ئىنتىرنىت تېخنىكىسىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ ، تور بىزنىڭ كۈندىلىك تورمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى ، شۇنداقلا تور بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى . توردا سودا قىلىش ، مال سېتىۋېلىش ئەنئەنىۋى سودىدىكى رايون چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ، ياقتۇرىشىغا سازاۋەر بولدى . تاۋباۋ تورىدىلا مال سېتىۋېلىشقا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى نەچچە 10 مىلىيۇندىن ئېشىپ كېتىشى بۇنىڭ ئەمەلى ئىسپاتى .
جوڭگودىكى ئەڭ چوڭ تورسودا سۇپىسى بولغان تاۋباۋ تورىنىلا مىسال قىلىپ ئېيتساق بۇ توردىن سېتىۋالغىلى بولمايدىغان نەرسە قالمىدى دىسەك مۇبالىغە بولماس .
تاۋباۋدىن مال سېتىۋېلىش جەريانىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ .
تىزىملىتىش ــــ مال تاللاش ـــــــ مال ساتقۇچى بىلەن ئالاقىلىشىش ــــــــ پۇل تۆلەش ئۇسۇلىنى تاللاش ـــــــــ مال يەتكۈزۈش ئۇسۇلىنى تاللاش ـــــــــ مال كەلگەندىن كىيىن تەكشۈرۈش ــــــــــــــ مال تاپشۇرىۋالغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
توردا دۇكان ئېچىش
توردا دۇكان ئېچىش بىر خىل يېڭى ئۇسلۇپتىكى ئىگىلىك تىكلەش ئۇسۇلى بولۇپ ، ئەنئەنىۋى تىجارەت ئۇسۇلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا توردا دۇكان ئاچقاندا كېتىدىغان مەبلەغ ئاز ، ئۈنۈمى تىز ، خەتىرى ئاز ، چاققان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە شۇنداقلا جۇغراپىيەلىك رايون چەكلىمىسىنىڭ لىشىگە ئۇچرىمايدۇ . ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا بولدا دەسلەپكى قەدەمدىلا سالىدىغان مەبلەغ كۆپ ، خەتىرى چوڭ ، رايون چەكلىمىسىنڭ چەكلىشىگە ئۇچرايدۇ .
توردا دۇكان ئېچىش ئۈچۈن تاۋباۋنى مىسال قىلىپ ئېيتساق ئالدى بىلەن تاۋباۋدا دۇكان ئاچىدىغان بىر قاتار جەريانلارنى بىلىشىڭىز كېرەك . يەنى : تىزىملىتىش ـــــ سالاھىيەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈش ـــــ دۇكان ئىلتىماس قىلىش ـــــــ تاۋباۋ قائىدە تۈزۈملىرىدىن ئىمتاھان بېرىش ـــــــــ مال كىرگۈزۈش ــــــــ ئۆز دۇكىنىنى تەشۋىق قىلىش ــــــــ خېرىدار بىلەن ئالاقە قىلىش ــــــ سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەت قاتارلىق جەريانلارنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك .
توردا سېتىلىدىغان ماللارنى مۇنداق ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ .
1. ئەمەلىي مال ـ يەنى كىيىم –كېچەك ، ئائىلە ئېلىكتىر ئۈسكۈنىللىرى قاتارلىق ئەمەلىي نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ .
2. مەۋھۇم مال ـــ يەنى تور ئارقىلىقلا تىلىفونغا ، تور ئويۇنلىرىغا،چ چ كەسىپلىرىگە پۇل قاچىلاشتەك ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ .
دەسلەپتە سىز تور دۇكىنى ئاچقاندا ئىشنى ئەمەلىي مال سېتىشتىن باشلىشىڭىزمۇ بولىدۇ . ئەمما تور
سودىسىغا نىسپەتەن چۈشەنچىڭىز يېتەرلىك ئەمەس ، تەجرىبىڭىز كەمچىل ئۇنىڭ ئۈستىگە توردىكى ئىشەنچ دەرىجىڭىز تۆۋەن ئەھۋالدا قولىڭىزدىكى ماللار ھەر قانچە ئېسىل ، باھاسى تۆۋەن بولسىمۇ ئەمما سېتىپ چىقىرالماسلىقىڭىز مۇمكىن ، ھەتتا توردا دۇكان ئېچىشتىن ۋاز كېچىپ ، سىڭگەن نېنىمنى يەي دەپ ئۆز يولىڭىزغا راۋان بولۇشىڭىز مۇمكىن ..........
دەسلەپتە مەۋھۇم مال ساتسىڭىز مەسلەن : تىلىفونغا پۇل قاچىلاش دىگەندەك كېتىدىغان مەبلەغ ئاز ،خەتىرى يوق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشەنچ دەرىجىڭىز تىز ئاشىدۇ . تەجرىبىڭىز كۆپىيىپ ، ئىشەنچ دەرىجىڭىز ئېشىپ بەلگىلىك سەۋىيەگە يەتكەندە قولىڭىزدا بار بولغان ئەمەلىي مەھسۇلاتنى سېتىپ چىقارسىڭىز بولىدۇ .
تاۋباۋدا دۇكان ئاچقانلارنىڭ 70ـ80 پىرسەنتى ئىشنى مەۋھۇم مال سېتىشتىن باشلىغان ........
مەۋھۇم مال سېتىش ــــــ توردا مال سېتىشنىڭ دەسلەپكى ئاساسىي ئۇلى ھېساپلىنىدۇ .
شۇڭا تاۋباۋدا دۇكان ئىچىشنى ئويلىشىۋاتقانلار ياكى ئىچىپ بولغان بولسىمۇ نىمە قىلىشنى بىلەلمەي يۈرگەن دوستلارغا تەكلىپىم: ئىشنى ئاۋال مەۋھۇم مال سىتىشتىن باشلاڭ . تورسودىسىغا نىسبەتەن چۈشەنچىڭىز ئايدىڭلىشىپ، تەجرىبىڭىز كۆپىيىپ،ئىشەنچ دەرىجىڭىز ئىشىپ ، تور سودىسىنىڭ ئومۇمى يولىنى چۈشىنىۋالغاندىن كىيىن ئاندىن ئەمەلى مال سىتىشقا يۈزلىنىڭ.....!
ئەگەر سىزنىڭمۇ شۇنداق دۇكان ئېچىش ئويىڭىز بولسا سىزگە ياردەم قىلىشقا مەن ھەر قاچان تەييار …… !
توردۇككان ئادىرىس : http://parwaz.taobao.com
توردا دۇككان ئىچىش جەھەتتە ياردەمگە مۇھتاج بولسىڭىز ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇڭ، كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشايلى
توردا دۇككان ئىچىشقا قىزىقىدىغانلار يوقمىدۇ ياكى بلوگىمنى تىخى دوستلار بىلگۈدەك بولمىدىمۇ؟ ھىچكىم ئىنكاس يازماپتۇ يا؟
مەن بىر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى،مەن توردا دۇككان ئېچىشنى ئويلاشقان ،لىكىن قانداق باشلاشنى بىلمىدىم؟!! يول كۆرسەتسەڭلا ؟ مەبلەغنى نەدىن ھەل قىلىمەن ؟!!
توردا دۇكان ئىچىش ھەقسىز، 1000 يۈەن زاكالەت پۇلىلا تاپشۇرىسىز، ئەڭ مۇھىمى ئىشەنچىلىك مال مەنبەسى تاپسىڭىزلا بولىدۇ
تور دۇكاننى ئاچقىمز كەلمىسە زاكالەت پۇلى ئۈچۈن تاپشۇرغان 1000يۈەننى قايتۇرۋالغىلى بولامدۇ-يوق؟!
تاپشۇرغان 1000 يۈەن زاكالەت پۇلىنى خالىغان ۋاقىتتا قايتۇرۋالالايسىز
مەۋھۇم نەرسىلەرنى سېتىش ئۈچۈنچۇ؟ (تىلفۇنغا پۇل قاچىلاش دىگەندەك ،بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ما ل مەنبەسى كىتەمدۇ؟ ياكى ئۆزىمىزنىڭ بانكا كارتىسى (ۋە ياكى 支付宝)دىن بىۋاستە ) قاچىلايمىزمۇ ؟؟
تىلفۇنغا پۇل قاچىلاشتەك ئىشلارغا سىزدە ئاپتوماتىك قىممەت تولۇقلاش سىستىمىسى بولسىلا بولىدۇ، سىستىمىنى تور دۇكىنىڭىزغا ئۇلاپ، ئاپتوماتىك قىممەت تولۇقلاش ئىقتىدارىنى ئىچىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ، بانكا كارتىسى ۋە ياكى 支付宝دىن بىۋاستە قاچىلاش ھاجەتسىز ، soda بۇ ئادىرىسقا كىرىپ قىممەت تولۇقلاش سىستىمىسنىڭ ئىقتىدارى بىلەن تونۇشۇپ چىقسىڭىز بولىدۇ، يەنە چۈشەنمىگەن مەسلىلەر بولسا بىمالال سوراۋىرىڭ…
بۇنداق بىر بلوگ قۇرۇلۇپ شۇنداق ياخشى بوپتۇ ، مەنمۇ تاۋباۋ دا دۇكان ئېچىىش بىلەن ئانچە مۇنچە قېرىشىپ بېقىپ توختاپ قالغانتىم.
بلوگڭىزنى ئۇلنىشقا قۇشۇپ قويدۇم ئەمسە!مېنىمۇ قوشۇپ قوياسىز !
بولىدۇ بۇرادەرمەن قوشۇپ قوياي، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ ئۆتەيلى..
مەۋھۇم مال سىتىشنىڭ پايدىسى قانداق ئايرىلدۇ؟
تۆۋەندىكى يازمىدا پايدا نىسبىتى ئەھۋالى تەپسىلى چۈشەندۈرۈلگەن5-ئەۋلادكۆپ ئىقتىدارلىق قىممەت تولۇقلاش سىستىمىسى ھەققىدە ئومۇمى چۈشەنچەمۇشۇ يەردىن كۆرىۋالسىڭىز بولىدۇ
توردىكى ئىشەنچ دەرىجىمىزنى قانداق قىلغاندا تىز ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. مەن كىيىم-كىچەك دۇككىنى ئاچاي دىگەن. تورچۈشەنچىمىزنىچۇ؟
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم، ئاۋال دۇككان ئېچىڭ ، قانچە كۆپ نەرسە ساتسىڭىز دەرىجڭىز شۇنچە تېز ئاشىدۇ .
قانداق قىلسام تور دۇككىنىنى ياخشى ئاچالايمەن؟
ھارماڭ بۇرادەر…..!!!!! ئەمەلى مال سالماقچىتىم دۇكانغا …..ئىشنى ئاۋۋال مەۋھۇم مال سېتىشتىن باشلاڭ دەپسىز …… قانداق قىلسام بولا ئەمدى بېشىم قاتتىغۇ….؟؟؟؟؟؟؟
دىمەكچىمەن بۇرادەر،توردۇكان ئىچىشتا دۇكان ئىناۋەت دەرىجىسى ئىنتايىن مۇھىم، ئادەتتە كۆپ ساندىكى دۇكاندارلار سودىنى مەۋھۇم مال سىتىشتىن باشلايدۇ، مەۋھۇم بويۇم ساتقاندا دۇكان ئناۋەت دەرىجە تىزراق ئۆسىدۇ،دەرىجىسى يۇقىرى دۇكانلارنىڭ خىرىدارىمۇ ئىنىقلا كۆپ بولىدۇ،ئىشنى ئاۋۋال مەۋھۇم مال سېتىشتىن باشلاڭ دىگىنىمنىڭ سەۋەبى شۇ
يېڭىدىن توردا دۇكان ئاچقانلارنىڭ ئىشنى مەۋھۇم بۇيۇم سودىسىدىن باشلىغىنى ياخشى دەپ قارايمەن.
مىنىڭ بىر تەكلىپىم – تورسودا بۇرادەر، ئۇيغۇرلاردىن ھازىرغىچە تور دۇكان ئاچقانلارنىڭ تېزىملىگىنى مۇشۇ بىلوگىڭىزدا ئىلان قىلىشقا تىرىشىپ باققان بولسىڭىز، بىزمۇ بىلوگىڭىز ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دۇكانلىرىنى زىيارەت قىلساق دەيمەن.
بولىدۇ بۇرادەر، مىنىڭمۇ شۇنداق قىلىش ئويۇم بارئىدى، توردۇكان ئۇلىنىش بىتىدىن بىرنى تەييارلىسام بولغۇدەك، قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىز بولسا بىرىپ تۇرغايسىز.
ئەسسەلامۇئەلەيكۇم بۇرادەرلەر.مەن تۇردا دۇكان ئېچىشقا قىززىقىپ قالدىم.تۇۋەندىكى سۇئالىمغا جاۋاپ بەرسەڭلار .
1.ئەگەرمەندە ساتىدىغان مال بولمىسا مالنى تاۋباۋدىن سېتىۋېلىپ ئاندىن يەنە تاۋباۋدىكى دوكىنىمدا (ئەلۋەتتە ھازىر دۇكنىممۇ يوق) ساتامدىم؟
2.ئەگەر دۇكاننى ئېچىپ بولۇپ كېيىنچە دۇكاننى تاقاشقا توغرا كەلسە دۇكاندىكى مالنى قولدىن چىقىرىش تەسمۇ قانداق؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، ئويلاپ بېقىڭ ؟ سىز مالنى تاۋباۋدىن ئېلىپ تاۋباۋدا ساتسىڭىز قانداق پايدا ئالالايسىز؟
مال مەنبەسىنى (1688 阿里巴巴批发网) دىن ئىزدەيسىز ؟ ياكى ئۆزىڭىزنىڭ مەھسۇلاتىنى ساتسىڭىز بولىدۇ بىلدىغانلىرىم مۇشۇنچىلىك .
2_سۇئالىڭىزغا جاۋاب بىرىشكە ئاجىزمەن .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم
2-سۇئالىڭىزغا جاۋاب : ئەگەر سىز 阿里巴巴批发网دىن مال مەنبەسى تاپسىڭىز مال كىرگۈزۈشىڭىز ھاجەتسىز ، ۋاكالىتەن ساتىسىز ،سىز خېرىدار بىلەن پاراڭلاشسىڭىزلا بۇلىدۇ. مالنى 阿里巴巴批发网 دىكىلەر يوللايدۇ،گەپ سىزنىڭ ھەمكارلاشقۇچىنى قانداق تاللىشىڭىزدا، ساتقىڭىز كەلمىسە مال تەمىنلىگۈچى بىلەن كىلىشسىڭىز بۇلىدۇ . مەنمۇ 2013-يىل 12-ئاينىڭ 12-كۈنى دۇككاننى ئېچۋالدىم،تېخى مال يوق ،سىزنىىڭمۇ تېزراق ئېچڭشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. بولسا ئورتاق ئىلگىرلىسەك ….. پايدىلىق تەكلىپ پىكىرلەر بولسا ئورتاقلاسساق دىگەن ئۈمۈتتە مەن
بىر ئىش بولسا مىنى ئىزدىسەڭلا قۇلۇم كۆكسۈمدە چ چ:1597021315 لىكىن مەن ئوقۇغۇچى دەرىستىن سىرتقى ۋاقىتتلاردا ئالاقىلاشسساق بۇلىدۇ.
قېرىنداشلىرىمنىڭ ئىشلىرنىڭ ئوڭۇشلۇق بۇلىشىغا تىلىەكداشمەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار،مەنمۇ بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى بانكا كارتامنىڭ تور كەسپىنى ئاچقۇزۇپ تاۋباۋ تورىدىن دۇكان ئاچاي دەپ تىزىملاتقانتىم،لىكىن بىر نەچچە ئۆتكەلدىن ئۆتەلمەي بولدى قىلىپ تاشلاپ قويغانتىم.نۇپۇس دەپتىرنىڭ ئالدى ۋە باش بېتى(كىملىكىم بار ئىدى.لىكىن يېنىمدا نۇپۇس قەغىزى يوق)،يەنە كارتا نۇمۇرى ياكى ئىسىم بىردەك ئەمەس دىگەن 2 ئۆتكەلدىن ئۆتەلمىدىم.قانداق قىلسام بۇلار.تىزىملىتىش ئۇسۇلى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تولدۇرغانتىم.لىكىن بەزى ئۇرۇنلار ئوخشاش چىقمىدى.دوسلارنىڭ مەسلىھەت بىرىشىنى ئۈمۈت قىلمەن…..
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام،ھەقىقى ئىسىم بىلەن گۇۋاھلىقتىن ‹‹实名认证››ئۆتكۈزۈپ سىناپ بىقىڭ
ھازىرغۇ تور دەۋرى،يەنە كىلىپ ئىچكىردىكى كىچىك دۇكانلار ئازىيىپ چوڭ تاللا بازارلىرى مال باھاسىنى ئۆستۇرۋالغاچقا توردىن مال سېتىۋېلىش بىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىمىزغا ئايلاندى .مىنىڭ مۇ سىناپ باققۇم كىلىۋاتىدۇ جۇمۇ
سىناپ بىقىشقا ھەقىقەتەن ئەرزىيدۇ جۇما
مەن دۇكان ئېچىشقا قىزىقاتتىم لىكىن بىلەلمىدىم ياردەم قىلساڭلار چچ 1175333290
مەنمۇ يىقىندا دۇكاننى ئىچىپ مەۋھۈم مال سالدىم،مەقسەت دۇكاننىڭ دەرىجىسىنى تىز ئۈستۈرۈش، دىمەكچىمەنكى دۇكاندارلار ئۇلىنىشى سۇپىسى بولغان بولسا ھەمكارلىشىپ ، تۇلۇقلاپ بىرلىكتە تەرەققىي قىلغان بولساق قانداق ياخشى بۇلاتتى، توردۇكان ئۇلىنىش بىتىنى تىزرەك تەييار قىلغان بولسىڭىز بوپتىكەن .
مەن دۇكاندارلار ئۇلىنىش سۇپىسىنى تەييار قىلىپ بولدۇم، ئادىرسى: ulinix ھازىر رەتلەپ ئىقتىدار قوشۇلىۋاتىدۇ
قىرىندىشىم مەن توردىن دۇككان ئاچماقچىتىم ئەمما مەندە يىتەرلىك سەۋىيە تولۇق ئەمەس ئۈگۈتۈپ قويۇشنى خالىسىڭىز ھەق بەرسەممۇ مەيلى ئەگەر ھەمكارلىشىشنى خالىسىڭىز مالنى مەن تەمىنلەيمەن تىخنىكىنى سىز چىقىرىسىز ئاللا خالىسا نىيتىمىز دۇرۇس بولسىلا زىيان تارتمايمىز مەن خەلى ئۇزۇن يىللىق تىجارەتچى ئاللاھ بەرگەن ئاز تولا تەجىربە بىلىملىرىم بار ئەگەر خالىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ . . .
بولىدۇ چاتاق يوق ، تور دۇكىنىڭىزنى ئۆزەم بىر قوللۇق ئىچىپ تەييار قىلىپ بەرسەممۇ بولىدۇ ، ياكى سىز دىگەندەك ئۆز-ئارا ھەمكارلاشساقمۇ بولىدۇ ، كىيۇ كىيۇ نى قوشىۋىلىڭ
سىز بىلەن قانداق ئالاقىلىشىشنى بىلمىدىم، بۇ مىنىڭ ئۈندىدار نۇمۇرۇم، مىنى قېتىۋالسىڭىز، بىز پاراڭلىشىپ باقايلى
ئۈندىدار:15292400802
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مەن تاۋباۋدا بۈگۈن دۇككىنىمنى تەستىقتىن ئۆتكۈزۈپ قىلدىم ،لىكىن بەزى مەسىلىلەرنى چۈشەنمىدىم ياردەم قىلسىڭىز
:مەنمۇ تاۋباۋ تورىدا مەۋھۇم مال سېتىشنى داۋاملاشتۇرۇپ تىجارەت قىلىپ باقاي دىگەن،ياردەم قىلىڭىز ،ئەلۋەتتە مىنىڭمۇ يېنىمدا نەخ دەسمايە ۋە يىتەرلىك سەۋىيە كەمچىل ئەمما تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ يىتىشىپ چىقىشىمدا گەپ يوق ،ياردەم قىلىشنى خالىسىڭىز ، يەنە تېخى تور دۇكان ئېچىشنى مىنڭ ياخشىراق ئۆگەنگىم بار ئىدى ،،،
ئەسسالالامۇ ئەلەيكۈم ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ مەن ئۇزۇن بولغان توردا دۇكان ئېچىشنى پىلان قىلغىلى ئۆزەم سودىغا بەك قىزىقىمەن لېكىن قانداق باشلاشنى بىلمىدىم ماڭا ياردەم قىلغان بولسىڭىز. چ چ 564754797
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، بىكەتنىڭ يان تەرەپ ۋە ئاستىى تەرەپتە مەن بىلەن ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرى بار . . .
مەن توردىن مال سېتىۋىلىشنى ئۈگىنەي دىگەن . ماڭا ياردەم قىلىدىغانلار بارمۇ ؟
يادەم قىلىدىغانلار ئەلۋەتتە بار ، مەزكۇر تور بىكەت مەخسسۇس ياردەم قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان
دوستۇم مەن دۇكاننى ئېچىپ بولدۇم ، بىراق دۇكاننى قانداق بىزەپ قولۇمدىكى مالنى قانداق تورغا چىقىرىشنى بىلەلمىدىم ياردەم قلساڭلار ، سودام يۈرۈشۈپ كەتسە . . .
مەن ئۆزۈم ئىشلىگەن سىنلىق دەرىسلىكنى يوللاپ قوياي . . .
ياخشىمۇ سىلەر ؟ مەن تور دۇكىنى ئاچاي دىگەن ، قانداق قەدەم باسقۇچلار كىتىدۇ بىلەلمىدىم
بىلوگىمىزدا تاۋبادا دۇكان ئىچىشنىڭ 0 دىن باشلانغان دەرىسلىكى بار ، تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىڭ .
ئادىرىسى : ?p=404
ياخشىمۇ سىلەر ؟ مەن تور دۇكىنى ئاچاي دىگەن ، قانداق قەدەم باسقۇچلار كىتىدۇ بىلەلمىدىم
?p=404 بۇ يازمىنى كۆرۈپ چىقسىڭىز ياخشى جاۋابقا ئىرىشەلەيسىز . . .
مەن توردا دۇككان ئاچاي دىگەن ياردەم قىلساڭلا؟
بىلوگ ھەم مۇنبەردە توردا دۇككان ئىچىش توغرىلىق مەزمۇنلار كۆپ؟ سىز چۈشەنمىگەن مەسلىلەر بولسا ئىنكاس قالدۇرۇڭ ، تىز سۈرئەتتە مەسلىڭىزنى ھەل قىلىمىز . . .
قارغاندا ئىسىم ئوخشاشتىن بىرسى بار ئوخشايدۇ تەدرىجى چۈشۈنىشىپ قالارمىز .