1 . كارخانا پۇل تۆلەش گۆھىرى ھېسابات نومۇرىغا ئىلتىماس قىلىش .
www.alipay.com نى ئېچىپ 免费注册 دىگەن يەرنى چىكىپ ، ئاندىن كىيىن 企业账户 دىگەن يەرنى تاللايمىز.
2 . قانداق قىلغاندا پۇل تۆلەش گۆھىرىنىڭ سودىگەرلەر ئىسپاتنامىسىنى (商家认证) نى ئوڭۇشلۇق يوللىغىلى بولىدۇ.
سودا- سېتىق ئېلىپ بېرىش ئىسپاتنامىسىنى يوللاشقا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن 点击这里查看 دىگەن يەرنى چېكىمىز. بۇ باسقۇچقا 3 دىن 7 گىچە خىزمەت كۈنى كېتىدۇ. مۇشۇ مەزگىل ئىچىدە بىرەر مەسىلە كۆرۈلسە ھەر ۋاقىت پۇل تۆلەش گۆھىرى مۇلازىمەت تىلىفۇنىغا تىلىفون قىلىپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ .
مەسلىھەت سوراش تىلىفونى : 88156688 - 0571
دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :
1 . تىيەنماۋ سىزنىڭ تەمىنلەپ بېرىشىڭىزنى تەلەپ قىلغان پۇل تۆلەش گۆھىرى ھېسابات نومۇرى پۈتۈنلەي يېڭى بولغان ھېسابات نومۇرى بولىشى ھەمدە ھەرقانداق تاۋباۋ ID سىغا ئۇلانمىغان بولىشى كىرەك .
2 . ئەگەر سىزدە ئىلگىرى ئىشلەتكەن سودىگەرلەر ئىسپاتنامىسىدىن ئۆتكەن شىركەت ھېسابات نومۇرى بولۇپ ، لېكىن تىيەنماۋ پۇل تۆلەش گۆھىرىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، سىز قايتىدىن باشقا ھېسابات نومۇرىغا ئىلتىماس قىلىسىز، قايتىدىن سودىگەرلەر ئىسپاتنامىسىغا ئىلتىماس قىلىش ھاجەتسىز . پەقەت يېڭى ئىلتىماس قىلغان ھېسابات نومۇرى بىلەن ئەسلىدە بار بولغان سودىگەر ئىسپاتنامىسىنى باغلىسىڭىزلا بولىدۇ.
سودىگەرلەر ئىسپاتنامىسى بىلەن ھېسابات نومۇرى باغلاشنى كۆرۈش ئۈچۈن 点此查看 نى چىكىمىز .
2. مەشغۇلاتتىكى لىنىيەدە تىزىملىتىپ ، بەت يۈزىدە ئىلتىماس قىلىش .
(1) مەشغۇلاتتىكى لىنىيەدە تىزىملىتىپ ، بەت يۈزىدە ئىلتىماس قىلىش : تىيەنماۋ سودىگەر چاقىرىش بېتى http://zhaoshang.tmall.com نى ئىچىپ 立即加入天猫 نى چىكىڭ .
(2) مەشغۇلات لىنىيىسىدە تىيەنماۋغا كىرىش ، ئىمتىھانىغا قاتنىشىش : 立即入住天猫 نى چېكىپ، تىيەنماۋدا سودىگەر چاقىرىشتا بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئىمتىھان بېرىشنى باشلاڭ.
3 . ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇش
(1) ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇش ۋە توردا توختام ئىمزالاش : ئىمتىھان پۇل تۆلەش گۆھىرىنىڭ تەكشۈرىشىدىن ئۆتكەندىن كىيىن مەشغۇلات لىنىيىسىدە شىركەت ئۇچۇرلىرىنى كىرگۈزۈپ ئىلتىماس قىلىپ، توردا تىيەنماۋنىڭ مۇلازىمەت بەلگىلىمىلىرى، مۇلازىمەت كېلىشىمى ۋە پۇل تۆلەش گۆھىرى ۋاكالىتەن تۇتۇپ قېلىش كېلىشىمى قاتارلىقلارنى ئىمزالايسىز.
(2) logo ماركىسىنى ئەۋەتىش : ئەۋەتىلگەن logo ماركىسى چوقۇم تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئەنگە ئالغان بىلەن ئوخشاش بولىشى كېرەك.
4 . تەكشۈرۈپ بېكىتىشنى ساقلاش .
(1) پوچتىدىن ئەۋەتىلگەن كارخانا سالاھىيەت ۋە ماركا ماتىرىياللىرى تىيەنماۋ نىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىنى كۈتىدۇ.(تەمىنلەنگەن ماتىرىياللارنىڭ ھەممىسى نۇسخىلانغان ماتىرىياللار بولۇپ ، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تامغىسى بېسىلغان بولىشى كېرەك . تىيەنماۋ بۇ ماتىرىياللارنى قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. شۇڭا بىر نۇسخىدىن ساقلاپ قويۇشىڭىز كېرەك.)
تېز يوللانما ئادرىسى : 浙江省杭州市西湖区文三路478号华星时代广场A座5F,天猫新签 租收
پوچتا نومۇرى : 310013
(2) تىيەنماۋ ھېسابات نومۇرى بويىچە تىزىملىتىپ كىرىڭ ۋە تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىڭ.
我的淘宝 → 我是卖家 → 天猫服务专区
15 كۈن ئىچىدە كاپالەت سوممىسى تېخنىكا مۇلازىمىتى يىللىق پۇلىنى توڭلىتىپ تاپشۇرۇش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى تولۇق تاماملاپ بولۇشىڭىز كېرەك. مۇشۇ مۇددەتتىن ئېشىپ كەتسە ، بۇ قېتىملىق ئىلتىماسىڭىز ئىناۋەتسىز بولىدۇ.
5. مەھسۇلات چىقىرىپ، دۇكاننى مەشغۇلات ھالىتىگە ئېلىپ كىلىش
(1) تىيەنماۋ ھېسابات نومۇرىغا ئاساسەن تىزىملىتىپ ، تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ بارىمىز.
我的淘宝→我是卖家→天猫服务专区→发布商品 نى چېكىپ، شۇ بەتتىكى كۆرسەتمىگە ئاساسەن، 30 كۈن ئىچىدە بەلگىلەنگەن سانغا توشقۇزۇپ، مەھسۇلاتنى چىقىرىپ بولۇشىڭىز كېرەك.
(2) 下一步,店铺上线 نى چىكىپ، دۇكاننى رەسمىي يوسۇندا تىيەنماۋغا ئېلىپ كىرىسىز .
6 . تىيەنماۋدا دۇكان ئېچىش تېخنىكا ماھارەتلىرىنى ئۆگىنىش
تىيەنماۋ تەربىيلەش مەركىزى ( http://peixun.tmall.com ) گە كىرىپ ، تىيەنماۋدا دۇكان ئېچىش جەريانى ۋە تېخنىكا ماھارەتلىرىنى ئۆگىنىڭ.
تىيەنماۋ(天猫)دا دۇكان ئىچىش ئۈچۈن خىلى ئىش كىتىدىكەن ھە؟ يەنە بىر بىلىم بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىز كۆپ رەھمەت
ئەرزىمەيدۇ،قەدەم تەشرىپ قىلىپ تۇرغىنىڭىز ئۈچۈن سىزگىمۇ رەھمەت .
ھەقىقەتەن ياخشى بىر بىلىم بىلەن تەمىن ئىتىپسىز ! ھارمىغايسىز !
ياخشى تېما ئىكەن
مەن تىيەنماۋ دىن نەرسە سىتىۋالاي دىگەنتىم ياردەم قىلامسىز؟….
بولىدۇ ، چاتاق يوق ياردەم قىلاي
تىيەنماۋ دىگىنىمىز قانداق تور بەت؟ تاۋباۋنىڭ قارمىقىدىكى سودا شەھەرچىسى دەمدۇق ياكى باشقا مۇناسىۋەت بارمۇ؟ يەنە كىلىپ تىيەنماۋدىن مال سىتىۋالغان تاۋباۋنىڭ ئادەتتىكى دۇكانچىلىرىدىن سىتىۋالغاندىن ئىشەنچىلىكمۇ ياكى ئوخشاشمۇ؟ ئەمدى جىڭدوڭ دىگىنى قانداق تور بەت؟ تاۋباۋ بىلەن قانداق ئوخشىماسلىقلىرى بار ؟
تىيەنماۋ بىلەن تاۋباۋ ئالى بابا گورۇھى بايرىقى ئاستىدىكى سودا تور بىكىتى، ئادەتتە تاۋباۋدىكى دۇكانلارغا قارىغاندا تىيەنماۋدىكى دۇكانلاردىن سىتىۋالغان ماللار ئىشەنچىلىك ھەم سۈپەت جەھەتتە ياخشىراق چىقىدۇ، بۇ دىگىنىم تاۋباۋدا ساختا مال كۆپ دىگەنلىك ئەمەس، جىڭدوڭ دىگىنىمىز ئۇمۇ بىر ئىشەنچىلىك سودا تور بىكىتى ، خاتىرجەم ھالدا مال سىتىۋالسىڭىز بولىدۇ .
تاۋباۋدىن مال ئالغاندا بىر كۈندە ئاران چەكلمسى 20مىڭ يۇەنمۇ ؟ بىر ئايدا 50 مىڭ يۈەندىن ئىشپ كەتمەسلىكى كىرەكمۇ تورداشلار؟
ياق ئۇنداق ئەمەس سىز خاتا ئاڭلاپ قاپسىز، مال سىتىۋىلىش جەھەتتە كۈنىگە ياكى ئىيىغا دەپ ھىچقانداق چەكلىمە يوق ، سىز خالىسىڭىز بىر كۈن ئىچىدە 100 مىڭ يۈەنلىك ياكى بىر مىليۇن يۈەنلىك مال سىتىۋالسىڭىز بولىۋىرىدۇ .
تاۋباۋدىن مال ئالغاندامال ساتقۇچ بىزنى ئالداپ قويسا بىز قانداق قىلشمىز كىرەك؟ مالنى سالمەن دەپ سالماي قويسا دىمەكچى…..
سورىغان سۇئالىڭىزنىڭ جاۋابى بۇ يازمىدا بار
تاۋباۋدىن ستىۋالغان مال كەلمىسە قانداق قىلىش كىرەك؟
?p=1009
تاۋباۋدىن سىتىۋالغان مالنى قايتۇرۋىتىش كۆرسەتمىسى
?p=1673
بۇ تور بەتنى بۇرۇن نىمشقا كۆرمىگەن بولغۇيتۇم .
ھازىرمۇ كىچىكمىدىڭىز ، قەدەم تەشرىپ قىلىپ تۇرۇڭ .
بولىدۇ، رەھمەت !! مەن مۇشۇ تىيەنماۋغا ئەزا بولدۇم . بىراق مەن بىر ئىشنى چۈشنەلمەيلا قالدىم مەن [تىيەنماۋغا كىرمەي تۇرۇپ] تاۋباۋ توردىن نەرسە كۆرەي دىسەم مىنىڭ ئەزالىق نومۇرۇم تاۋباۋ تورىدا تۇرىدۇ بۇ نىمە ئۈچۈندۇ ؟ مەن ئۇ ۋاقىتتا تىخى ئەزالىق ئىسمىمنىمۇ ھەم مەخپى نومۇرۇمنىمۇ باسمىغان ئىدىم تىخى ئەزالىق دەرىجەڭ ئۆستى دىگەندەك ئۇچۇرمۇ بار ، بولمىسىغۇ بىرەر قىتىم ئۇ ئەزاالىق نۇمۇرۇم بىلەن كىرىپمۇ باقمىغان ، قىسقىسى سودا توردىن ، تىيانماۋغىلا ئەزا ئىدىم…ئىككىسنى بىرمىكىن دىسەم تىخى؟؟؟؟؟؟
تاۋباۋ، تىيەنماۋ، ئالى بابا ، قاتارلىق تور بىكەتلەرنىڭ ھەممىسى ئالى بابا گورۇھىىنىڭ بايرىقى ئاستىدىكى بىكەتلەردۇر، سىز بىر ئەزالىق نامى بىلەن مۇشۇ بىكەتلەرنىڭ خالىغان بىرىدىن ھەر ۋاقىت بىمالال مال سىتىۋالالايسىز