نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەتتورسودىسى>ئاساسىي مەزمۇن
تور سودا دۇكىنى ئېچىش شەرتلىرى ۋە تور سودىسىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
2012-يىلى05-ئاينىڭ31-كۈنى تورسودىسى ⁄ جەمئى 3670خەت بار 7پارچە ئىنكاس بار ⁄ 512 قېتىم كۆرۈلدى+
بەشىنجى ئەۋلاد قىممەت تولۇقلاش سىستىمىسى

تور سودا دۇكانلىرى ئېچىش ۋە توردا سودا قىلىشنىڭ نۇرغۇن ئۈستۈنلىكى ۋە قۇلايلىق تەرەپلىرى بولسىمۇ ، ئۇ ھامان « ئۈجمە پىش ، ئاغزىمغا چۈش » دېگەندەك ئاددى ئىش ئەمەس . مەيلى تور دۇكىنى ئېچىپ تور سودىسى قىلىش بولسۇن ياكى توردىن مال سېتىۋىلىش بولسۇن ، ئۇنىڭغا مەلۇم ئەجىر سىڭدۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ . زۆرۈر شەرتلەرنى ھازىرلاشقا توغرا كېلىدۇ . ھەر ئىككى تەرەپكە نېسپىتەن ئېيتقاندا ، ئورتاق بىر شەرت بار ، بۇنى چوقۇم ھازىرلاش كېرەك .ئۇ بولسىمۇ ، تورغا ئۇلانغان بىر كومپىيۇتېر بولۇش ۋە ئۇنى ئىشلىتىشنى بىلىشتىن ئىبارەت . تورغا چىقىشنى بىلىدىغان ھەر قانداق كىشى تور دۇكانلىرىدىن مال تاللىيالايدۇ ۋە سېتىۋالالايدۇ . ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر دە بۇ شەرت ھازىرلانغان .
ھالبۇكى ، تور دۇكىنى ئاچماقچى بولغان كىشى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا بولمايدۇ . ئۇ يەنە مۇئەييەن سودا كەسپى ساپاسىغا ئېگە بولىشى ، يەنى سەمىمى ، ئادىل بولۇش روھىغا ئېگە بولىشى ،جاپاغا چىداپ ئىگىلىك يارىتىش روھىغا ئېگە بولىشى ، ئەلا مۇلازىمەت قىلىش روھىغا ئېگە بولىشى ، بازار ئەھۋالىنى ئېگىلەشنى بىلىش ، سودا پۇرسىتىنى تۇتۇشنى بىلىش، كومپىيۇتېرغا مال كىرگۈزۈش ، مال ئەۋرىشكىلىرىنى سۈرەتكە تارتىش ۋە ئۇنى تور دۇكىنى بوشلۇقلىرىغا تىزىش ، كۆرگەزمە قىلىش ، مال تۈرلىرى كۆزنەكلىرىنى كۆركەم قىلىپ لايىھەلەش ( كومپىيۇتېر كەسپى لايىھەلىگۈچى خادىملىرىنى لايىھەلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلسىمۇ بولىدۇ ، ئەلۋەتتە) ، ماللارنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى ۋە باھاسىنى يېزىش ، تورداشلار (مال سېتىۋالغۇچىلار) بىلەن سىردىشىش، مودا بولىۋاتقان ماللارنى بىلىش ، تېز يەتكۈزگۈچىلەر بىلەن سودىلىشىشنى بىلىش قاتارلىق ئاساسى سودا ساۋاتلارغا ئېگە بولىشى كېرەك . ئۇندىن باشقا ، تور دۇكىنىنى ياخشى ئېچىش ئۈچۈن ، ئۆگۈنۈشكە ئەھمىيەت بېرىش ، دوست تۇتۇشقا ماھىر بولۇش ۋە باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشنى بىلىش كېرەك . دېمەك ، تور دۇكىنى ئېچىش ئۈچۈن ئۇنۋېرسال ساپاغا ئېگە بولۇش كېرەك . ھەر قانداق بىر ياخشى ئىشنى قىلىشتا زۆرۈر بولغىنىدەك ، تور دۇكىنى ئېچىشتىمۇ ياخشى روھى ھالەتنى ھازىرلاشقا تورا كېلىدۇ . تور دۇكىنى ئاچقۇچىلار ئۆزىگە ئىشىنىپ، توغرا دەپ بېكىتكەن نىشاندا چىڭ تۇرالىشى ، ، جاپا ئىچىدىن راھەت تېپىشنى بىلىشى، ئىشچان ، تىرىشچان بولىشى ، بىر كۈندىلا باي بولۇش كويىدا بولماسلىقى ، مەغلۇبىيەت ئىچىدىن ساۋاق ئىزدەپ ، داۋاملىق ئىلگىرىلەشكە يول ھازىرلىيالايدىغان بولىشى ، ئىشنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرىدىغان قەيسەرلىك روھىغا ئېگە بولىشى كېرەك .
باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، كومپىيۇتېر ساۋاتى بەك تۆۋەنلەر ، ئۆزگەرمەس تۇرمۇشقا شۈكرى قىلىشقا كۆنۈپ قالغانلار، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىنىلا ئارزۇ قىلىدىغان، غايە ۋە مەسئۇلىيەتنى زېممىسىگە ئېلىشقا جۇرئەت قىلالمايدىغانلار ، كەلگۈسىگە ئىنتىلىشنى خالىمايدىغانلار ، ئەركىن ھەرىكەت قىلىشنىڭ قەدرىگە يەتمەيدىغالار، يېنىدا مەدەت بېرىدىغان بىرمۇ ئۇرۇغ تۇققىنى ، دوستى يوق ياكى ئاتا ئانىسى ، جۆرىسى بۇ ئىشنى قىلىشقا قارشى تۇرغانلار ، مەغلۇبىيەتكە بەرداشلىق بېرىش ئىرادىسى يوقلار ، تور سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئورگانلاردا خىزمەت قىلىشتىن ھوزۇرلۇق دەپ قارايدىغانلار ، بىر كۈن ئىشلەپ ئىككى كۈن ئارام ئالىدىغانلار ،قىسقا ۋاقىتتىلا تېز بېيىپ مىلىيۇنىر بولۇپ كەتسەم دەيدىغانلار ، سەمىمىيەتسىزلىك بىلەن سودىدا ساختىپەزلىك قىلىپ ، ھارام پايدىغا ئېرىشمەكچى بولغانلار ، مېڭىسىنى ئىشلەتمەي ، باشقىلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچىلا ئىش قىلىدىغانلار ، ئارقا ئىشىكتىن قاتراپ ، مۇناسىۋەتكە تايىنىپ يول تېپىشقا كۆنۈپ قالغانلار ، مۇلازىمەت قىلىش روھى يوق ، باشقىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ژۈك دەپ بىلىدىغانلار ، يېزىق ساۋادى ۋە چۈشەندۈرۈش ئىقتىدارى يوق كىشىلەر شەرت ھازىرلىنىشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى توردا دۇكان ئېچىشقا ئالدىراپ كەتمەسلىكى لازىم.
توردىن مال سېتىۋالغۇچىلار توردىكى ماللارنىڭ نامى ، تىپى، مالنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرىشىنى ئەستائىدىل كۆرۈپ ، ئاندىن مال سېتىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى لازىم . مەشغۇلات قىلىشتا قىيىنچىلىق بولغاندا ،مال سېتىۋېلىشتا خاتالىق سادىر بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، تور مەشغۇلاتىغا بىر قەدەر پىششىق كىشىلەرنى يارىدەملىشىپ مەشغۇلات قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىش كېرەك .
توردىن مال سېتىۋالغۇچىلار مال سودىگىرىدىن مالنىڭ ئېۋەرتىلىش ۋاقتى ، قايتۇرۇش ، ئالماشتۇرۇش مۇھلىتى ، ھەقسىز رېمۇنت قىلىش ، ئاسراش مۇھلىتى قاتارلىقلارنى سوراپ بىلىۋېلىشى ياكى چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىدىن ئېنىق بىلىۋېلىشى ۋە مال سودىگىرىنىڭ ئادېرىسى ، ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نومۇرى قاتارلىق ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىنى قولغا كەلتۈرىشى لازىم . شۇنداق قىلغاندا ، بەزى بىھۇدە ئۇقۇشماسلىقلاردىن خالى بولغىلى بولىدۇ .
توردىن مال سېتىۋالغۇچىلار توردىن مال سېتىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا ، مالنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ ئالالماسلىقتىن ياكى مالنىڭ خاتا ئېۋەرتىلىپ قېلىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، مال تاپشۇرىۋالغۇچىنىڭ ئىسىم فامىلىسى ، ئادېرىسى ۋە ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نومۇرلىرىنى توغرا يوللاپ بېرىشى كېرەك .

نۆۋەتتە 7 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :4 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :3 پارچە

  1. يارقىن : 2012-يىلى05-ئاينىڭ31-كۈنى09:47:55  -49-رەت @جاۋاب جاۋاب

    سالام… مەن تور سودا قىلىشقا قىزىقىمەن، ھەمدە تور سودا بەتتىن بىرنى ئىچىشقا تىرشىۋاتمەن… قانداق رەسمىيەتلەرنى بىجىرىشكە توغرا كىلىدۇ….

  2. يارقىن : 2012-يىلى05-ئاينىڭ31-كۈنى09:49:53  -48-رەت @جاۋاب جاۋاب

    مەسلەن ( تور سودا بەتتىن بىرنى ياساپ چىققاندىن كىيىن، تاۋباۋ غا ئوخشاش كۆپ دۇككان ئاچىدىغان قىلىش ئۇچۇن ، ھۆكىمەتتىن قاندان رەسمىيەتلەرنى بىجىرىشكە توغرا كىلىدۇ… چ چ رىم : 1803635120

  3. admin : 2012-يىلى05-ئاينىڭ31-كۈنى19:44:44  -47-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خۇش كەپسىز بۇرادەر…..سودا بەت قۇرۇش ئاسان ،لىكىن سىز دىگەندەك ھۆكىمەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن تاۋباۋغا ئوخشاش كۆپ ئادەم دۇككان ئاچىدىغان سودا بەت قۇرۇش ئۈچۈن، بىرىنجىدىن بىر مىليون مەبلەغنى ئەنگە ئالدۇرغان شىركەت بولىشى كىرەك، ئىككىنجىدىن خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن تور سودىسىنى باشقۇرۇش ئىجازەتنامىسى ئىلىش كىرەك ، بۇنىڭ ئۈچۈن بەشتىن ئارتۇق خىزمەتچىسى بولۇش ، بىر نەپەر كومپىيۇتىر ئىنجىنىر بولۇش ، ئۆزىنىڭ مۇقىم شەخسى مۇلامىتىرى بولۇش قاتارلىق شارائىتنى ھازىرلىغان بولۇش كىرەك….

  4. admin : 2012-يىلى05-ئاينىڭ31-كۈنى19:47:53  -46-رەت @جاۋاب جاۋاب

    مىنىڭ بىلىدىغىنىم ھازىرچە مۇشۇنچىلىك ، قالغىنىنى باشقا دوستلار تولۇقلاپ قويارسىلەر… ;-)

  5. يارقىن : 2012-يىلى06-ئاينىڭ07-كۈنى10:08:49  -45-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ۋاي ئاللا … بولدىلا ، يانىلا wp تەرجىمانلىق قىلىۋىرەي…

  6. admin : 2012-يىلى06-ئاينىڭ07-كۈنى10:13:12  -44-رەت @جاۋاب جاۋاب

    يەنە بىر ئاقلانە يول، تەرەققى قىلغان سودا بىكەتلىرىدە توردۇككىنى ئىچىشمۇ ئەڭ ياخشى تاللاش ھىسابلىنىدۇ….

  7. گۈلناز : 2012-يىلى07-ئاينىڭ18-كۈنى04:33:43  -43-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ياخشى بىلىملەر ماكانىكەنغۇ بۇ، مەنمۇ تور سودىسىغا بەك قىزىقاتتىم، دائىم كىلىپ بىلىم ئىگەللىسەم بولغۇدەك، رەھمەت :razz:

بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !

باش سۈرىتىڭىز ؟