توردا ئىگىلىك تىكلەڭ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت | تاۋباۋ بىلىملىرى, تور سودىسى | ئاساسىي مەزمۇن
توردا دۇكان ئېچىپ پۇل تاپقىلى بولامدۇ؟
2012-يىلى05-ئاينىڭ31-كۈنى تاۋباۋ بىلىملىرى, تور سودىسى ⁄ جەمئى 2315خەت بار 6پارچە ئىنكاس بار ⁄ 8,134 قېتىم كۆرۈلدى+

ئېلكترونلۇق سودىغا قىزىقىۋاتقان نۇرغۇن تورداشلارنىڭ مەندىن كوتكوت ئارقىلىق (QQ) ئارقىلىق سورايدىغان سۇئالى بولسا توردا دۇكان ئېچىپ پۇل تاپقىلى بولامدۇ؟ سىز قانچىلىك پۇل تاپتىڭىز؟ مۇشۇنداق سۇئاللاردۇر. ئەمەلىيەتتە بۇ سۇئاللار چوقۇم سوراشقا تېگىشلىك سۇئاللار. چۈنكى ھازىرقى دەۋىر ئىقتىساد دەۋرىدۇر، سىز مەيلى قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىڭ شۇ كەسىپنىڭ سىزگە ئېلىپ كېلىدىغان ئىقتىسادىي پايدىسى شۇ ئىشنى قىلىش ياكى قىلماسلىقىڭىزنى بەلگىلەپ قويىدۇ.

بەزىدە مۇشۇنداق سۇئاللارغا دۇچ كەلگىنىمدە نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەيمەن. چۈنكى مەن تېخى توردا دۇكان ئېچىپ  پۇل تاپتىم دىگۈدەك ھېچقانچە پۇل تاپقىنىم يوق. بىراق كۆپ پۇل تاپالمىدىم دەپ باشقىلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويۇشنىڭ ئورنى يوقتۇ بەلكىم…

ئەمەلىيەتتە توردا دۇكان ئاچقاندا ياخشى كىرىم قىلغىلى بولىدۇ، قىلغاندىمۇ مۇشۇنىڭدىنلا نەتىجە قازىنىپ كېتىشكىمۇ بولىدۇ. گەپ سىزنىڭ بۇ ئىشقا قانچىلىك زېھنىڭىزنى بېغىشلىيالىشىڭىزدا. چۈنكى دۇنيادا ئاقمايدىغان تىجارەت يوق، ئاقتۇرالمايدىغان تىجارەتچى بار.

ماۋۇ پاراڭلارنى قىلىۋېتىپ كىچىككىنە مىسال كەلتۈرگىم كېلىۋاتىدۇ.

بۇ دۇكاننىڭ ئۇلىنىش مەنزىلى:http://item.taobao.com/item.htm?id=2376029045

مانا بۇ مەزكۇر ماقالىنى يېزىۋاتقان چاغدا تاۋباۋ تورىدىن ئىزدەپ تاپقان مالۇم دۇكاندىكى ياڭاقنىڭ بىر ئايلىق سېتىلىش ئەھۋالىدۇر. كۆرۈپ تۇرۇپسىز بىر ئايدىكى سېتىلىش مىقدارى50393 پارچە بوپتۇ.(ھەربىر پارچىسى 500گىرامدىن)

ھەر يېرىم كىلوسىدا ئەڭ كەم دېگەندە 1 يۈەن پايدا ئالسا61065 پارچىسىدە قانچە مىڭ يۈەن پايدا ئالار، ئەگەر ھەر يېرىم كىلوگىرامىدا 10 يۈەن پايدا ئالسىچۇ؟؟ مانا بۇ تور سودىسىدىكى كىچىككىنە كارتىنا. ئەلۋەتتە ھەممە دۇكاندا ئۇنداق سودا بولۇۋەرمەيدۇ. بىراق ئۇلار قىلالىغاننى ئىزدەنسەك بىزمۇ قىلالايمىز. ئۇلار بىر ئايدا 10000 كىلوگىرام ياڭاق ساتسا سىز بىر ئايدا 100 كىلوگىرام سېتىش ئىشەنچىڭىز يوقمۇ؟

شۇڭا تور سودىسىغا قىزىقىۋاتقان دوسىتلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنىلا ئويلىماي، يىراقنى كۆزلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى ھەممە ئىش باشلىنىش ھالىتىدە پەقەتلام 0% بولىدۇ. ئەگەر سىز بىر نەچچە ئايدا توردا پۇل تېپىپ بېيىپ كېتىشنىلا ئويلىغان بولسىڭىز تەۋسىيەم ئاستا چېكىنىڭ. چۈنكى توردا مال سېتىشتا سەۋىرچانلىق مۇھىم ئامىل. بۇنىڭدەك مىساللار بەك كۆپ، قۇرۇق يەل-يىمىش يۇرتىمىزنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولغاچ بىز ئۈچۈن بىر پۇرسەتتۇر. لېكىن بۇ پۇرسەتنى ھەممە ئادەمنىڭ تۇتۇپ تۇرالىشى ناتايىن.

مەن قانداق ساتالايمەن دەپ ئەنسىرىمەڭ. كېيىنچە بلوگىمىزدا دۇكاننى قانداق ئېچىش، مالنى قانداق سېتىش، قانداق قىلىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش ئىشلىرىمۇ تەپسىلىي سۆزلىنىدۇ.ئاخىرىدا بۇنىڭدىن كېيىن مەن بىلەن مۇڭداشقۇ ئارقىلىق پاراڭلاشقاندا «سىز تور سودىسى ئارقىلىق قانچە پۇل تاپتىڭىز؟» دېگەن سۇئالنى سورىمىغايسىز. چۈنكى قانچە پۇل تېپىش باشتا ئانچە مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى قانچىلىك تىرىشىش، قانچىلىك ئىزدىنىشتا…

ئۇنداق بولسا قۇرۇق گەپنى كۆپ قىلماي، قېنى سىزمۇ ئىزدىنىپ بېقىڭ. پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغانلارغا ئەمەس، تىرىشقانلارغا مەنسۈپتۇر!

نۆۋەتتە 6 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە : زىيارەتچى قالدۇرغىنى : 4 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى : 2 پارچە

  1. پەخرىم China Unknow Browser Unknow Os : 2012-يىلى06-ئاينىڭ03-كۈنى08:29:30  -49-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ياخشى تېمىلار كۆپكەن بىراق بىلگىڭىزنىڭ ئۇسلۇبى نورمال ئەمەس خالىسىڭىز مەن بىلەن ئەلەقىلىشڭ مەن سىزگە ياردەملىشىپ بىلوەىڭىزنى ئوڭشىشىپ بېرەي

  2. admin China Unknow Browser Unknow Os : 2012-يىلى06-ئاينىڭ03-كۈنى08:42:47  -48-رەت @جاۋاب جاۋاب

    رەھمەت بۇرادەر ، مەنمۇ شۇ ھەر كۈنى بلوگ ئۇسلۇبىدىكى خاتالىقلارنى تۈزىتىمەن دەپ بەكلا چارچاپ كەتتىم….
    بولسا بىر ياردەم قىلىڭە…..رەھمەت :smile:

  3. ئويلان China Unknow Browser Unknow Os : 2012-يىلى06-ئاينىڭ04-كۈنى12:33:06  -47-رەت @جاۋاب جاۋاب

    پەخرىم
    سىز بىر تەكلىپ ئەڭ ئاۋال ياردەم قىلىشتىن بۇرۇن ئىملا خاتالىقىڭىزغا قاراڭ ئاندىن باشقا ياردەم قىلدىغان ئىشلارنى ئويلىشىڭ ، قايسى قىسمى نورمال ئەمەسكەن سىز ئىشلەتكەن تور كۆرگۈچ كونا نەشىردىكى كۆرگۈچ بولسا ئەلۋەتتە CCS قىسمى تۇلۇق جارى بولمايدۇ شۇڭا بەزى قىسمى نورمالسىز كۆرۈنىشى مۇمكىن، ئەگەر IE9.0…قاتارلىق كۆرگۈچنى ئىشلىتىپ نورمالسىزلىقنى بايقىسىڭىز ئاندىن بېكەت مەسئولى بىلەن ئالاقىلىشىڭ!

  4. huxhuy China Unknow Browser Unknow Os : 2012-يىلى06-ئاينىڭ13-كۈنى03:05:10  -46-رەت @جاۋاب جاۋاب

    مانا ماۋۇ سىلىشتۇرما جايىدا بوپتۇ.بىزدە جەزمەن ئىرادە ۋە ئىخلاس بولسىلا كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلەيمىز.

  5. admin China Unknow Browser Unknow Os : 2012-يىلى06-ئاينىڭ13-كۈنى04:26:54  -45-رەت @جاۋاب جاۋاب

    راست دەيسىز، ھەركىم قىلغان ئەجرىگە لايىق ئۈنۈمگە ئىرىشىدۇ.

  6. پاساھەت China Unknow Browser Unknow Os : 2012-يىلى06-ئاينىڭ16-كۈنى13:11:13  -44-رەت @جاۋاب جاۋاب

    بىلىپ قويساق بولىدىكەن بۇنداق ئىشلارنىمۇ

بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !

باش سۈرىتىڭىز ؟