ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! تورسودا بىلوگىنىڭ ئەزىز ئوقۇرمەنلىرى ۋەبىلوگىمىزنىڭ قىزغىن قوللىغۇچىلىرى ياخشىمۇسىلەر؟ پەن-تېخنىكا ۋە ئۇچۇر مۇلازىمەتلىرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى بىلەن تور بازىرى ھەقىقەتەنمۇ چوڭ بازار ھېسابلىنىدىغان بولۇپ قالدى. لېكىن نۇرغۇن قېرىندشلىرىمىز تىلدا قىينىلىش ياكى توردا سودا قىلىش بىلىملىرىنىڭ كەمچىللىكى تۈپەيلىدىن، ھەمدە باشقا تېخنىكىلىق يىتەرسىزلىكلەر تۈپەيلى بۇ ياخشى پۇرسەتتىن دىگەندەك پايدىلنىپ بولالمىدى. توردىن خاتىرجەم ھالدا ئىشەنچىلىك ۋە ئەرزان ماللارنى سېتىۋېلىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايۋاتقان، تور دۇكان ئاچقۇسى بار لىكىن قانداق ئىچىشتا قىينىلىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ كۆپلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇشۇ سەۋەب بىلەن ئۆزەمنىڭ 4 يىللىق تور سودىسى پىلانى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش ، تەشۋىق قىلىش تەجرىبەمگە ئاساسەن قېرىندشلىرىمنىڭ ئۆزىگە خا س بولغان توردىن مال سىتىۋىلىش ۋە توردا دۇككان ئېچىپ مال سىتىش ئىشلىرىغا ياردەم قىلماقچىمەن. (ھەقسىز،خالىس ياردەم)
مۇلازىمەت تۈرلىرى ، توردىن مال سىتىۋىلىش ، توردا دۇكان ئىچىش، توردىن ۋاكالىتەن ئىشەنچىلىك ماللارنى ئەكەپ بىرىش ، تىزىملىتىپ كىرىش، ھەر قايسى تور دۇكانلىرىنىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈش ، بانكا ھېساۋاتىنى چېتىش ، دۇكان ئىلتىماس قىلىش... تور دۇكاننى ئىككىنجى دەرىجىلىك تور نامىغا ئۇلاپ بىرىش،توۋەندىكىدەك ،(http://parwaz.taobao.com)
تور دۇكىنىغا مەھسۇلات چىقىرىش، ئەڭ ئاخىرىدا مەھسۇلاتلارنىڭ تېمىسى،چۈشەندۈرۈلىشى،مەھسۇلات رەسىمى، ئالاقىلىشش ئۇسۇلى ، تەشۋىق قىلىش ئۇسۇللىرى تەپسىلىي چۈشەندۈرىلىدۇ.
كېرەكلىك ماتىرياللار:
ئىلخەت ساندۇقى (مۇقىم ئىشلىتىدىغان ئېلخەت ئادرىسىڭىز بولىشى كىرەك)
كىملىك نومۇرى (كىملىكنىڭ سايىلەنگەن 扫描 نۇسقىسى كىرەك)
قول تېلىفۇن نومۇرى (ئۆزىڭىزنىڭ دائىملىق ئىشلىتىدىغان قول تىلفۇن نومۇرى بولۇشى كىرەك)
تور بانكا ھېساۋات نومۇرى (بانكا كارتىڭىزنىڭ توربانكا كەسپى ئىچىلغان بولۇشى كىرەك)
ئەسكەرتىش : توۋەندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ھەقسىز مۇلازىمەتلەر، يەنە قانداق ياردەم كىرەك بولسا ئىنكاس قالدۇرغايسىز ، ھەرقاچان قولىمىزدىن كىلىشىچە ياردەمدە بولىمەن، ھەممىسى ئۇيغۇر تورسودىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن، بىلوگىمىزنى داۋاملىق تۈردە زىيارەت قىلىپ تۇرشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز
بىلوگىمىزغا قارىتا قانداق پىكىر-تەلەپ ۋە سورايدىغان ياردەم بولسا ئىنكاس قالدۇرغايسىز
بولدىغان ئىشكەن بۇ، كۆپچىلىك ئۈچۈن ياخشى ياردەملىرىڭىزنى ئايىمايۋاتىسىز جۇمۇ بۇرادەر
ئەمىسە ماڭىمۇ ياردەم قىلسىڭىز بولغۇدەك ، مەنمۇ تور دۇكىنى ئاچاي دەپ تۇرغان ، لىكىن يولىنى تاپالمىغان ، بۇ بلوگنى كىيىن كۆرۈپ قاپتىمە ، ئەسلى بۇرۇنراق كىرىدىغان ئىشكەنتۇق ، بۇ ساھەدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇپسىز ، رەھمەت سىزگە ، ئەمدى پات پات يوقلاپ تۇرىمەن خۇدايىم بۇيرىسا …
رەھمەت بۇرادەر، كىرەكلىك ماتىرياللىرىڭىز تەييار بولسىلا ئىشنى باشلىساق بولىدۇ، قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت
ئاجايىپ ئىسىل ئىشتىن بىرنى باشلاپسىز جۇمۇ ……..
ئەمدى قولۇمدىن كىلىدىغىنى شۇكەن،قولۇمدىن كىلىشىچە يادەمدە بولىمەن ئاللا خالىسا…
دۇكاننىغۇ سىزنىڭ ياردىمىڭىزدە ئاچىمىز، لىكىن شۇ دۇكانغا سالىدىغان مالنىڭ مەسىلىسى كاللا قاتۇردۇ.
مەن كىرەكلىك ماتىرياللارنى تولوقلاپ سىزنى ئىزدەپ دۇكاندىن بىرنى ئىچىۋالاي،
ھە راس تاۋباۋدا دۇكان ئىچىش خەنزۇچىنى بەك پىشىشىق بىلمەيدىغانلارغىمۇ ماس كىلەرمۇ.
كۆپرەك ھەپىلىشىپ بەرسىڭىز ھەممىنى ئۈگىنىپ كىتەلەيسىز، گەپ ئۆزىڭىزنىڭ قىزغىنلىقى ۋە تىرىشچانلىقىدا، دۇكانغا سالىدىغان مال مەسلىسىگە كەلسەك، بۇجەھەتلەردىن خاتىرجەم بولسىڭىزمۇ بولىدۇ،ئىشەنچىلىك مال مەنبەلىرىنى ئۆزۈم تەۋسىيە قىلىمەن
سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئىيتىمەن،
كىتەرلىك ماتىريالنى سزگە قانداق يوللاپ بەرسەم بولىدۇ، ئى خەت ئادىرسىڭىزنى قالدۇرسىڭىز
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !
ماڭىمۇ ياردەم قىلىپ بىر دۇكان ئىچىپ بىرەرسىزمۇ ؟ مەن ھەممە نەرسىنى تەييار قىپ بولغان
سىز قايسى جەھەتتىكى ئىشلارنى قىلالمىدىڭىز؟ ئىنكاس ئارقىلىق قالدۇرغان بولسىڭىز ….
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
مەن بىرشىركەتكە مەسئۇل بۇلاۋاتىمەن. ھازىرچە ئۈچ خىل مەھسۇلاتنى بازارغا سالدۇق يامان ئەمەس. ھەممىسى ئۆزىمىز ئىشلىگەن يەرلىك مەھسۇلاتلار. توردا ئېلان ياكى مەخسۇس توربېتى يوق. تاۋباۋدىن بىردۇكان ئېچىپ ئېلانىنى بىرىپ قويسام بولغۇدەك.
توغرا ئويلاپسىز،مەھسۇلاتلارنى توردۇنياسىدا تەشۋىق قىلىپ سىستىش ئەڭ ئاقىلانە تاللاش ھىسبلىنىدۇ …تاۋباۋ بولسا پايانسىز بىر بازاردۇر….
ئەجرىڭىزگە رەھمەت. مۇنداق خالىس ئىشلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن قېرىندىشىم.
تەييارلىغان ماتىرياللارنى سىزگە ئېۋەتەمدۇق ياكى تاۋباۋ تورىغىمۇ قەدەم باسقۇچلىرىنى تەپسىلىرەك سۆزلەپ بىرەسىزمۇ؟
ئەلۋەتتە تاۋباۋغا ئىۋەتىمىز بۇرادەر، بىلەلمىگەن چۈشەنمىگەن جايلار بولسا ئىنكاس قالدۇرۇڭ بىرلىكتە ھەل قىلىمىز….
ناھايىتى ياخشى ئىشتىن بىرنى قىلىپسىز،مەنمۇ خېلى بولغان تور دۇكاندىن بىرنى ئاچايمىكى دەپ تۇرغىلى،لېكىن بەزى جايلىرىنى ئۇقالماي قالغان،ئەمدى ئاللا بۇيرىسا سىزنىڭ ياردىمىڭىزدە بىرنى ئېچلىۋالغۇدەكمەندە….ياردەم بېردىغان ۋاقىت تۇشۇپ قالمىغاندۇ؟
ئەلۋەتتە بار بۇرادەر، بۇ ۋاقىتلىق پائالىيەت ئەمەس
بۇگۇن ماڭا بىر ياردەم قىلىپ دۇكان ئېچىپ بەرسىڭىز بۇلاتتى،ۋاقتىڭىز بارمىدۇ؟ مەن سىز دېگەن نەرسىلەرنى تەييار قىلىپ قويغان.
ھەممە ئادەمگە ۋاقتىم بار سىزگە بولمىسا بولماس مۇزات بۇرادەر، چ چ دا ئالاقىلىشىڭ
بۇ بىلوگنى سەل كىيىن كۆرۈپ قاپتىمەن ، مەن دۇكان ئىلتىماس قىلغان تاۋباۋدىن ئىمتاھاننىمۇ بېرىپ بولدۇم . ھىساۋاتنىمنىمۇ باغلاپ بولدۇم ھازىرقى مەسىلەن شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئىشەنچىلىك مال مەنبەسى تېپىش بوپقالدى مۇشۇ ئىشقا بىر ياردەم قىلغان بولسىڭىز ؟
سىزنىڭ ئورنىڭىز نەدىكىن؟ شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جايدىكى شۇخىل مەھسۇلاتلارنى ساتقۇچىلار بىلەن دىيشىۋىلىپ مالنى شۇلاردىن ئىلىپ خىرىدارغا يوللاپ بەرسىڭىزلا ئىش تامام، مىنىڭچە ئەڭ ياخشى چارە شۇ
بۇ تىمىنى كىيىن كورۇپ قاپتىمەن،،،،،بەك ياخشى باشلىنىش بوپتۇ .بىرلىكتە تەرەققى قىلىش ئوز-ئارا ياردەم بىرىش دىگەن مۇشۇ نداق باشلىنىدۇ .سىزگە كۆپ رەھمەت!!!!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن مۇشۇ تور سودىسىغا بەكلا قىزىقىمەن توردىن ئانمۇنچە نەرسەكېرەكمۇ سېتىۋالىمەن دۇكان ئاچىمەن دەپ خېلى ھەپىلىشىپ باقتىم لىكىن ئاچالمىغان ئىدىم مەن بۇ بىلوگغا كىرىپ دۇكان ئېچىشنىڭ ئانچە قىيىن ئەمەسلىكىنى ھېسقىلدىم توغرا مەشخۇلات قىلساقلا دۇكان ئاچالايدىكەنمىز…..ماڭا ياردەم قىلغان بولسىڭىز؟
قىينالغان، بىلەلمىگەن جايلىرىڭىز بولسا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويغايسىز، ھەرقانداق مەسلىنى بىرلىكتە ھەل قىلىمىز
مەندە سودا سانائەت بانكىسىنىڭ كارتىسى بار مەن مۇشۇ كارتا ئارقىلىق تاۋباۋدىن مال سېتىۋالىمەن مەن بۇ كارتا بىلەن سەي فۇتۇڭدا مال سېتىۋالسام بۇلامدۇ؟ بۇ كارتىنى سەي فۇتۇڭ بىلەن قانداق باغلايمەن؟ بۇ مەسىلىگە تەپسىلى چۇشەنچە بەرگەن بولسىڭىز كۆپ رەھمەت!
سىتىۋالسىڭىز بولىدۇ، مەشخۇلات جەريانى تاۋباۋ بىلەن ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش، سەيفۇتۇڭنى 实名认证 ، ھەقىقى ئىسىم بىلەن گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزگەن بولسىڭىز تىخىمۇ قولاي بولىدۇ
كەچۇرۇڭ مەن چىقىم قىلاممىدىم كارتام سەي پۇتۇڭغا باغلانمىدىمۇ بىلمىدىم تەپسىلى چۇشەندۇرۇپ قويغان بولسىڭىز؟ رەھمات
بۇ يازمىنى ھەجەپ كىچىكىپ كۈرۈپتىمەن دەيمەن. بولسا ماڭىمۇ بىر ياردەم قىلغان بولسىڭىز. چ چ 2335767417
بولىدۇ ئەلسىھەت بۇرادەر، بىرنەچچە كۈندىن بىرى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ، مەنزىلىمگە بۈگۈن يەتتىم، بىۋااستە چ چ دا ئالاقىلىشايلى
ماڭا دۇكان ئىچىپ بېرىمەن دەپ يۇقاپلا كەتتىڭىزغۇ چاقچاق،ئۆزۈممۇ بەك ئالدىراش بۇلۇپ كېتىپ ۋاقىت چىقماي قالدى.ئەمدى سىزنىڭ ۋاقىتىڭىز بارمىدۇ؟ھە راسىت،مەن يېڭى بىلوگ ئاچىتىم.سىزنىمۇ ئۇلنىشقا قۇشۇۋالدىم.لېكىن مېنى چۇقۇم قۇشىۋېلىڭ دېمەيمەن.بۇرۇنىقى مۇزات بىلوگى ۋاپات بولدى
بولىدۇ بۇرادەر، بىرنەچچە كۈندىن بىرى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ، مەنزىلىمگە بۈگۈن يەتتىم، بىۋااستە چ چ دا ئالاقىلىشايلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماڭا ياردەم قىلغان بولسىڭىز ؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، بولىدۇ، سىزگە قانداق ياردىمىم كىرەك بۇرادەر؟
مەن سەيپۇتۇڭدا قانداق چىقىم قىلىشنى بىلمىدىم قانداق قىلسام سەيپۇتۇڭغا پۇل قاچىلىيالايمەن مۇشۇ ئىشتا يۇل كۇرسەتكەن بولسىڭىز رەھمەت
چچ نومۇرىڭىز نەچچە
ياخشىمۇ سىزلەر ، تور سودا بلوگىدىكى باھارلىق تورداشلار ياخشىمۇ سىزلەر ، بۇ بلوگنى كۆرىۋاتقىلى خىلى ئۇزۇن بوپ قاپتۇ نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئۇنى -بۇنى قىلىپ يۈرۈپ مانا تاۋباۋ دا ئىنتاھان بىرىدىغان يەرگە كىلىڭ ، سالپىيىپ تۇردۇم ، مومكىن بولسا تورداشلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى ئۇمىد قىلىمەن ، چ چ ، 780692919 تورداشلارنى خەۋىرىنى كۈتىمەن