تور ئېلاننى تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە كەلگەندە ، تارىختىكى ئەڭ ئاددىي بولغان قىسقا ئۇچۇر ، رەڭلىك قوڭغىراقتىن تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە كەلدى ، ئېلان شەكلىدە ناھايىتى چوڭ شەكىلىدە ئۆزگىرىپ نۆۋەتتكى CPA ، CPC ،CPS ، CPV ، CPM قاتارلىق كۆپ خىل بولغان ئېلان شەكىللىرى بارلىققا كەلدى . تورلاردا CPA ۋەCPC قاتارلىق ئېلان شەكلىرى ناھايتى ياخشى تەرەققىي قېلىۋاتىدۇ .بۇ ئېلان شەكلىرىنى بېكەت باشلىقى ۋە بىلوگىرلار بىلىشكە تېگىشلىك ئېلان شەكللىرىدۇر، بۇنىڭ بېكەت ۋە بلوگنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ناھايىتى چوڭ ياردىمى بولىدۇ …
CPA بولسا چۈشۈرۈش ۋە تىزىملىتىش (ئەزا بولۇش) مۇۋاپىقىيەتلىك بولغاندا ھەق ھېسابلايدۇ. CPC چېكىلگەندە ھەق ھېسابلايدۇ، CPC مۇۋاپىقيەتلىك سېتىپ چېقارغاندا ھەق ھېسابلايدۇ، CPV كۆرۈلۈشىگە ھەق ھېسابلايدۇ، CPM كۆزنەك سانىغا ھەق ھېسابلايدۇ..
CPA: ئىنگلىزچە تولۇق ئاتىلىشى (Cost PerAction) بىر خىل ئېلاننىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئاساسەن ھەق ھېسابلايدىغان ئېلان شەكلى ، دەل ۋاقتىدا قايتىدىغان ئۈنۈملۈك سۇئال-جاۋاب ياكى بەلگىلەنگەن تالونغا ھەق ھېسابلاش، بەزىدە ئېلانغا قويۇش سانى چەكلەنمەيدۇ ، CPA نىڭ ھەق ھېسابلاش ئۇسۇلى بېكەتكە نىسبەتەن مەلۇم دەرىجىدە خەتىرى بار،بىراق قويغان ئېلان مۇۋاپقيەتلىك بولسا ، ئېلان كىرىمى CPM ئېلان شەكلىدىن خىللا يۇقىرى بولىدۇ، كېيىنكى يازمىدا دۆلىتىمىزدە ياخشى دەپ قارىلىدىغان بىر قانچە CPA ئېلان ھەمكارلىقنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
CPC: ئىنگلىزچە تولۇق ئاتلىشى (Cost Per Click؛Cost Per Thousand Click-Through).. بولسا ئېلاننىڭ چىكىلىگىنىگە قاراپ ھەق ھېسابلايدۇ ، ھەر بىرى ئېلانىڭ ھەر بىر IP دا چېكىلگەن قېتىم سانىنى ھېساب قىلىدۇ. بۇ ئېلان نۆۋەتتە ئۇيغۇرچە بېكەتلەردە ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشقان ئېلان شەكلى ھېسابلىنىدۇ . Google ۋە Baidu ئېلانلىرى ئاساسەن مۇشۇ شەكىلىدىكى ئېلان ھېسابلىنىدۇ ..
CPM : ئىنگلىزچە تولۇق ئاتىلىشى (Cost Per ThousandImpression) بولسا ئېچلىغان كۆزنەك سانى ۋە ياكى ئومۇمى كۆرستىلشگە ئاساسەن ھەق ھېسابلايدۇ، بۇ خىل ئېلان ئۈنۈمى بەك ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ ، بىراق زىيارەت سانى ياخشى بولغان بېكەتكە ۋە بلوگقا نىسبەتەن مۇقىم بولغان كىرىم يارىتالايدۇ. CPM ئېلان ھەمكارلىق سۇپىلىرىمۇ بەك كۆپمۇ ئەمەس ، بىراق بەزەن ئۇيغۇرچە بېكەتلەردە بۇنىڭغا ئوخشاش ئېلان شەكىللىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ ..
CPS : ئىنگلىزچە تولۇق ئاتلىشى (Cost Per Sales) مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىپ چىقارغان سانىغا ئاساسەن ھەق ھېسابلايدۇ، بۇ خىل ئېلان تور سودا ، ئۇلىنىش بېكەت قاتارلىق بېكەتلەرگە ناھايىتى ماس كېلىدۇ ، بۇ ئېلان شەكلى ھەممە بېكەتلەرگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ ، بۇ ئېلاننى قويۇشتىن بۇرۇن بېكەت يۇقىرى زىيارەتكە ئېگە بولۇشى ياكى SEO نى ياخشى بىلىشىمىز تەلەپ قېلىنىدۇ . نۆۋەتتىكى 淘宝联盟 دەل مۇشۇنداق ئېلان شەكىلىنى ئاساس قىلغان .
CPV : ئىنگلىزچە تولۇق ئاتلىشى (Cost Per View) بۇ ئېلان شەكىلنى توردا ھەرخىل ئاتايدۇ ، مەنمۇ بەك چۈشىنەلمەيدىغان ئېلان شەكىللىرىنىڭ بىرى ، ئادەمگە CPC ئېلان شەكلى بىلەن ئاساسى جەھەتتىن پەرقلىنىپ كەتمەيدىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ..ئېلان قويۇلغان بېكەتنىڭ ئېچىلىش سانىغا ئاساسەن ھەق ھېسابلايدۇ ، بىر قېتىم ئېچىلسا بىر قېتىم ھەق ھېسابلايدۇ…
ئېلان شەكىلنىڭ ئۆزگىرىپ كۆپ خىل بولۇشى تور ئېلانىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئىپادىسى، ئېلان مەڭگۈ ئېلان بەرگۈچىنىڭ كىرىمى ۋە ئۈنۈمگە ئەڭ يۇقىرى بولۇشىغا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ، بېكەت باشلىقى بولسا ، ئۆزىمىزنىڭ بېكەتنى ياخشى قىلىپ ، ئەڭ ياخشى ئىشەنچلىك ئېلان سۇپىلىرىنى تاللاپ كۆپرەك كىرىم قىلساقلا بولىدۇ (بۇ بېكەتنىڭ كىرىمىگە ئاساسەن دېيىلگەن گەپ ھەرگىزمۇ تور بېكەتنى پۇل تېپىش ئۈچۈنلا قۇرىمىز دېگەن گەپ ئەمەس تورداشلارنىڭ خاتا چۈشۈنۇپ قالماسلىقنى ئۈمىد قىلمەن) .
CPA، CPC ، CPS ، CPV ، CPM قاتارلىق ئېلان شەكلىدە توختىلىش مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن ، ئاللا خالىسا بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىشەنچلىك بولغان ئېلان ھەمكارلىق سۇپىلىرى تونۇشتۇرۇش ۋە ھەر خىل ئۇسۇلىدا بېكەتنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا يازما يوللايمەن ..
بۇ مېنىڭ ئىلان سۇپىلىرى ھەققىدە تۇنجى قېتىم يازما يوللىشىم بولغاچقا نۇرغۇن كەمچىلىك ساقلانغان بولۇشى ھەم ئوقۇرمەنلەرنى زېرىكتۈرۈپ قويغان ياكى مەزمۇنلار چۈشىنىكسىز بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن ، كېيىن چوقۇم ياخشى يېزىشقا تېرىشمەن ، ۋاقتىنچە تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلمەن ..
دىۋاندا ئولتۇرۇپ ئوقاي . ناھايتى چۈشۇنىشلىك يازما بولۇپتۇ
ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم! بلوگىڭىز بارغانسىرى مول مەزمۇنلۇق بولۇپ كېتىپتۇ، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام بۇرادەر رەھمەت،سىزنىڭمۇ ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!
قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا رەھمەت بۇرادەر
ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈرۈپسىز
سالام
رەخمەت…مۇشۇنداق ياخشى مەزمۇنى يوللاپ تۇرغىنىڭىزغا…ھارمىغايسىز…
رەخمەت…مۇشۇنداق ياخشى مەزمۇنلارنى يوللاپ تۇرغىنىڭىزغا…ھارمىغايسىز…