تور تىخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ، بىر خىل مودا بولغان ئىگىلىك تىكلەش ئەندىزىسى - توردۇكىنى بارغانسىرى تەرەققى قىلىشقا باشلىدى، ئۇنىڭ ئەۋزەللىكى ئىنىق، ئىستىقبالى پارلاق، يەنە كىلىپ دەسمايىسى يوق ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. توردا مال سىتىۋالغاندا، سودىلاشقان ئىككى تەرەپ بىۋاستە ئۇچراشمىسىمۇ بولىدۇ، پەقەت مائۇسنى چىكىپ قويسا مال زاكاس قىلغىلى بولىدۇ، ئانچە ئۇزاق ئۆتمەيلا مالنى تاپشۇرۇپ ئالالايدۇ، نۆۋەتتە بۇ خىل ئاددى قولايلىق بولغان توردا مال سىتىۋىلىش شەكلى بارغانسىرى تىخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ تاللىشىغا ئايلاندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە توردا مال سىتىش كەسپى ھازىر ناھايىتى تىز ھالدا ئۆسۈپ يىتىلىش دەۋرىگە كىرىپ بولدى. سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا ، 2008-يىلى جۇڭگۇنىڭ توردا مال سىتىۋىلىش سوممىسى 100 مىلىيارتلىق چوڭ ئۆتكەلدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 128.5 ئاشقان، 2008-يىلى تاۋباۋ تورى 570 مىڭ بىۋاستە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى ۋە 1مىليۇندىن ئارتۇق ۋاستىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى ياراتقان، ھازىر بولسا تاۋباۋ تورىدا بىۋاستە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى ئاللىقاچان 1مىليۇندىن ئىشىپ كەتتى.
نۆۋەتتە، پۇل مۇئامىلە كىرزىسى يەرشارىنى قاپلىغان، پاي بازىرى يىگىلەپ قالغان، شىركەتلەر مۇئاشنى تۆۋەنلەتكەن، ئىستىمال كىمەيگەن، ئىستىمالچىلارنىڭ سىتىۋىلىش كۈچى زور كۆلەمدە تۆۋەنلىگەن ئەھۋالدا، تور دۇكىنى بولسا يىڭىدىن ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان يىڭى پۇرسەتكە ئايلاندى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۇلۇغ روزى ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! گەرچە كىچىككەن بولساممۇ . بلوگچىلىق ئىشلىرىڭلار ئۇڭۇشلۇق بولسۇن.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، بىرگە بولسۇن، ئالايىتەن يوقلاپ كەلگىنىڭىز ئۈچۈن رەھمەت بۇرادەر
بۇ بلوگقا پات-پات كىرىپ تۇرىۋاتىمەن، سەرخىل مەزمۇنلارنى كۆرۈپ مىنىڭمۇ تورسودىسىغا بولغان قىزىقىشىم بارغانسىرى ئىشىۋاتىدۇ
تورسودا ئەپەندىم سىز بىلەن قانداق ئالاقىلاشقىلى بولىدۇ؟
بىلوگنىڭ يان تەرىپى ۋە ئاستى قىسمىدا QQ ئالاقە نومۇرۇم بار، شۇ يەردىن بىۋاستە خەت يازسىڭىز بولىدۇ
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ياخشىمۇسىلەر، توك پۇلى تۆلەيدىغان سىستىما بارمىدۇ؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، توك پۇلى تۆلەيدىغان سىستىما ھازىرچە يوق …
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن توردا دۇكان ئاچاي دىگەن ياردەم قىلساڭلار بوپتىكەن . . .
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، بلوگدا نۆلدىن باشلانغان دەرىسلىكلەر بار، تەپسىلى كۆرۈپ بىقىڭ