توردا ئىگىلىك تىكلەڭ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت | تور سودىسى | ئاساسىي مەزمۇن
شىنجاڭ تور ئەھلىلىرىنىڭ «قوش 11»دا مال سېتىۋېلىش ئومۇمىي سوممىسى 300 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن
2013-يىلى11-ئاينىڭ13-كۈنى تور سودىسى ⁄ جەمئى 2341خەت بار 5پارچە ئىنكاس بار ⁄ 6,718 قېتىم كۆرۈلدى+

kosh11

 

ستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، 11-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە، تىيەنماۋ «قوش 11» مال سېتىۋېلىش شادلىق كۈنىنىڭ ئاياغلىشىشىغا 1 سائەت قالغان ۋاقىتتا، پۈتۈشۈش سوممىسى 33 مىليارد 100 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن .  2013-يىلى «قوش 11»مال سېتىۋېلىش شادلىق كۈنىدە، تىيەنماۋغا قاتناشقان سودا دۇكانلىرىنىڭ سانى كۆپىيىپ 20مىڭغا يەتكەن،  2012-يىلغا سېلىشتۇرغاندا 2 ھەسسە كۆپەيگەن، يەنى ئېلېكتر ئەسۋابلىرى، كىيىم-كېچەك، ئائىلە جازىلىرى، سومكا-چامدان، ئاپتوموبىل، گىرىم بۇيۇملىرى، بوۋاقلار بۇيۇمى، يېمەكلىك، مەتبەئە قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، 30مىڭدىن كۆپ داڭلىق ماركا بار ئىكەن. نەيكې، ONLY ، بەيلى، شۇاڭلىرېن، بوياڭ توقۇمىچىلىقى، GAP ، باۋجى، شىيۆ مامى، ئاۋدو قاتارلىق تونۇش ماركىدىن باشقا، ODM、3M、yellowearth قاتارلىق خەلقئارادىكى داڭلىق ماركىلارمۇ قاتناشتۇرۇلغان. سودا دۇكانلىرى سېتىش سۈرئىتىنى تىزلىتىپ، يەنە بىر قېتىم تور ئەھلىنىڭ تاللىشىپ سېتىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. پائالىيەت باشلىنىپ 55سېكۇنت بولغاندا پۈتۈشكەن سودا سوممىسى 100 مىليون يۈەنگە، 6مىنۇت 7سېكۇنت بولغاندا 1 مىليارد يۈەنگە، 6سائەتكە يەتمەي تۇرۇپلا 10 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، 11-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 11دىن 4مىنۇت بولغاندا، سودا سوممىسى 19 مىليارد 100 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كېتىپ، پەقەت پائالىيەت باشلىنىپ 13 سائەتتىكى سودا سوممىسى 2012-يىل ئوخشاش مەزگىلدىكى سودا سوممىسى بىلەن تەڭلىشىپ يېڭى رېكورت ياراتقان. 11-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 10دا، 232 دۇكاننىڭ كۈندىلىك سېتىش سوممىسى 10 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شاۋمى مەخسۇس سېتىش دۇكىنى، خەيئېر مەخسۇس سېتىش دۇكىنى، لولەي توقۇمىچىلىقى مەخسۇس سېتىش دۇكىنى، يوۋيىكۇ مەخسۇس سېتىش دۇكىنى،  jackjiones مەخسۇس سېتىش دۇكىنى، گوخۇا ئۆمۈر سۇغۇرتىسى، ھاياتلىق ئۆمۈر سۇغۇرتىسى، يىفاڭدا فوندى قاتارلىق 8 دۇكاننىڭ كۈندىلىك سېتىش سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن. زور كۆلەملىك سودا سوممىسى ئىچىدە، شىنجاڭ تور ئەھلىنىڭ سودا سوممىسى 300 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كېتىپ، 2012-يىلدىكى 270 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن. 2013-يىلى، يانفون تاۋباۋسىنى ئىشلىتىش ناھايىتى يارقىن نۇقتىغا ئايلىنىپ، يانفون تاۋباۋسى ئارقىلىق زاكاز قىلىنغان مالنىڭ سانى ئومۇمىي ساننىڭ %23.3نى ئىگىلىگەن. ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 11-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 8دىن 5مىنۇت ئۆتكەندە، يانفون تاۋباۋسى ئىشلەتكۈچىسى 50 مىليوندىن ئېشىپ كېتىپ بۇ سان ئاۋسترالىيە بىلەن كانادا ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنى قوشقانغا تەڭ بولغان. كەچ سائەت 8دىن 53مىنۇت بولغاندا، يانفون تاۋباۋسى ئارقىلىق پۈتۈشكەن سودا سوممىسى 5 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن. 2009-يىلدىن باشلاپ، ئالىي بابا گۇرۇھى ھەر يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى زور كۆلەملىك ئېتىبار باھا پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، بەش يىل مابەينىدە، بۇ بىر كۈن ئادەتتىكى بىر كۈندىن تەدرىجىي جۇڭگو ئېلېكترون سودا ساھەسىدىكى يىللىق سېتىش يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلىدىغان بىر كۈنگە ئايلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت تور ئەھلىنىڭ مال سېتىۋېلىش شادلىق كۈنىگە ئايلانغان.

مەنبە : xj.people.com.cn     نۇر تورى تەرجىمىسى

نۆۋەتتە 5 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە : زىيارەتچى قالدۇرغىنى : 4 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى : 1 پارچە

  1. ئادىلەم China Internet Explorer Windows : 2013-يىلى11-ئاينىڭ17-كۈنى05:19:41  -49-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم مەن يىڭى كەلدىم بۇ تور بىكەتتە بەك ياخشى تېمىلار باركەن، بۇلارنى كۆرۈپ مېنېڭمۇ بىر تور دۇكىنى ئاچقۇم كىلىۋاتىدۇ …رەھمەت سىزگە داۋاملىق ياخشى يازمىلارنى يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن :smile:

  2. قەشقەرىم ئۇنۋېرسال تورى China Internet Explorer Windows : 2014-يىلى01-ئاينىڭ26-كۈنى19:27:10  -48-رەت @جاۋاب جاۋاب

    بەك ياخشى تېىملار باركەن مەن پايدىلاندىم رەخمەت سىزگە :idea:

  3. زەھرا China Google Chrome Windows : 2014-يىلى10-ئاينىڭ22-كۈنى06:27:57  -47-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ئىنكاس يازسا يە ۋاقتىدا جاۋاپ يوق!!! :twisted:

    • تورسودا China Google Chrome Windows : 2014-يىلى10-ئاينىڭ27-كۈنى18:11:03  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      كەچۈرۈڭ ، يىقىندىن بىرى تىجارەت ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بوپ قىلىپ ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرالماي قالدىم .

  4. زەھرا China Internet Explorer Windows : 2014-يىلى10-ئاينىڭ28-كۈنى04:18:46  -46-رەت @جاۋاب جاۋاب

    رەھمەت سىزگە .ئاخىرى جاۋاپلىرڭىزنى كۆرەلىدىم!!! :wink:

بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !

باش سۈرىتىڭىز ؟