توردا ئىگىلىك تىكلەڭ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت | پۇل تۆلەش گۆھىرى | ئاساسىي مەزمۇن
(支付宝) ئالىپايدىن پۇل يۆتكەش كۆرسەتمىسى
2015-يىلى03-ئاينىڭ29-كۈنى پۇل تۆلەش گۆھىرى ⁄ جەمئى 1473خەت بار 1پارچە ئىنكاس بار ⁄ 4,576 قېتىم كۆرۈلدى+

alipay

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تور سودا بىلوگىنىڭ ئەزىز ئوقۇرمەنلىرى ، ياخشىمۇ سىلەر؟ مەن تور سودا بىلوگىنىڭ يەنە بىر ئاپتورى كەمىنە خاقاندىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام ، ھەش پەش دېگۈچە مەن مۇشۇ تاۋباۋ بىلەن ھەپلەشكىلى ساپساق 5 يىل بولۇپتۇ ، كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋاپتىمەن لىكىن تورداشلارغا بۇ توغۇرلۇق ھېچ پايدا يەتكۈزەلمەپتىمەن ، بۈگۈن مەن تورداشلارغا پايدا يەتكۈزۈشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى مۇشۇ  (支付宝) ئالىپايدىن پۇل يۆتكەش دەرسى بىلەن باشلىماقچى .

كۆپىنچە كىشىلەر تاۋباۋدىن نەرسە ئېلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ مۇشۇ ئەلىپاي دېگەن نەرسىنى چۈشەنمىگەچكە تاۋباۋدىن نەرسە ئالالمايۋاتىدۇ . شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇشۇ دەرسلىكنى كۆپچىلىكنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇشنى توغرا تاپتىم .

ئەسكەرتىش : 支付宝 دىگەننى پۇل تۆلەش گۆھىرى دەيلى دېسەك ھازىر ئۇنداق گۆھەرلەر سامان نەرقى بولۇپ كەتتى شۇڭا بىۋاستىلا ئالىپاي دەپ ئېلىندى

بىرىنچى قەدەمدە ئالىپاينى تىزىملىتىپ ئاچىمىز .ئېچىپ بولغاندىن كېيىن مۇنۇ ئىستىرلىكا بىلەن كۆرسىتىلگەن يۆتكەش(转账)دېگەن خەتنى چېكىمىز .

 1

 

ئىككىنچى قەدەمدە كۆرسىتىلگەن بوش كاتەكچىلەرنى تەلەپ بويىچە تولدۇرىمىز .

 

 2

بۇ باسقۇچنى ئالىپايدىن ئالىپايغا يۆتكەيدىغانلار تولدۇرسا بولىدۇ .

ئالىپايغا يۆتكەش بىر قەدەر ئاددىي بولغاچقا بىز ئالىپايدىن باشقىلارنىڭ كارتىسىغا پۇل يۆتكەشنى نۇقتىلىق قىلىپ سۆزلەيمىز.
تۆۋەندىكى كاتەكچىلەرنى تەرتىپ بويىچە تولدۇرىسىز .
 4

 

 

پۇل يۆتكىمەكچى بولغان بانكىنى تاللايسىز .
 4

 

 

ئۈچىنچى قەدەمدە تولدۇرغان ئۇچۇرلارنى جەزىملەيسىز .ئادەتتە 100سومغا 2سوم رەسمىيەت ھەققى تۇتۇپ قالىدۇ .بۇ ئوخشىمايدىغان بانكىلاردىن پۇل يۆتكىگەندەكلا بىر ئىش .
 5

 

تۆتىنچى قەدەمدە ئالىپاي پۇل تۆلەش مەخپى نومىرىنى كىرگۈزۈپ يۆتكەيدىغى جەزىملەشتۈرۈش .

 

 6

 

 

بەشىنچى قەدەمدە پۇلنىڭ يۆتكىلىشىنى ساقلاش .ئادەتتە پۇل 24 سائەت ئىچىدە يۆتكىلىپ بولىدۇ .

 7

 

كۆپچىلىكنىڭ بۇ دەرىسلىكىمنى كۆرگەنلىكىگە رەھمەت . بىلەلمىگەن جايلارنى ئىنكاس شەكىلىدە قايتۇرارسىلەر .

نۆۋەتتە 1 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە : زىيارەتچى قالدۇرغىنى : 1 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى : 0 پارچە

  1. ئابدۇبەگ China Mozilla Firefox Windows : 2015-يىلى03-ئاينىڭ30-كۈنى05:14:46  -49-رەت @جاۋاب جاۋاب

    رەھمەت ، ناھايتى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپىسز…

بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !

باش سۈرىتىڭىز ؟