ئېلىكتىرۇنلۇق سوداتەرەقىياتىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەقىياتىغا ئەگىشپ مەمىلكىتىمىزدە توردا ئۈچىنجى تەرەپ كىپىللىك پۇل تۆلەش سۇپىسى خېلى كۆپىيىپ قالدى.
ئۇنداقتا ئۈچىنجى تەرەپ كىپىللىك پۇل تۈلەش سۇپىسى دىگەن نىمە؟
ئېلىكترۇنلۇق سودىدا ئىككى تەرەپ بىر-بىرىسنى كۆرۈپ تۇرۇپ سودا پۈتۈشمىگەچكە، ئەگەر مال ئالغۇچى مالنىڭ پۇلىسىنى بىۋاستە قارشى تەرەپنىڭ كارتىسىغا ئۇرۋەتسا قارشى تەرەپ مالنى سالماي قېلىشى مۇمكىن، ئەگەر مال سالغۇچى ئاۋال مالنى سېلىپ بەرگەندە مال ئالغۇچى پۇلنى سالماي قېلىشى مۇمكىن ، شۇڭا بۇ يەردە ئىككى تەرەپ سودىسىنىڭ ئىشەنچىلىك بۇلىشىغا كىپىللىك قىلىدىغان توردا پۇل تۈلەش سۇپىسىغا ئېھتىياجى چۈشىدۇ. . ئىسىتىمالچى توردىن ئالغان مالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن ئاندىن ئۈچۈنچى تەرەپ كىپىللىك پۇل تۈلەش سۇپىسى مالنىڭ پۇلىنى مال سالغۇچى سودىگەرگە بىرىدۇ. بۇ دەل توردا ئۈچۈنچى تەەرپ كىپىللىك پۇل تۈلەش سۇپىسىدۇر.
تۈۋەندە بىرنەچچە پۇل تۈلەش سۇپىسىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۈتىمىز.
بۇ بولسا 2009-يىلى جىياڭشى ئىسىل تۇمۇش شىركىتى قۇرغان توردا پۇل تۈلەش سۇپىسى ،ئىنتايىن بىخەتەر، ئىشەنچىلىك ۋە قۇلايلىق پۈتۈن جۇڭگودا 10 مىليۇن ئابۇنتى بار.
(支付宝)پۇل تۆلەش گۆھىرى 2004-يىلى قۇرۇلغان بۇلۇپ ،مەمىلكىتىمىزدە دەسلەپتە قۇرۇلغان مۇستەقىل ئۈچۈنچى تەرەپ كىپىللىك پۇل تۈلەش سۇپىسى بۇلۇپ،جۇڭگو ئېلىكتىرۇنلۇق سودىسىدىغا نىسبەتەن<<
ئاددى، بىخەتەر، تېز>>بولۇشتەك توردا پۇل تۈلەش مەسلىسىنى ھەل قىلىپ بەردى .
سەيفۇتۇڭ بولسا تېڭ شۈن شىركىتى ياسىغان توردا پۇل تۈلەش سۇپىسى بۇلۇپ ،توردا بىخەتەر
قۇلايلىق ۋە كەسپىلىك پۇل تۈلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ ،توردا پۇل تۈلەش سۇپىسىنىڭ باشلامچىسى بۇلۇپ قالدى.
بەيفۇباۋنى پۈتۈن دۇنيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ خەنزوچە ئىزدەش ماتۇرى بەيدۇ قۇرغان بۇلۇپ،
مەمىلكىتىمىزدە توردا پۇل تۈلەشتە باشلامچى بۇلۇپ قوللىنىلغان، قۇلايلىق پۇل تۈلەش سۇپىسىدۇر.
paypal بولسا دۇنيا بۇيىچە دەسلەپتە قۇرۇلغان پۇل تۈلەش سۇپىسى بۇلۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ پۇل تۈلەش سۇپىسى. پۈتۈن دۇنيا بۇيىچە ئابۇنتى 10مىليۇن پۈتۈن 530000 دىن ئاشىدۇ
ۋاڭيىن زەيشىيەن بولسا" توردا پۇل تۈلەش مۇتەخەسىسى " نى تەرەقىيات نىىشانى قىلغان،دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى چوڭ بانكا ۋە كىردىت تەشكىلاتىنى بىرلەشتۈرگەن، مەمىلكىتىمىزدىكى ئوتتۇرا ۋە كىچىلك تىپلىق كارخانىلارنىڭ توردا پۇل تۈلەش مەسلىسىنى ھەل قىلىپ بىرىدىغان پۇل تۈلەش سۇپىسىدۇر.
مەمىلكىتىمىزدە دەسلەپتە قۇرۇلغان توردا پۇل تۈلەش سۇپىسى بۇلۇپ ،نۇرغۇن كارخانا ۋە شەخىسكە بىخەتەر ، قۇلايلىق پۇل تۈلەش مۇلازىمىتى تەمىنلىگەن ، ئىشلىتىلىشى ئەڭ كەڭرى بولغان پۇل تۈلەش سۇپىسىدۇر.
مەمىلكىتىمىزدە دەسلەپتە قۇرۇلغان توردا پۇل تۈلەش سۇپىسى بۇلۇپ، نۇرغۇن مال تەمىنلىگۈچى ۋە ئىستىمالچىغا قۇلايلىق، بىخەتەر ، تېز بۇلۇشتەك كەسپى توردا پۇل تۈلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن پۇل تۈلەش سۇپىسى.
تېخنىكا ۋە بىخەتەرلىك ئىقتىدارى كۈنسىرى ئېشىۋاتقان، تۈمەنلىگەن ئىستىمالچىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن پۇل تۈلەش سۇپىسى بۇلۇپ مەمىلكىتىمىزدە توردا پۇل تۈلەشتە باشلامچى پۇل تۈلەش سۇپىسى.
بانكا بىرلەشمىسى پۇل تۈلەش سۇپىسى ،بانكا بىرلەشمىسى قۇرغان پۇل تۈلەش سۇپىسى بۇلۇپ ، پۈتكۈل مەمىلكەتكە يۈزلىنىۋاتقان ،توردا پۇل تۈلەش سۇپىسى.
بېيجىڭ يۈنۋاڭ شىركىتى قۇرغان ،ھەرخىل بانكا كارتىسىنى قوللايدىغان توردا پۇل تۈلەش سۈرئىتى تېز بولغان پۇل تۈلەش سۇپىسى.
پۈتۈن دۇنياغا مەشھۇر پۇل تۈلەش ماركىىسىڭ بىرىسى،visavisa خەلىقارا تەشكىلاتى بولسا پۈتۈن يەرشارى بۇيىچە 21مىڭدىن كۆپ پۇل مۇئامىلە ئاپىراتىدىن قۇرۇلغان پايچىكسىز خەلىقارالىق بانكا كارتا تەشكىلاتى.
ۋەنشىداكارتا دۇنيادىكى كارتا ئىشلىتىدىغان ئادەم ھەممسى بىلىدىغان ئىسىم، ئۇ ئىشەنچىلىك ھەم مۇكەممەل پۇل تۈلەش بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ياپۇنيە كىردىت كارتا كەسپىدە باشلامچى بۇلۇپ ،دۇنيادا ئورتاق ئىشلىتىدىغان خەلقارالىق كىردىتjcb كارتىسىدىكى داڭلىق ماركىدۇر.
خۇيفۇ تىيەنشىيا توردا پۇل تۈلەشنى 3.0 دەۋېرىگە باشلاپ كىرىدۇ،قۇلايلىق بىخەتەر پۇل تۈلەشنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگندىن سىرىت يەنە بانكا ئاتلاپ باشقا بانكا كارتىسىغا توردىن پۇل يۆتكەشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان رىقابەت
خاراكتىرلىق مالىيە باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە،
بۇ بولسا مەمىلكىتىمىزدىكى بىرىدىن- بىر ھۆكۈمەت مەخسۇس تورىدىكى توردا پۇل تۈلەش سۇپىسى بۇلۇپ، نىڭ گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكەن توردا پۇل تۈلەش سۇپىسى ، مۇنداقچە قىلىپ iso9001 مەمىلكىتىمزدە بىردىن بىر ئېيىتقاندا ھۆكۈمىتىمىز ئۆزى ئۈلگە بۇلۇپ قۇرغان توردا پۇل تۈلەش سۇپىسىدۇر.
بۇ بولسا ئەڭ دەسلەپتە قۇرۇلغان بانكا ئاتلاپ توردا پۇل تۈلەش سۇپىسى بۇلۇپ،مال تەمىنلىگۈچى سودىگەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن چىققان.
بازارنىڭ تەرەقىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن يېڭىلىق يارىتىش تېخنىكىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان ‹ بىخەتەر، ئىشەنچىلىك،قۇلايلىق › بولغان پۇل تۈلەش سۇپىسىدۇر.
بۇ بولسا جۇڭگو پوچتىسىنىڭ ئىقتىساتچىل، بىخەتەر، ئىشەنچىلىك پۇل تۈلەش سۇپىسى بۇلۇپ ، ئەنئەنىۋى پوچتا پۇل ئۇبۇرتىنىڭ توردىكى تەرەقىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.
بۇ بولسا كەسپىلەشكەن كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ توردا پۇل تۈلەش سۇپىسى بۇلۇپ،جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابۇنتىغا يانفۇن پۇل قاپچۇقى ۋە يىنشىنتۇڭ مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ ، تېخىمۇ كۆپ يانفۇن ئىستىمالچىلىرغا تېزلىك
ۋە قۇلايلىق ئېلىپ كەلدى.
لىيەنلىيەن پۇل تۈلەش بولسا كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئابۇنتىلىرىغا قۇلايلىق ھالەتتە نەق پۇل تۈلەش مۇلازىمىتى قىلىدىغان سېستىمى بۇلۇپ، پۈتۈن مەمىلكەتتە 300 مىڭدىن ئۇشۇق تور نۇقتىسى بار.
بۇ بولسا ۋاڭشاڭۋاڭ تور بىكىتى بايرىقى ئاستىدىكى مەھسۇلات بۇلۇپ،توردا قۇلايلىق پۇل تۈلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان پۇل تۈلەش سۇپىسى ، ئاساسەن شىياڭگاڭدا ۋە ياۋرۇپا ۋە ئافىرقا دۆلەتلىرىدە تارماق شىركەتلىرى بار.
بۇ مەمىلكىتىمىزدىكى ئوتتۇرا كىچىك تىپلىق كارخانىلارغا توردا پۇل تۈلەشنى ئىشقا ئاشۇرغان پۇل تۈلەش سۇپىسى بۇلۇپ، مەمىلكەت ئىچىدە 18 بانكا بىلەن تېىنىكىلىق ھەمكارلىقى بار.
توردا پۇل تۈلەش سۇپىسى بۇلۇپ، كۆچمە خەۋەرلىشىش، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ئابۇنىتلىرىنىڭ قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق پۇل تۈلەش،ۋاڭيىن زەيشىيەن پۇل تۈلەش ۋە مۇقۇم تىلفۇن ئارقىلىق پۇل تۈلەش بىر گەۋدىلەشتۈلگەن ئۈنۋېرسال توردا پۇل تۈلەش سۇپىسى.
بۇ بولسا تور بانكىسى،يانفۇن قىسقا ئۇچۇر،يانفۇن قىمەت تۇلۇقلاش كارتىسى،مۇقۇم تىلفۇن، جىفۇباۋ، سەيفۇتۇڭ پۇل تۈلەش سۇپىسى قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرگەن ئەڭ مۇكەممەل توردا پۇل تۈلەش سۇپىسى.
سودا تور بىكەتلەردە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان،ئىستىمالچىلارغا بىخەتەر ،ئىشەنچىلىك پۇل تۈلەشنىb2b, c2cبۇ بولسا ئىشقا ئاشۇرىدىغان پۇل تۈلەش سۇپىسى.
ۋاي ۋۇي نىمانداق كۆپ بۇلار…. مەن ئارانلا 3 نى بىلدىكەنمەن… ياردەم قىلىپ ماڭا بىرەرسىنى ئىچىپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن…..
چاتاق يوق، سىزگە قايسىسى كىرەك؟
ماڭا ئالىپاي لازىمتى . ئىلىشىپ بەرگەن بولسىڭىز
بولىدۇ، ئىلىشىپ بىرەي چ چ دا ئالاقىلىشايلى ئەمىسە..
مەن جىفۇباۋدىن بىر ھېساۋات ئاچقان پۇل يۆتكەشتە قېيىنچىلىققا ئۇچۇردۇم ياردەم قىلسىڭىز بۇلامۇ
ئە راست ئۇيغۇرلارمۇ ئۇيغۇرچە پۇل تۆلەش سۇپۇسى قوردى بىراق ئىشقا رەسمىي چۈشتىمۇ چۈشمىدىمۇ بىلمىىدىم قۇشۇپ قۇياسىز 1- ھەميانىم 2- بانكام ئادىرىسى شۇنداقمىكى
شۇنداق ئۇيغۇرلارنىڭمۇ پۇل مۇئامىلە سۇپىسى بار بولدى، شىنجاڭ كۆك ياقۇت خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ سودا تورى باشقۇرشىدىكى ئۇيغۇرچە نۇسخىدىكى پۇل مۇئامىلە سۇپىسى قۇرۇلدى، ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت ئۆزىمىزنىڭ ‹‹ھەميانىم››نىمۇ قوشۇپ قوياي…
جىفۇباۋدا ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرىڭىزنىمۇ ھەل قىلىمىز….
ئالاقىلىشىىش چ چ نۇمۇرىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن سىز بىلەن ئالاقىلشاي
ئە راست بىز تەرەپكىمۇ ئۆتۈپ قۇيۇڭ
بولىدۇ….بايا تىخى خانىڭىزگە بىرىپ مىھمان بوپ كەلدىم ، چ چ 345416771
مەن بارئىدىم بايا ئۇقماپتىمەن ، بولمىسا چاي ئەپچىقاتتىم
مەنمۇ بۇلاردىن جىق بىلمەيدىكەنمەن ، رەھمەت ، بىلىۋالدىم ……ھە راس ، كۆك رەڭلىك ئۇسلۇبنى ئىشلەتتىم دەپتىكەنىسز ، ئەمما قارىسام ، بۇ يەنىلا بۇرۇنقى ئۇسلۇبقۇ ؟
قەدەم تەشىرىپ قىلغىنىڭىز ئۈچۈن سىزگىمۇ رەھمەت،بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئۇسلۇب ئالماشتۇرغان ئىدىم، ئازراق خاتالىق كۆرۈلۈپ، پۈتكۈل ئەجرىمنى يوققا چىقارغىلى تاسلا قالدى، ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇشتىنمۇ قورقىدىغان بوپ قالدىم، سىزنىڭ ئۇسلۇبىڭىزنى چۈشۈرگەن ئىدىم،پات ئارىدا شۇ ئۇسلۇبنى ئىشلىتىمەن….
توۋا،ئەجەپ كۆپكىنە توردا پۇل تۆلەش سۇپىلىرى.نەچچە ۋاقتىن بىرى بىلمەي يۈرۈپتىمەن دېسە.رەھمەت ئەجرىڭىزگە
ياپاناھ… نېمانداق جىق! مەن ئاران تۆتىنى بىلىدىكەنمەن بۇلاردىن، رەھمەت سىزگە!
بولسا ماڭا قايتا ياردەم قىلىپ جىفۇباۋرىمنى نورمال قىلىپ بېرەمسىز
ھەقىقەتەن جىقكەن جۇمۇ…….
مەن ئانچە چۈشەنمەيدىكەن مەن ۋاقىت بولسا بىز تەرەپكە ئۆتەرسىز
ئاۋۇ ۋىزا دېگەن شۇمۇ ھەرەمگە بارغاندا ئىشلىتىدىغان؟؟؟
نەخ ئۆزى شۇ….ئەقىللىق جۇما سىز نۇرنىجات
يامان تۇرسام مەن؟
رەسىملەر كۈرۈنمەپتۇ . تۈزۈتۈپ قويغان بولسىڭىز .
بولىدۇ مەن تۈزىتىپ قوياي بۇرادەر