نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەتتورسودىسى>ئاساسىي مەزمۇن
تور سودىسى ۋە تور سودىسى قىلىدىغان تور بېكەتلىرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى
2012-يىلى06-ئاينىڭ24-كۈنى تورسودىسى ⁄ جەمئى 4199خەت بار 10پارچە ئىنكاس بار ⁄ 1,360 قېتىم كۆرۈلدى+
بەشىنجى ئەۋلاد قىممەت تولۇقلاش سىستىمىسى

ئېلىكتېرۇنلۇق سودىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىشى ۋە تور ئارقىلىق مال سېتىۋىلىشنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ ، ئۆزى بىر تور دۇكىنى ئېچىش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ شەخسى ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ ۋاستىسىغا ئايلانماقتا . مەيلى ئۆزلىرى ئىگىلىك تىكلىگەن كەسپى سودىگەرلەر بولسۇن ياكى بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ قوشۇمچە سودا قىلىۋاتقان ئىشچى –خىزمەتچىلەر بولسۇن ، توردا دۇكان ئېچىش ئۇلارنىڭ ئىگىىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ،كىرىمىنى كۆپەيتىش ۋە بىلىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولماقتا .
تور ئارقىلىق مال سېتىۋىلىش كىشىلەر تۇرمۇشىدا مودا بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، بارغانسىرى كۆپ تور دۇكانلىرىنىڭ ئېچىلىشى بۇ خىل ئىستېمال شەكلىنىڭ ئومۇملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە . تور ئارقىلىق مال سېتىۋېلىش خېرىدارلارنى قۇلايلىق مال سېتىۋېلىش شارائىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ .خېرىدارلار ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا ئىشىك ئالدىغا يەتكۈزۈلگەن ماللاردىن بەھرىمان بولالايدۇ .شۇڭا ، ھازىر چەتئەللەردىلا ئەمەس ، جۇڭگۇدىمۇ تور ئارقىلىق مال سېتىۋالىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە . ئىشىنىشكە بولىدىكى ، تور ئارقىلىق مال سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت بۇ قۇلايلىق شەكىل ئۇزاققا بارمايلا بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ شەھەر ۋە يېزىلىرىدىمۇ تەدرىجى ئومۇملىشىدۇ .
توردا دۇكان ئېچىش مەبلەغ ئاز كېتىدىغان ، خېيىم - خەتىرىمۇ ئانچە يوق ، پايدىسى تېز كېلىدىغان سودا شەكلى بولۇپ ، ھازىر بىر قايناق سودا كەسپىگە ئايلانماقتا .
1. چوڭراق تور دۇكانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسىى ئەھۋالى
تور دۇكىنى – تور بىكەتلىرىدە ئېچىلىدىغان دۇكان بولۇپ ، ئۇ پۈتۈن يەر شارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى سودا پائالىيىتى جەريانىدا ئېنتېرنىت تورى ئېچىلغان شارائىتتا مال ساتقۇچى بىلەن مال سېتىۋالغۇچى يۈز كۆرۈشمەي تۇرۇپ تۈرلۈك سودا پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ ،ئىستېمالچىلارنىڭ تور ئارقىلىق مال سېتىۋېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.ئۇ ئېلىكتىرۇنلۇق سودىنىڭ بىر خىل شەكلى بولۇش سۈپىتى بىلەن كىشىلەرگە تۈرلۈك ماللارنى كومپىيۇتېر ئېكرانىدا كۆرگەزمە قىلىپ كۆرسىتىپ ،تۈرلۈك پۇل تۆلەش شەكىللىرى ئارقىلىق سودىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ . نۆۋەتتە بىر قەدەر چوڭ تور دۇكانلىرىدىن « تاۋباۋ تورى »، « يىچۈ تورى»، «پەيپەي تورى » ۋە « يۇئا تور ى » قاتارلىقلار بار . شىنجاڭدا « شىنجاڭ سودا تورى »، « ئىزنا سودا تورى»، « ئەپەندى سودا تورى » ۋە « ئىز باسار سودا تورى » قاتارلىقلار بار .
« تاۋباۋ تورى » ئاسىيا قىتئەسى بويىچە ئەڭ زور تور ئارقىلىق پارچە سېتىش سودا
چەمبىرىكى بولۇپ ، ئۇنى ئەلى بابا گورۇھى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان . تور بىكىتى چوڭ ،ماللىرى تولۇق . ئاساسەن ئاپتۇمبىل ،كومپىيۇتېردىن تارتىپ كىيىم – كېچەك ،ئائىلەبويۇملىرى ، تور ئويۇنى جابدۇقلىرى قاتارلىق تاۋارلار سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . ئۇ ھازىر يەر شارى بويىچە تور ئارقىلىق پارچە سېتىشنىڭ باشلامچى سودا چەمبىرىكى بولۇشنى نىشانلاپ ئىلگىرىلىمەكتە.
«يىچۈ تورى » پۈتۈن يەر شارىدىكى خەلق ئاممىسى تور ئارقىلىق مال ساتىدىغان ۋە مال سېتىۋالىدىغان ، تور ئارقىلىق ماللارنى كىمئاشتى قىلىپ ساتىدىغان ۋە ئالىدىغان تور بىكىتى بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىنىڭ كالىفۇرنىيە شىتاتىنىڭ سان خوسې دېگەن يېرىدە قۇرۇلغان . بۇ توردا ھەر كۈنى مىلىيۇنلىغان ئائىلە بويۇملىرى ، يىغىپ ساقلاش بويۇملىرى ، كومپىيۇتېر، ئاپتۇمبىل قاتارلىق ماللار ئېلان قىلىنىدۇ، كۆرگەزمە قىلىنىدۇ ۋە سېتىلىدۇ .
« پەيپەي تورى » تېڭشۇن QQ تورىنىڭ سانسىز خېرىدارلىرى ئاساسىدا قۇرۇلغان سودا تور بىكىتى بولۇپ ، زور تەرەققىيات ئاساسىغا ئېگە تور بىكىتى ھېسابلىنىدۇ .ئۇنىڭدا تور ساياھىتى، رەقەملىك مەھسۇلاتلار ، ئاياللار سارىيى، تەنھەرىكەت زالى، ئوقۇغۇچىلار سورۇنى، تالىشىپ سېتىۋېلىش ئورنى، لاتارىيە بېلىتى قاتارلىق يەتتە چوڭ قانال ئېچىلغان .ئۇلارنىڭ ئىچىدە QQ ئالاھىدە رايۇنى تېڭشۇن تورىنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى بولۇپ ، ئۇنىڭدىكى «سەيفۇتوڭ» توردا پۇل تۆلەش سۇپىسى خېرىدارلار ئۈچۈن بىخەتەر ، قۇلايلىق مۇلازىمىتىنى يولغا قويىدۇ .
« يۇئا تورى » بەيدۇ تور سودىسى سۇپىسىنىڭ نامىدىن ئۆزگەرگەن بولۇپ ، ئۇ يەر شارى بويىچە خەنزۇچە يېزىق ئارقىلىق ئىزدەش يېتەكچىسى بەيدۇ بايرىقى ئاستىدىكى بىردىنبىر ئىزدەش تېخنىكىسى ۋە كۇچلۈك ئىجتىمائىى مەھەللە رايۇنى بايلىقى ئاساسىغا قۇرۇلغان خەنزۇچە ئېنتىرنېت تورى ساھەسىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور تور سودىسى سۇپىسى ھېسابلىنىدۇ .
« شىنجاڭ سودا تورى» ، « ئىزنا سودا تورى »، « ئەپەندى سودا تورى » ۋە « ئىز باسار سودا تورى » قاتارلىقلار يۇقۇرىدا تونۇشتۇرۇلغان سودا تور بىكەتلىرىنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئۆرنەك قىلىپ ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان كىچىك تىپتىكى تور سودا بىكەتلىرى بولۇپ ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كىرگۈزىلىدىغان ماللارنى بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كارخانا – شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى توردا كۆرگەزمە قىلىش، سودىگەرلەرنى تور دۇكانلىرى بىلەن تەمىنلەش ۋە مۇناسىپ مۇلازىمەت ئىشلىرىنى يولغا قويۇش قاتارلىق كەسپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . ئۇلارنىڭ ئاساسى ئالاھىدىلىكى ماللارنى كۆرگەزمە قىلىش ، سېتىشتا ئۇيغۇرچە يېزىق قوللۇنىدۇ .ئۇلار شىنجاڭنىڭ شەھەر – يېزىلىرىدىكى خەنزۇچە تىل – يېزىق بىلمەيدىغان ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى تور ئارقىلىق مال سېتىۋېلىشتا قۇلايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ . بۇ تور بىكەتلىرى تېخى مۇكەللمەللىشىشنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرىۋاتقان بولسىمۇ ، شىنجاڭ رايۇنىدا زور تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئېگە . بۇلارنىڭ ئىچىدە « شىنجاڭ سودا تورى»ۋە «ئىزنا سودا تورى» نىڭ تەسىرى بىر قەدەر كۆرىنەرلىك بولۇپ ، بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇلارنىڭ سودا پائالىيەتلىرى ۋە نەتىجىلىرى شىنجاڭ تېلۋېزىيە ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى تېلۋېزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستلىرى تەرىپىدىن بىر نەچچە قېتىم خەۋەر قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلدى

نۆۋەتتە 10 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :7 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :3 پارچە

  1. قەقنۇس : 2012-يىلى06-ئاينىڭ26-كۈنى03:17:22  -49-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ئۇيغۇر تور سودا بىكەتلىرىنىڭ تىز تەرەققىي قىلىشىغا تىلەكداشمەن !

  2. پەخرىم : 2012-يىلى06-ئاينىڭ29-كۈنى02:36:55  -48-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ئۇيغۇر تور دۇكانلىرى بەك كۆپ بۇلۇپ كەتتى بىراق شۇ مال باھاسى تاۋبا غا ئوخشاش ئەرزان ھەم ئىشەنچىلىكى ئەمەس

  3. تورسودا : 2012-يىلى06-ئاينىڭ29-كۈنى03:23:47  -47-رەت @جاۋاب جاۋاب

    كىم دەيدۇ بۇرادەر تاۋباۋدىكى ھەممە ماللارنى ئىشەنچىلىك دەپ، سەللا دىققەت قىلمىسڭز قويۇلغىنىڭىز قويۇلغان، تاۋباۋدا ئالدامچىلىق ئىشلىرىمۇ ئاز ئەمەس، كۆپ ئىشلاردا دىققەت قىلىش كىرەك

  4. تاتلىقجان : 2012-يىلى06-ئاينىڭ30-كۈنى10:21:26  -46-رەت @جاۋاب جاۋاب

    تور سودا بىلەن ئوخشاش قاراشتىمەن!

  5. پەخرىم : 2012-يىلى07-ئاينىڭ02-كۈنى16:40:07  -45-رەت @جاۋاب جاۋاب

    بىز تەرەپكىمۇ ئۆتۈپ قۇيۇڭە

    • شىرئەلى : 2012-يىلى07-ئاينىڭ10-كۈنى11:21:41  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      مەن زادى قانداق سېتىۋېلىشنى بىلمىدىم ماڭا سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى ئۇگۇتۇپ قويساڭلا دوستلار، تاۋباۋ تورىدىن مال سېتىۋېلىشنى ئەگەر ياردەم قىلدىغان دوستلار بولسا رازى قىلاتتىم ياردەم قىلىشنى خالايدىغان دوستلار 18999078179 15599711792تېلفۇن قىلساڭلامۇ ياكى1366645572 1057908024چ چ غا خەت يازساڭلا مۇ بۇلاتتى

  6. شىرئەلى : 2012-يىلى07-ئاينىڭ10-كۈنى11:26:52  -44-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ماڭا توردىن مال سېتىۋېلىش توغرىسىدا ياردەم قىلىڭلا رازى قىلمەن ( 15599711792 نۇرئەلى)( شىرئەلى18999078179)

  7. admin : 2012-يىلى07-ئاينىڭ11-كۈنى01:56:43  -43-رەت @جاۋاب جاۋاب

    بولىدۇ، QQ نى قوشۇۋىلىڭ ئەمىسە، قانداق مەسلە بولسا ھەل قىلىمىز

  8. مەخبۇبا : 2012-يىلى07-ئاينىڭ11-كۈنى10:47:35  -42-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ياخشمۇسز ماڭا توردىن مال ستىۋىلشنى ئۈگىتپ قويۇشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن مىنېڭ چ چ 2411970572

    • تورسودا : 2012-يىلى07-ئاينىڭ25-كۈنى14:59:37  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      بولىدۇ ، چاتاق يوق ، چ چ دا ئالاقىلىشايلى ئەمىسە :smile:

بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !

باش سۈرىتىڭىز ؟