇچى مالنى ئەۋەتەمدۇ يوق دىگەندەك نۇرغۇن مەسىلىلەر بولغاچقا تور سودىسى قىلىشنى ئويلىغانلارمۇ ، توردا مال سېتىۋىلىشنى ئويلىغانلارمۇ دەرھال قىزىقىدۇ ئەمما تىزلا ۋاز كىچىدۇ .
ئۇيغۇرلاردىمۇ تورسودا بىكەتلىرى خىلى ئىچىلدى ئەمما يەنىلا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمىدى .
ئەمەلىيەتتە بۇ مەسىلىنىمۇ ھەل قىلغىلى بولىدۇ. باشقا تەرەققى قىلغان سودا تور بىكەتلىرى قىلىۋاتقان ئۇسۇل بىلەن قىلىشقىمۇ بولىۇ. ياكى ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشقىمۇ بولىدۇ.
ھازىر كۆپۈنچە مۇۋاپىقىيەت قازانغان سودا تور بىكەتلىرى ئاپتۇماتىك ئۈچىنجى تەرەپنىڭ كاپالىتى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتىدۇ ، بۇنىڭدىكى مەشخۇلاتلار،قىلالايدىغانلارغا نىسبەتەن ئەڭ قولايلىق ھەم بىخەتەر پۇل تاپشۇرۇش ئۇسۇلى .
بۇخىل پۇل تاپشۇرۇش شەكلىدە سىتىۋالغۇچى تاۋار پۇلىنى ئوتتۇردىكى بىر ۋاسىتىچى شىركەت ھىساباتىغا كىرگۈزىدۇ ،پۇل كىرگەنلىك ئۇچۇرىنى ساتقۇچى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن مالنى سىتىۋالغۇچىغا ئەۋەتىدۇ .
سېتىۋالغۇچى مالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ئۇچۇرنى ۋاستىچى شىركەتكە يەتكۈزىدۇ .ۋاستىچى شىركەت مالنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ئۇچۇرنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن پۇلنى ساتقۇچىنىڭ ھىساباتىغا كىرگۈزىدۇ پۈتكۈل سودا جەريانى ئاپتۇماتىك كومپىيوتېر مەشخۇلاتى ئارقىلىق بىجىرىلىدۇ. مانا بۇ تور سودىسىنىڭ جانلىنىشىغا سەۋەپ بولغان ئەڭ چوڭ ئامىل چۈنكى ھەر ئىككى تەرەپ گەرچە بىر بىرىنى كۆرمىسىمۇ باراۋەر تۇرۇپ سودا قىلىدۇ. ئەمما بۇخىل سودا قىلىش جەريانىنى ھەممىلا ئادەم قىلالمايدۇ،مەشخۇلات جەريانى بىر قەدەر مۇرەككەپ. شۇڭا ھەرقانداق بىر تور سودا شىركىتى تەرەققى قىلىمەن دەيدىكەن مۇشۇ خىل سودا شەكلىنى ساتقۇچىغىمۇ سىتىۋالغۇچىغىمۇ ئۈگىتىشى كىرەك .سودا تور شىركەتلىرى بۇ جەھەتتە چوقۇم مەسئۇلىيەتچانراق بولىشى كىرەك .
بىز يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك يەنە بىر خىل بىر قەدەر ئەنئەنىۋى بولغان ئەمما ساتقۇچى ۋە سىتىۋالغۇچى ئىككى تەرەپنى ئادىل سودا قىلىشقا يىتەكلەيدىغان يەنە بىرخىل ئۇسۇلنى قوللۇنۇش كىرەك بۇنىڭدا ،تور سودا شىركەتلىرى ساتقۇچى ۋە سىتېۋالغۇچى ئوتتۇرسىدا ۋاستىچى بۇلۇپ سودا جەريانىغا قۇماندانلىق قىلىش .
سىتىۋالغۇچى ناۋادا ئاپتۇماتىك پۇل تۈلەش مەشخۇلاتىنى قىلالمىسا ساتقۇچى بىلەن سىتىۋالغۇچى مال باھاسى قاتارلىق ئىشلاردا كىلىشىپ بولغاندىن كىيىن مەزكۇر تور سودا شىركىتىنىڭ ھىساباتىغا پۇل كىرگۈزىدۇ .
مەزكۇر تورسودا شىركىتى پۇل كىرگەنلىكىنى ساتقۇچى تەرەپكە ئۇقتۇرغاندىن كىيىن سىتېۋالغۇچىغا پۈتۈشكەن مالنى ئەۋەتىدۇ مال يىتىپ بارغاندىن كىيىن سېتىۋالغۇچى مال تاپشۇرۋالغانلىق ئۇچۇرنى مەزكۇر تور شىركىتىگە ئۇقتۇرىدۇ .مەزكۇر تور شىركىتى پۇلنى سىتىۋالغۇچى تەرەپ ھساباتىغا كىرگۈزۈپ بىرىدۇ
مانا مۇشۇخىل سودا شەكلىنى قوللانغاندا كۆپلىگەن ئادەملەر قوبۇل قىلالايدۇ ،مەشخۇلات جەريانىمۇ ئانچە مۇرەككەپ ئەمەس لىكىن ئىزچىل بۇنداق قىلشىقا بولمايدۇ ئەڭ ياخشىسى ساتقۇچىلارغىمۇ سېتىۋالغۇچىلارغىمۇ كومپىيوتېر مەشىۇلاتى ئارقىلىق پۇل تۆلەش ئۇسۇلىنى ئۈگىتىش كىرەك شۇنداق بولغاندىلا تور سودىسى زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ھازىرقى ئىھتىياجغا ماسلىشالايدۇ. ئاندىن ئۇيغۇر تور سودىسى جانلىنىدۇ دەپ قارايمەن .تاۋباۋ سودا تورىنىڭ بۈگۈنكىدەك تەرەققىياتقا ئىرشىشىدىكى بىردىن بىر سەۋەپ ساتقۇچى بىلەن سىتىۋالغۇچى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلالىغانلىقىدا .
ھازىر تاۋباۋ سودا تورى تاقىلىپ قالىدىغان بولسا نەچچە يۈزمىڭ ئادە ئىشسىز قالىدۇ نەچچە مىلىيۇن ئادەمنىڭ ئېقىتىسادى كىرىمىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ دىمەك ھازىر تاۋباۋ سودا تورى جۇڭگۇلۇقلارنىڭ پەخىرلىنىدىغان بىر سودا تور بىكىتىگە ئايلاندى .
بىز قىلالمامدۇق؟ ھىچ بولمىسا نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ خىزمەت مەسىلىسى ، نەچچە يۈزمىڭ ئادەمنىڭ ئىھتىياجىنى ھەل قىلغۇدەك بىرەر تور شىركىتى چىقماسمۇ؟
قىنى دوستلار سىلەرنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىڭلار بار ، قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىڭلارنى بىرىڭلار ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىڭلار ، پىكىر ئالماشتۇرۇڭلار ،دۇكان ئېچىڭلار ، مال سىتىۋىلىڭلار بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ تىلىدىكى ۋەكىل خارەكتېرلىك سودا تور بىكىتىمىزنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقايلى!
بۇ مىنىڭ شەخسى كۆز قاراشلىرىم، پىكرىم چولتا ، ئېملالىرىم خاتا كەتكەن بولسا دوستلارنىڭ تۈزىتىش بىرىشىنى توغرا چۈشىنىشنى ئۈمۈت قىلىمەن

نۆۋەتتە 11 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :6 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :5 پارچە

  1. گۈلنۇر : 2012-يىلى11-ئاينىڭ17-كۈنى06:12:31  -49-رەت @جاۋاب جاۋاب

    تورسودا بىلوگىنى ئۇزۇندىن بىرى زىيارەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن، بلوگىڭىزدا پايدىلىق مەزمۇنلار ھەقىقەتەن كۆپكەن، رەھمەت :oops:

    • تورسودا : 2012-يىلى11-ئاينىڭ17-كۈنى06:20:23  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      بىلوگىمنى دائىم يوقلاپ تۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت، كۆپچىلىك بىلوگىمدىكى يازمىلاردىن ئاز تولا بەھىرلەنسە مەن شۇنىڭغا خوش.. :smile:

  2. تەشنايى : 2012-يىلى11-ئاينىڭ17-كۈنى13:37:50  -48-رەت @جاۋاب جاۋاب

    تور سودىسى خەلقىمىز ئارىسىدا خىلى ئومۇملىشىۋاتىدۇ. مېنىڭچە تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تىزلىشىشگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر توردا مال سېتىۋىلىشقا يۈزلىنىدۇ. تور سودھ بلوگى ئىزچىل تۈردە تور سودا بىلىملىرى بىلەن تەمىنلەپ كىلىۋاتىدۇ. ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت، تور سودا بۇرادەر…

    • تورسودا : 2012-يىلى11-ئاينىڭ17-كۈنى13:40:12  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      سىزگىمۇ كاتتا رەھمەت بۇرادەر، داۋاملىق تۈردە بلوگىمنى زىيارەت قىلىپ تۇرغىنىڭىزدىن خۇرسەنمەن :smile:

  3. ئەلى : 2012-يىلى11-ئاينىڭ17-كۈنى14:07:21  -47-رەت @جاۋاب جاۋاب

    بۇ بىلوگنى زىيارەت قېلىۋاتقىلى خېلى ئۇزاق بوپ قالدى ، تاۋباۋ تورىغا يېقىنلاشقاندىن بۇيان مۇشۇ بىلوگنى كۈندە زىيارەت قىلىپ تۇرۇۋاتىمەن .شۇنىڭ بىلەن بىرگە تاۋباۋدىكى دۇكاننىمۇ ئېچىۋالدىم …بۇ بىلوگدا يېڭى يازمىلارنىڭ ئۈزۈلمەسلىكنى ئۈمىد قىلمەن ..شۇنىڭ بىلەن بىرىگە بىلوگ ئېگىسگە كۆپتىن – كۆپ رەھمەت ئېتيمەن ..

    • تورسودا : 2012-يىلى11-ئاينىڭ17-كۈنى14:21:26  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      بلوگىمنى قوللىغىنىڭىز ئۈچۈن سىزگىمۇ كاتتا رەھمەت بۇرادەر، بلوگىمدىكى مەزمۇنلار قىرىنداشلىرىمغا پايدا ئەپكىلەلىسىلا مەن شۇنىڭدىن خۇرسەن، داۋاملىق قەدەم تەشىرىپ قىلىپ تۇرغايسىز….

  4. ئىلمىزات : 2012-يىلى11-ئاينىڭ19-كۈنى05:22:14  -46-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكوم . راس گەپنى قىلسام مەن بۇگۈن ياخشى بىر يولباشچى تىپىۋالدىم . ئاللاھ سىزگە چەكسىز ئەجىر ئاتا قىلسۇن …

    • تورسودا : 2012-يىلى11-ئاينىڭ19-كۈنى05:54:11  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      قوللىغىنىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت بۇرادەر

  5. بىلەرمەن : 2012-يىلى12-ئاينىڭ13-كۈنى11:02:34  -45-رەت @جاۋاب جاۋاب

    سىزگە كوپ رەھمەت سىزنى قوللايمەن :eek:

    • تورسودا : 2012-يىلى12-ئاينىڭ13-كۈنى11:05:41  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      قوللىغىنىڭىزغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت بۇرادەر

  6. ئىز : 2012-يىلى12-ئاينىڭ14-كۈنى19:07:42  -44-رەت @جاۋاب جاۋاب

    دىگەنلىرىڭىز ئورۇنلۇق …دىمىسىمۇ ئۇيغۇرلار جۇڭگۇدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە كومپىيوتېر تېخنىكىسى ئەڭ تەرەققى قىلغان مىللەت ھېساپلانسىمۇ، لىكىن تورسودىسىدا يەنىلا مەلۇم بوشلۇق مەۋجۇت . مىللى ئاڭ ، مىللى كىملىك تەكىتلىنىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە ، ئۆزىمىزنىڭ بىرەر شىركىتى كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرغا چىققان بولسا ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز قوللىغان بولاتتى دەپ ئويلايمەن..

بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !

باش سۈرىتىڭىز ؟