1) Alipay ھېسابىڭىزغا كىرگەندىن كېيىن سول تەرەپتە كۆرۈنگەن «پۇل ئېلىش 提现» نى بېسىڭ.
ئەگەر Alipay ھېساباتىغا قايتا كىرىشنى تەلەپ قىلسا، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ۋە پارولىڭىزنى قايتا بېسىپ كىرىڭ.
2) ئېچىلغان بەتتە پوچتا بانكىسى كارتىڭىزنى تاللاپ، چىقىم قىلماقچى بولغان پۇل سانىنى كىرگۈزۈڭ.
3) كېيىنكى بەتتە كارتا ئۇچۇرلىرىڭىزنى جەزملەشتۈرىسىز. يەنى «بانكا كارتىڭىزنىڭ ئاخىرقى 4 خانىسى ئوخشامدىكەن؟» ياكى «ئىسمىڭىز شۇمۇ» دېگەندەك. ئەگەر ئۇچۇرلار توغرا بولسا پۇل تۆلەش پارولى 支付密码نى كىرگۈزۈپ، «پۇل ئېلىشنى جەزملەيمەن 确认提现» نى باسسىڭىزلا Alipay دىكى پۇللىرىڭىز كارتىغا ئاغدۇرۇلىدۇ.
4) ئەگەر مەشغۇلاتلار توغرا بولسا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ. بەتتە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار چىقىدۇ. ئاخىردا «تەڭشەكلەرنى ساقلىۋېلىش 保存设置 » نى بېسىپ ساقلاپ قويسىڭىز، كېيىنكى قېتىمدا پۇل ئاغدۇرغاندا مۇشۇ خىل تەڭشەكنى ئىشلىتىدۇ.
مۇشۇ ئۇسۇلدا بىر كۈندە 3 قېتىم پۇل ئاغدۇرۇپ چىقىم قىلغىلى ھەمدە ھەر قېتىمدا 5000 يۈەن ئاغدۇرغىلى بولىدۇ.
ھەممىسى ئىشلىتىش قىممىتى بار تېمىلاردەك قىلىدۇ، ۋاقىت چىقىرىپ بىر-بىرلەپ ئوقۇپ كۆرسەم بولغىدەك.
رەخمەت سىزگە.
كەلگەن مۇبارەك قەدەملىرىڭىز ئۈچۈن سىزگىمۇ رەھمەت….
تور سودىسى بىلەن شۇغۇللىندىغان تورداشلارغا نىسبەتەن پايدىلنىش قىممىتى يۇقىرىكەن
ئالىپەي ھىساباتىمىز 实名认证 بولمىسا پۇلنى ئاغدۇرغىلى بولمايدىكەن ھە.
شۇنداق 实名认证 قىلىنمىغان بولسا پۇلنى ئاغدۇرغىلى بولمايدۇ
بەك ياخشى تىمىلاكەن بۇ ….. ھارماڭ قېرىندىشىم….. : ماڭا بەكلا پايدىسى بولدى
مەن ھەممىنى سىز دىگەندەك提 现 نى بېسىپ ھەممىنى توغرا قىلغان ئىدىم . ھەممىسى ئوڭۇشلۇق بولغان ئىدى . بىراق كارتامغا بىر پۇڭمۇ كىرمەپتۇ ، 实名认证 بۇنىمۇ ئاللىبۇرۇن قىلىپ بولغان , :13.40 账户余额:
, 10.00 元不可用 مۇشۇنداق چىقتى.
ئەسلىدە بار پۇل 23.40 يۈەن ئىدى ، ئەمدى قانداق قىلارمەن ؟ مەسلىھەت بەرسەڭلار.
ئوڭۇشلۇق بولغان بولسىلا خاتىرجەم بوۇڭ، سىز تىز قايتۇرۇشنى تاللىمىغان ئوخىشايسىز بۇ ئەھۋالدا پۇلىڭىز بىر ياكى ئىككى كۈندە قايتىپ كىلىدۇ، تىز سۈرئەتتە ئاغدۇرۇشنى تاللىسىڭىز ئىككى سائەت ئىچىدە قايتىدۇ
ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوسلار Alipay پۇلنى پوچتا بانكىسىدىن باشقا سوداسانائەت بانكىسىغا ئاغدۇرغىلى بولامدۇ مەنAlipay گە سوداسانائەت بانكىسى ئارقىلىق تىزىملىتىپ تىكەنمەن
رەھمەت سىزگە ، ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن………..