نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەتتاۋباۋ بىلىملىرى>ئاساسىي مەزمۇن
تاۋباۋدىن ستىۋالغان مال كەلمىسە قانداق قىلىش كىرەك؟
2012-يىلى12-ئاينىڭ08-كۈنى تاۋباۋ بىلىملىرى ⁄ جەمئى 1986خەت بار 13پارچە ئىنكاس بار ⁄ 2,075 قېتىم كۆرۈلدى+
بەشىنجى ئەۋلاد قىممەت تولۇقلاش سىستىمىسى

تاۋباۋدىن مال زاكاس قىلغاندا پۇل تۆلەپ بولغاندىن كىيىن ئادەتتە سودىنىڭ ئاخىرلىششى ئۈچۈن 10 كۈن ۋاقىت بەلگىلەنگەن، مۇشۇ 10 كۈن ئىچىدە سىز زاكاس قىلغان مالنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ”مالنى تاپشۇرۇپ ئالدىم“ (确认收货) كونۇپكىسىنى بېسىپ سودىنى ئاخىرلاشتۇرىشىڭىز كېرەك، مۇشۇنداق بولغاندىلا بۇ قېتىملىق سودا مۇۋەپپەقيەتلىك بولۇپ مال سېتىۋالغاندىن كىيىنكى ئىشەنىچ نومۇرى دۇكاندارغا قېتىلىدۇ. ناۋادا سىز 10 كۈنگىچە 确认收货 قىلمىسىڭىز سېستىما ئاپتۇماتىك ھالدا 确认收货 بولۇپ پۇل مال تەمىنلىگۈچىنىڭ ھېساباتىغا يوللىنىدۇ ۋە بۇ قېتىملىق سودىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

ناۋادا سىز شىنجاڭنىڭ ئەڭ يىراق ناھيىلىرىدىكى مال ئالغۇچى بولسىڭىز مال ئەڭ تېز بولغاندىمۇ10كۈندىن 15 كۈنگىچە قولىڭىزغا تېگىدۇ، سېستىمىنىڭ سودىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا بەرگەن ۋاقتى 10 كۈن، دىمەك سىز مالنى تاپشۇرۇپ ئالماي تۇرۇپلا سېستىما سودىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

دۇكاندار مالنى سالغان بولسا سېستىما سودىنى ئاخىرلاشتۇرۋەتسىمۇ سىزگە ھېچقانداق زىيىنى يوق، ناۋادا دۇكاندار ئالدامچى بولۇپ مال سالمىغان بولسا سودا ئاخىرلىشىپ كەتسىلا پۇلىڭىزدىن زىيان تارتىپ قېلىشىڭىز مومكىن.

شۇڭلاشقا مال سېتىۋلغاندىن كىيىن ۋاقىتقا دېققەت قىلىڭ، 9~8 كۈنگىچە مال كەلمىسە دۇكاندار بىلەن ئالى ۋاڭ ۋاڭ ئارقىلىق ئالاقلىشىپ ۋاقىتنى ئۇزارتىپ (延长时间) بېرىشنى تەلەپ قىلىڭ.

ئەمدىكى گەپ، سىز مالنى زاكاس قىلىپ قويۇپ باشقا ئىشلار بولۇپ كېتىپ ۋاقىت ئۆتۈپ كەتسە سېستىما سودىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ- دە سىزدە زىيان تارتىش ئېھتمالى تۇغۇلىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا سىز مال زاكاس قىلغان چاغدىكى مال يەتكۈزۈش تالۇنى (运单号码) ئارقىلىق EMS تىن مالنىڭ يۆتكىلىش ئەھالىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ، ناۋادا EMS تىن مال يۆتكىلىش ئۇچۇرىغا ئېرىشەلمىسڭىز مال يەتكۈزۈش (运单号码) تالۇنىنىڭ ساختىلىقىنى ۋە سودىگەرنىڭ مالنى سالمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا سىز دەرھال ئۆزىڭىزنىڭ مال زاكاس ئامبىرىڭىز (已买到的宝贝) غا كىرىپ شۇ مەھسۇلاتنىڭ يېنىدىكى ئەرىز قىلىپ ھوقۇقىنى قوغداش (投诉维权) كونۇپكىسىنى بېسىپ تاۋباۋ ساقچىخانىسىغا ئەرىز قىلىسىڭىز بولىدۇ.

بۇنىڭدىكى ئالدىنقى شەرت سىز مالنى كاپالەت پۇلى (保证金) تاپشۇرغان دۇكانلاردىن سېتىۋالغان بولىشىڭىز كېرەك.

چۈشەنچە: تاۋباۋدا دۇكان ئاچقۇچىلا دۇكاننىڭ ئىشەنىچ دەرىجىسىنى تېز ئاشۇرۇپ سودا ئوبۇرىتىنى تېزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئادەتتە كاپالەت پۇلى تاپشۇرىدۇ، كاپالەت پۇل تاپشۇرمىسا دۇكاننىڭ ئىشەنىچ دەرىجىسى تۆۋەن بولىدۇ.

سىز ئەرىز قىلغاندىن كىيىن تاۋباۋ ساقچىخانىسى دەلىللەپ سودىگەرنىڭ كاپالەت پۇلىدىن پۇل تۇتۇۋىلىپ سىزنىڭ ھېساباتىڭىزغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ، ھەمدە مۇۋاپىق جازالاش تەدبىرى قوللىنىدۇ.

 دىققىتىڭىز مەزكۇر سىندا بولسۇن

نۆۋەتتە 13 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :11 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :2 پارچە

  1. گۈلخان : 2012-يىلى12-ئاينىڭ10-كۈنى07:48:27  -49-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ھەقىقەتەن چۈشىنىشلىك تەپسىلى دەرىسلىك بوپتۇ رەھمەت :smile:

  2. دىيار : 2012-يىلى12-ئاينىڭ10-كۈنى14:07:51  -48-رەت @جاۋاب جاۋاب

    رەخمەت سىزگە بىلىپ قۇيۇشقا تىگىشلىك بىلىمكەن

  3. تەنھا : 2012-يىلى12-ئاينىڭ10-كۈنى14:27:36  -47-رەت @جاۋاب جاۋاب

    مەنمۇ مۇشۇ تور سودىسىغا يىڭىدىن قىزىقىۋاتىمەن ، بىلىپ قويۇشقا تىگىشلىك بىلىملەر ئىكەن ، رەھمەت سىزگە…

  4. گۈزەل : 2012-يىلى12-ئاينىڭ11-كۈنى13:41:35  -46-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ياخشى بىلىمدىن بىرنى يوللاپسىز. تور سودىسىدا بۇنداق ئەھۋالغا ئۇچىرىمايمىز دىيەلمەيمىز. رەھمەت سىزگە :smile:

  5. تۇران : 2012-يىلى12-ئاينىڭ11-كۈنى18:06:09  -45-رەت @جاۋاب جاۋاب

    رەخمەت سىزگە ھەقىقەتەن بىلىپ قۇيۇشقا تىگىشلىك بىلىمكەن

  6. ئاتەش : 2012-يىلى12-ئاينىڭ11-كۈنى18:13:27  -44-رەت @جاۋاب جاۋاب

    قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن! ياخشى بىلىمدىن بىرنى يوللاپسىز :smile:

  7. نەپ : 2012-يىلى12-ئاينىڭ11-كۈنى18:39:01  -43-رەت @جاۋاب جاۋاب

    پەچەت دەرىسلىككەن ماۋۇ، قۇدۇققا چۈشتى دەپ ئويلاپ يۈرگەن پۇللىرىمنى مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە قايتۇرۋالدىم، قاتتىق رەھمەت. :eek:

  8. تورسودا : 2012-يىلى12-ئاينىڭ11-كۈنى18:46:10  -42-رەت @جاۋاب جاۋاب

    سىلەرگىمۇ رەھمەت، يوللىغان نەرسىلىرىمنىڭ ئاز تولا پايدىسى تەگكەن بولسا مەن شۇنىڭغا خۇرسەن،دائىم قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن

  9. ئۇيغۇرمەن : 2012-يىلى12-ئاينىڭ17-كۈنى15:26:26  -41-رەت @جاۋاب جاۋاب

    بەك ياخشى تېما بوپتۇ ، ھەم ناھايىتى چۈشۈنۈشلۈك……….. ھارماڭ …… ! :eek:

  10. ئەلسىھەت : 2012-يىلى12-ئاينىڭ31-كۈنى09:54:50  -40-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ھەي مۇشۇ خەنزۇچىنى ياخشى ئۈگەنمىگەننىڭ ئىشى. تۈنگۈن 30 يۇئەن قۇدۇققا چۈشتى دەيمەن. تاۋباۋدىن قىممەت تۇلۇقلاش كارتىسى ئالغان. ئۇ خەنزۇ نۇمۇرنى ئەۋەتتىمغۇ دەيدۇ. مەن تاپالمايمەن…… بۇ يازما ياخشى بوپتۇ جۇمۇ :eek:

  11. مەلەك : 2013-يىلى01-ئاينىڭ06-كۈنى02:11:44  -39-رەت @جاۋاب جاۋاب

    تاۋباۋدىن سېتىۋالغان مال كەلگەندىن كېيىن ،تاۋباۋ تورىغا كىرىپ مال كەلگەنلىكنى جەزىملەشتۈرۈش كونۇپكىسىنى باسمىساقمۇ بولامدۇ،مەن دائىم مېلىم كەلسىلا ئۇنى بېسىشنى ئۇنتۇپ قالىمەن

  12. V : 2013-يىلى01-ئاينىڭ29-كۈنى10:24:51  -38-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ئەگەر كەلگەن مال كۆڭۈلدىكىدەك چىقمىسا قانداق قىلىمىز .

    • تورسودا : 2013-يىلى01-ئاينىڭ31-كۈنى14:01:06  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      سودا ئاخىرلىشىشتىن ئاۋال مالنى قايتۇرسىڭىز بولىدۇ، ئادەتتە سودا ئاخىرلىشىش ۋاختى 10 كۈن بولىدۇ

بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !

باش سۈرىتىڭىز ؟