ھازىر نۇرغۇن ياش ئىگىلىك تىكلەشنى ئويلايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ مەبلىغى، بايلىقى ۋە تەجرىبىسى يوق. بۇلار ئىگىلىك تىكلەشتە كەم بولسا بولمايدىغان نەرسىلەردۇر. ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسى بولمىسىمۇ بولىدۇ، ئۇلارنى ئىزدەشكە ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇش كېرەك.
دەسلەپ ئىگىلىك تىكلىگەندە بۇ نەرسىلەر يوق بولسىمۇ، ئىگىلىك تىكلەشكە بولغان قىزغىنلىق، كەسىپچانلىق بولسىلا بولدى، ئاندىن ئېھتىياجلىق نەرسىلەرگە قەدەممۇ قەدەم ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ نەرسىلەرگە ئېرىشىشنىڭ بىر نەچچە ئۇسۇلى بار:
بىرىنچى، ئىشلەمچى بولۇش. ئەستايىدىللىق بىلەن باشقىلارغا ئىشلەمچى بولۇپ، ئىشلىگەچ ئۆزىگە ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى توپلاش.
ئىككىنچى، ئىشنى كىچىكىرەك تىجارەتتىن باشلاشقا جۈرئەت قىلىش، مەسىلەن: يايمىچىلىق قىلىش (ھەر قانچە بولسىمۇ، بىر ئادەمدىن يايمىچىلىق قىلغۇدەك پۇل چىقىدۇ)، بۇ ئادەمنى چېنىقتۇرىدىغان ياخشى ئۇسۇل. يايمىچىلىق قىلىشقا زور جۈرئەت ۋە ئىرادە لازىم، لېكىن يايمىچىلىق قىلىش بىلەنلا توختاپ قالماسلىق كېرەك. يەنە ئۇلۇغۋار غايە بولۇشى كېرەك. يايمىچىلىق قىلىش مەقسەت ئەمەس، ئۇنىڭ بىر خىل ۋاسىتە ئىكەنلىكىنى، بۇنداق قىلىشنىڭ تىجارەتنى چۈشىنىش ئىكەنلىكىنى بىلىش كېرەك. كەلگۈسىدە تەۋرەتمەكچى بولغان ئىشى ئۈچۈن ئىستۇدېنتلار بۇ ئۇسۇلنى سىناپ باقسا بولىدۇ، بۇمۇ بىر خىل چېنىقىشتۇر.
شارائىت يېتەرلىك ھازىرلانمىغان بولسا، ئەڭ ياخشىسى، يالغۇز تىجارەت قىلماسلىق كېرەك. يېڭى ئىگىلىك تىكلىگەنلەر قىزغىن كېلىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزراق بولىدۇ. شۇڭا ھەمكارلاشقۇچى تېپىش كېرەك. ھەمكارلاشقۇچى تاللىغاندا، ئۆزىدىن ئىقتىدارلىقلارنى تاللاش كېرەك، بۇنداق بولغاندا، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتىنى ئاشۇرغىلى ھەم نۇرغۇن نەرسە ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ.
ئىككى ئادەم ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلغاندا، پايدا تەقسىماتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ھەمكارلىشىشتىن ئىلگىرى پايدىنى قانداق تەقسىم قىلىش توغرىسىدا بىردەك پىكىرگە كېلىشى، پايدىنى تەڭ تەقسىم قىلىشى كېرەك.
« شىنجاڭ گېزىتى » دىن ئېلىندى
بۇمۇ ياخشى كۆرسەتمە بوپتۇ، لىكىنزە كۆپ ساندىكى ياشلىرىمىز چوڭ ئىشلارنى قىلالماي، كىچىڭ ئىشنى ياراتماسلىق ئىدىيسى بەك ئىغىر….
تورسودا ئەگەردە مەن توردا بىر دۇكان ئاچسام دەيمەن بىراق مەن پوچتىغا مال سېلىپ باقمىغان شۇڭا قانداق مال سېتىۋىلىش بىلەن قانداق مال سېلىپ بېرىشنى ئۆز قۇلۇڭىز بىلەن تەپسىلى بىر دەرىسلىك ئىشلەپ چىقسىڭىزچۇ
بولىدۇ بۇرادەر، سىز ئۇ يەرلەردىن خاتىرجەم بولۇڭ، ئىشەنچىلىك مال مەنبەسى مەندە ساماندەك، مال مەنبەسىدىن خاتىرجەم بولسىڭىزمۇ بولىدۇ
پوچتىدىن مال سىلىش مەسلىسىگە كەلسەك، ھازىر مەملىكەت بويىچە تورلاشقان توشۇش شىركەتلىرى بەك كۆپ، سىز مالنى تاپشۇرۋالغۇچىنىڭ ئادىرسىنى ئالاقە نومۇرنى يىزىپلا توشۇش شىركەتلىرىگە تاپشۇرۇپ بەرسىڭىزلا ئىش تامام