ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم : بۈگۈن تور بانكىسى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىمىز ، ئادەتتە توردىن ئۆز-ئارا پۇل يۆتكەشتە، توردىن مال سېتىۋېلىشتا (قىسقىسى توردا پۇل-مۇئامىلە قىلىشتا) چوقۇم بىزدە توردا پۇل چىقىم قىلالىغۇدەك شەرت-شارائىت ھازىرلىنىش كېرەك . يەنى بانكا كارتىمىزنىڭ تور بانكا كەسپى ئوچۇق بولىشى كىرەك ، تور بانكا ئارقىلىق بانكا كارتىسىدىن بىۋاستە پۇل يۆتكەش، ھىساب ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش، توردا ھەق تاپشۇرۇش، ھەرخىل كەسىپلەرنى تور ئارقىلىق بىجىرىش قاتارلىق كۆپلىگەن ئىشلارنى بىجىرگىلى بولغاندىن سىرىت سىزنىڭ بانكىغا بىرىپ ئۇزاق ئۆچىرەت ساقلاپ كەسىپ بىجىرىشتەك ئاۋارىچىلىقلاردىن ھەمدە بەزى بىر قىسىم ئۇششاق چىقىملاردىن ساقلايدۇ . تۆۋەندە يىزا ئامانەت-قەرىز كوپىراتىپ تور بانكىسىدىن باشقا بانكا كارتىلىرىغا پۇل يۆتكەش دەرسلىكى يوللاندى .
قىنى دىققىتىڭىز دەرىسلىكىمىزدە بولسۇن
چۈشىنىشلىك بولمىغان جايلار بولسا ئىنكاس قالدۇرسىڭىز تىز سۈرئەتتە جاۋاب بىرىشكە تىرىشىمەن .
مەزكۇر دەرىسلىكنى چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىكى چۈشۈرۈش بەلگىىىنى بىسىپ چۈشۈرۈڭ
مۇشۇ دەرىسلىكنىڭ ئەسلىسىنى چۈشۈرۈشكە تەمىنلەپ قويسىڭىز بولارمۇ؟ مەن ساقلىۋالاي دىگەنتىم ، رەھمەت
ئەلۋەتتە بولىدۇ ، مەن چۈشۈرش ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قوياي . . . .
مەن ھېچ كىرەلمىدېم مەخپى نۇمۇر خاتا دەپ چىقىپ تۇرۋالدې كارتامنىڭ تور كەسپى باتتى بوممىسا چ چ نۇمرىڭىز نى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز .
خاتا دىگىنى توغرا ، سىز بانكىنىڭ تور بىتىگە كىرگەندە كارتىڭىزنىڭ 6 خانىلىق مەخپى نومۇرىڭىزنى كىرگۈزگەن ئوخشايسىز ، تور بەتكە كىرىدىغان 登录密码 نى ئايرىم ئورنىتىسىز
ھە 登录密码 قانداق ئورنىتىمىز بۇ ھەقتە ئازراق چۈشەنچە بەرسىڭىز .
ھە راست مىنىڭ يەنە بىر يېزا ئامانەت كارتامدا 500 يۈەن پۇل باتتى شۇ كارتىنىڭ تور كەسپى يوق كارتام يۈتۈپ كەتتى شۇ كارتىدىن باشقا كارتىغا پۇل يۆتكىگىلى بولامۇ توردا . ھەجەپ بېشىم قاتتى .
ئۇ كارتىڭىزنىڭ تور بانكا كەسپى ئوچۇق بولمىسا توردا ھىچقانداق مەشغۇلات ئىلىپ بارالمايسىز، بانكا كارتسى ئۆزىڭىزنىڭ نامىدا بولسا كىملىكىڭىزنى ئىلىپ بانكىغا كىرسىڭىز كارتىڭىزدىكى پۇلىڭىزنى چىقىرىپ بىرىدۇ ، ياكى كارتىڭىزنى قايتىدىن تولۇقلاپ بىرىدۇ
ھە 登录密码 قانداق ئورنىتىمىز بۇ ھەقتە ئازراق چۈشەنچە بەرسىڭىز .
ھازىرقى كارتامنىڭ تور كەسپى با بوممىسا
ھە ھازىرقى كارتامنىڭ تور كەسپى با بوممىسا 登录密码 قانداق ئورنىتىمىز بۇ ھەقتە ئازراق چۈشەنچە بەرسىڭىز .
بىشىدىكى كوزنەك يورېمېدې چىقىم قىلىدىغان كارتا نومۇرى ياكى يىزىلمىدى سىز ئاپتۇماتىك چىقىدۇ دەپتىكەنسىز
رەخمەت سىزگە ھىلىمۇ بەكلا ئاۋارە قىلدىم بۇرادەر
ئەرزىمەيدۇ