توردا ئىگىلىك تىكلەڭ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت | تور سودىسى | ئاساسىي مەزمۇن
تور سودىسىدىكى ئەپچىل چارە-ھۈنەرلەر
2014-يىلى11-ئاينىڭ01-كۈنى تور سودىسى ⁄ جەمئى 8045خەت بار 2پارچە ئىنكاس بار ⁄ 6,492 قېتىم كۆرۈلدى+

ھازىر ئەتراپىمىزدا توردا سودا قىلىدىغانلار خىلى كۆپ ، توردا سودا قىلىپ پۇل تاپىدىغان سودىگەرلەرمۇ ئاز ئەمەس ، لېكىن كۆپىنچىسىنىڭ تاپاۋىتى ياخشى ئەمەس ، چۈنكى ئۇلار تور سودىسىنىڭ ئەپچىل ماھارەت ۋە پرىنسىپلىرىنى بىلمەيدۇ ياكى قىياسەن بىلسىمۇ ئىنچىكە نۇقتىلىرىنى چۈشەنمەيدۇ .

تۆۋەندە مەن مانا مۇشۇنداق ئەمەلىي ئىشلىتىشچانلىقى يۇقىرى ئەپچىل تور سودا ماھارەتلىرىنى سۆزلەيمەن . ئەگەر سىز بۇ ماھارەتلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئۆزىڭىزگە ماسلاشتۇرۇپ قىلالىسىڭىز ، سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىزنىڭ سېتىلىش مىقدارى ، سودىڭىزنىڭ پايدىسى ئاز بولغاندىمۇ بىر-ئىككى ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى مۇمكىن .

1 . دۇكىنىڭىزنىڭ خاسلىقىنى ياخشى بەلگىلەڭ .
ساتىدىغان مال نېمە ؟ قانداق كىشىلەر سېتىۋالىدۇ (چوڭلارمۇ ياشلارمۇ ، ئەرلەرمۇ ئاياللارمۇ؟) ئەتراپىڭىزدا يەنە سىزگە ئوخشاش كەسىپتىكىلەرمۇ چوقۇم بار. مىلىچ مال ساتىدىغانلارمۇ ھەم بار ، شۇڭا ئاۋۋال نېمە ساتىدىغانلىقىڭىزنى ئوبدان ئويلىشىڭ . نېمە ساتىسىز ؟ كىمگە ساتىسىز ؟  قانداق ساتىسىز ؟ مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوبدان ئويلىشىش كېرەك . ئەگەر سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىز ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە بولسا خېرىدارغا چۇڭقۇر تەسىر قىلالايسىز ، شۇنىڭ بىلەن خېرىدار كېيىنچە شۇ مالنى سېتىۋالماقچى بولسىمۇ يەنىلا دەرھال سىزنى ئېسىگە ئالىدۇ چۈنكى ئۇنىڭ ئېسىدە سىزنىڭ دۇكىنىڭىز ئېنىق بىر خاتىرە بولۇپ قالىدۇ .

2 . ئوخشاش كەسىپنى ياخشى قىلىۋاتقانلاردىن ئۆگىنىڭ .
كۆپلىگەن كىشىلەر توردا سودا قىلىشقا قىزىقىدۇ-يۇ نەدىن باشلاشنى بىلمەيدۇ . ئەمەلىيەتتە تەس ئەمەس ، كۆپرەك تور سودا سۇپىلىرىنى كۆرۈڭ ، تاۋباۋ ، ئالىي بابا ، جىڭدوڭ دىگەندەك ، يەنى توردا سىزگە ئوخشاش كەسىپ قىلىۋاتقانلاردىن ئۈگىنىڭ ھەم ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقىنى بايقاپ دۇكىنىڭىزنى مۇكەمللەشتۈرۈشكە تىرىشىڭ ، باشقا دۇكاندالار دىققەت قىلمىغان جايلارغا كۈچەڭ ،  مەسلەن : دۇكاننىڭ شۇئارى ، مال ئىسمىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى، تىمىڭىزنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى ، رەڭ ...قاتارلىقلار .
مەسلەن : چاپان سىزنىڭ مىلىڭىز بولسا ، تاۋار ئىسمىنى چاپان دەپلا يازغاندىن ، كۈزلۈك مودا چاپان ياكى ئەرلەر راھەت كۈزلۈك چاپىنى دىگەن ئىسىمنى باشقىلار كۆپ ئىزدەيدۇ ، سىز مەھسۇلاتىڭىزنىڭ ئىسمىنى تور سودا بىكەتلىرىنىڭ ئىزدەش سىتونىغا كىرگۈزۈپ ، ئالدىنقى 10 ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنىڭ قانداق قىلغانلىقىنى ئۆگىنىڭ . ئۇلارنىڭ مېغىزىنى تاللاپ ، ئۆزىڭىزگە ماسلاشتۇرۇڭ .

3 . ئاسان ئەستە قالىدىغان ، ئالاھىدە ، ئاددىي ئەزا ئىسمىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ قويۇڭ .

ئەزا ئىسمى خېرىدار مەركىزىگە كىرىش ئۈچۈنلا ئەمەس ، بەلكى باشقا مىكرو بلوگ ، مۇنبەر ، ئارخىپ ، ھەرقايسى ئىزدەش تورى قاتارلىق جايلاردا كۆرۈنىدۇ ۋە باشقىلارنى ئاسانلا جەلىپ قىلالايدۇ . شۇڭا ئىسمىنى ئەستە تۇتۇشقا قولاي قىلىپ قويغىنىڭىز ياخشى .

4 . باشقىلارغا ئۆزىڭزىنى تونۇشتۇرۇشقا ماھىر بولۇڭ .
دۇكان ياكى شىركىتىڭىزنىڭ ئۇچۇرلىرى بەك مۇھىم ، شۇڭا ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋەتمەڭ ، تەپسىلىي ، ئۆزگىچە بولسۇن ، خېرىدار مال سېتىۋىلىشتىن بۇرۇن سىز بىلەن تونۇشۇشقا قىزىقىدۇ ، سىز زادى قانداق شىركەت ياكى دۇكان ، ئەمەلىي ئىقتىدارىڭىز قانچىلىك دىگەنلەرگە خىرىدار بەكرەك قىزىقىدۇ ۋە شۇنىڭغا ئاساسلىنىپ سىزدىن مال سېتىۋىلىش سېتىۋالماسلىقنى قارا قىلىدۇ ، تىزىمغا ئالدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئارخىپ ، شىركەت ياكى دۇكان تەپسىلاتى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تولۇق تولدۇرۇڭ ، بۇلار سىزگە نۇرغۇن يوشۇرۇن خىرىدار تىپىپ بىرەلەيدۇ ، ھازىر توردا سودا قىلدىغان نۇرغۇن شىركەت ۋە دۇكانلارنىڭ ئۇچۇرلىرى تولۇق ئەمەس ، بەزى شىركەتلەرنىڭ سېستىما ئاپتوماتىك تەڭشىكى ھالەتتە ، يەنە بەزىلىرى خەت سانىنى توشقۇزۇش ئۈچۈنلا ھەتتا ئوخشاش مەزمۇننى نەچچە قۇرغا كۆچۈرۈپ چاپلاپ قويغانلىرىمۇ بار ، بىر قاراشتىنلا سەمىمىيتى يوقلىقى چىقىپ تۇرىدۇ ، بۇنداق دۇكانلاردىن كىمنىڭ پۇل تۆلەپ مال سېتىۋالغۇسى كەلسۇن . شىركەتنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشىنى يېزىش ئۈچۈن تىزىسنى ياخشى تۈزۈش كېرەك . يەنى، شىركەتنىڭ ئەمەلى ئەھۋالى ، تەرەققىيات جەريانى ۋە ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلارنى 500 خەت ئەتراپىدا يېزىش كېرەك .
ئامال بار قىزىقارلىق ياكى ھىكايلىك قىلىپ يازساقمۇ بولىدۇ ، ھەممە كىشى ھىكايىسى بار كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشنى ياقتۇرىدۇ ھەرگىزمۇ جىمغۇر كىشىلەر بىلەن ئەمەس .

5 . باشقىلار سىزنى ئەڭ تىز سۈرئەتتە تاپالىسۇن .
دۇكىنڭىزدىكى ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىڭىز چوقۇم توغرا ، ئېنىق بولۇشى كېرەك . قانداق قىلىپ مەۋھۈم دۇنيادا باشقىلار سزگە ئىشىنىدۇ ؟ سىز چۇقۇم ئىشەنچىلىك توغرا ئادرېس، مۇقىم تېلفون، يان تېلفون، 400 قىزىق لىنىيىسى ، ئېلخەت ئادىرىسى، ھەرۋاقىت مەشغۇلاتتا تۇرىدىغان پاراڭلىشىش قۇرالى (چ چ ياكى ئالىي ۋاڭ ۋاڭ) قاتارلىقلارنى يىزىپ قويسىڭىز باشقىلار سىزگە ئاسان ئىشىنىدۇ ، چۈنكى ئۇ ھىچ بولمىسا سىزنى تاپالايدۇ-دە ، ھەر بىر كىشى مال سېتىۋىلىشتىن بۇرۇن ئىككىلىنىدۇ ، تىخمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى بىلگۈسى كىلىدۇ بۇ ۋاقىتتا سىزنى ئەڭ تىز سۈرەتتە ئىزدەپ تاپالىسا سودىڭىزنىڭ يىرىمى پۈتتى دىگەن گەپ .

6 . ئۇچۇرلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ، ئىشەنچ تۇرغۇزۇش كېرەك .
ئۆزىڭىز ياقتۇرغان سودا سۇپىسدىن ھەقسىز دۇكان ئاچسىڭىزمۇ كىملىكىڭىزنى چۇقۇم چىقىرىپ دەلىللەنگەن ئەزالىق دۇكان قىلىۋىلىڭ ، بۇنىڭ ئۈنۈمى غايەت زور بولىدۇ، باشقىلار سىزنىڭ مۇشۇ سودا تورىدا ئىناۋىتىڭىز بارلىقىنى بايقىسا سىزدىن خاتىرجەم مال سېتىۋىلىش تۇيغۇسى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ . تور دۇكان ئاچقاندا ئەگەر مۇمكىن بولسا ‹ئىشەنچلىك دۇكان › ئىقتىدارىنى ئاچقۇزۇپ قويۇڭ .  بۇنىڭ ئۈچۈن 1000 يۈئەن زاكالەت پۇلى تاپشۇرىسىز ئەمما تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدار ۋە مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولالايسىز . ئەگەر سىز يېڭى قۇرۇلغان شىركەت ياكى ئانچە پۇل خەجلەشنى خالىمايدىغان ئادەم بولسىڭىز ھەقسىز دۇكان ئاچسىڭىزمۇ بولىدۇ . لىكىن كىملىك ، تىجارەت كىنىشكسى قاتارلىق باشقىلارغا ئىشەنچ بىرىدىغان يەرگە چوقۇم دىققەت قىلىڭ ، خىرىدار بىلەن پاراڭلاشقاندا تەمكىن سەمىمي بولۇپ ئوچۇق ئاشكارا سودا قىلىڭ . شۇنداق بولغاندا باشقىلار سىزگە ئىشىنىپ تۇرۇپ مال سېتىۋالىدۇ .

7 . مالنىڭ تۈرى ئېنىق بولۇشى كېرەك .
مالنى تۈرگە ئايرىغاندا چوقۇم خېرىدار ئىتتىك ئىزدەپ تاپالىغۇدەك تىزىش كېرەك . چاپان دىگەن تۈرنىڭ ئاستىغا مايكا دەپ چىقارماڭ ، تۈرگە ئايرىش ئاددىي چۈشۈنۈشلۈك بولسۇن ، ئەگەر تەمىنلىيەلەيدىغان مال تۈرلىرىڭىز كۆپ بولسا ، ئۇلارنى ئىككىنچى قۇرغا يەنى تېزلىتىپ سېتىش، يېڭى ماللار ياكى تېز سېتىلىۋاتقان ماللارنىڭ ئالدىغا تىزىش كېرەك .
تەمىنلەيدىغان مال تۈرىنى چىقارغان ۋاقىتتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىش شۇكى چوقۇم توغرا بولغان تۈرنى تاللاش كېرەك . بولمىسا ئىزدەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئىزدىگەن ۋاقىتتا ئىزدەش رەت قاتارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ .

8.تاۋارنىڭ ماۋزۇسىغا ئەھمىيەت بېرىڭ .

ماۋزۇ بولسا ئىلان ئىچىدىكى ئىلان . ياخشى بولغان ماۋزۇ ئىزدەش ماتورىدا ئالدىدا تىزىلىش قاتارىغا ئېرىشپ ، خېرىدارلارنىڭ كۆرۈش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ . تېمىدا ئومۇملاشقان ئاچقۇچلۇق سۆز ماۋزۇدا يىغىنچاق ھالەتتە ئەكىس ئېتىشى كېرەك . ئاچقۇچلۇق سۆزنى تاللاش ماھارىتىنى ئاخىرىدا سۆزلەيمەن .

9 . دۇكىنىڭىزدىكى ماللارنىڭ ئۇچۇرى ئۆلچىمى تولۇق ھەم توغرا بولۇشى كېرەك .

تەمىنلەيدىغان ماللارنىڭ ئۇچۇرىنى تولدۇرغان ۋاقىتتا ئوخشىمايدىغان ماللارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئامال بار ئوخشاش قىلىپ قويماڭ . تولدۇرغان ئۇچۇرلار كەسپى بولۇشتىن سىرت ، تولۇق بولۇشى كېرەك . ئېسىڭىزدە بولسۇنكى خىرىدار قانچە مىلىڭىزنىڭ قانچە كۆپ ئۇچۇرىغا ئىرىشەلىسە ، سىزدىن مال سېتىۋىلىش ئارزوسى كۈچلۈك بولىدۇ . ھىچكىم بىر پارچە رەسىمگە قاراپلا نەرسە سېتىۋالمايدۇ ، رەسىم ۋە خەتلىك چۈشەندۈرۈشى چوقۇم كۆپرەك بولىشى كىرەك .

10 . مەھسۇلاتنىڭ رەسىمىنڭ بىردەك بولۇشىغا دىققەت قىلىڭ .

كەسپى بولمىغان لايىھەنى ئويلاشماڭ . مال رەسمى سىزنىڭ مال ساتقۇچىڭىز ، رەسىمىڭىز خىرىدارغا بىۋاستە تەسىر قىلىدۇ ، رەسىملەر سۈزۈك بولىشى كىرەك ، ئامال بولسا مالنىڭ رەسىمى ئىچىدە ئادەملەر بار رەسىم بۇلسا تىخمۇ ياخشى ، چۈنكى خىرىدار توردىن مىلىڭىزنى كۆرگەن ھامان شۇ مالنى قولىغا ئالغان ۋاقىتىنى تەسەۋۇر قىلىدۇ ، سىزنىڭ رەسىمىڭىز دەرھال خىرىدارغا مالنى قولىغا ئالغان ياكى ئىشلىتىۋاتقاندىكى تەسەۋۇرىنى كۆرسىتىپ بىرەلىسە ، خىرىدار سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىزغا تىخمۇ قىزىقىدۇ . مەھسۇلاتنى رەسىمگە تارتقان ياكى تاللىغان ۋاقىتتا ئارقا كۆرۈنۈش رەسىمى سۇس رەڭلىك بولسا ، مەھسۇلات تېخىمۇ گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ .

11 . مەھسۇلاتنىڭ چۈشەندۈرۈلۈش بېتىمۇ بەك مۇھىم .

بەزى دۇكانلارنىڭ مەھسۇلات بېتىدە بىر قاتار شىركەتنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى بار . بۇ ئېنىقلا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشتىن ئىبارەت . بىلىشىڭىز كېرەككى، كۆپلىگەن خېرىدارلار مەھسۇلاتنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىنى ئىزدەيدۇ . شۇڭا مەھسۇلات بىتى ئىچىلغان ھامان مالنىڭ تولۇق بولغان چۈشەندۈرۈشى بار رەسىم ۋە مەزمۇن ئىچىلسا ، خىرىداردا شۇ مالنى سېتۋىلىش پىسخىكىسى قوزغىلىدۇ شۇڭا بۇ نۇقتىغا سەل قارىماسلىق كېرەك . بولۇپمۇ مەھسۇلاتنىڭ ئۆلچىمى، رەسىمى، سېتىش نۇقتىسى، سودا-سېتىق جەريانى، سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئېنىق ئىپادىلىنىشى كېرەك .

12 . ئىككىنجى دەرىجىلىك تور نامىنىمۇ ياخشى تاللاش كېرەك .

دۇكان ئېچىلىپ بولغاندىن كىيىن سېستىما ئاپتوماتىك ھالدا ئىككىنجى دەرىجىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدۇ . دۇكان تەشۋىقاتى ھەم ئەستە ئاسان قېلىشى ئۈچۈن ئاددى بولغان ئىنگىلىزچە ياكى پىنيىنچە تاللاش كېرەك .

13 . تور دۇكىنىمۇ ئوخشاشلا دۇكان ، شۇڭا دۇكان ئىسمى كەم بولسا بولمايدۇ

ئەمەلىيەتتە بولسا دۇكان ئىسمى ئەڭ ياخشى بولغان ئېلان LOGO,Slogan(سىزنىڭ شۇئارىڭىز) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇڭ . خېرىدار چېكىپ كىرگەندىن كىيىن دۇكىنىڭىزنى ئەستە ساقلىۋالسۇن .

14 . دۇكاننىڭ بېزىلىشى ئەمەلى بولۇشى كېرەك .

ھەرگىز ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، بەزى لايىھىلەرنىڭ لايىھەلىنىشى بەكلا ئالاھىدە بولۇپ،
خېرىدار شۇنچە ئۇزاق كۆرۈپمۇ قايسى مالنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى بىلمەيدۇ. بولۇپمۇ سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ
تېخمۇ ئاددى بولسا شۇنچە ياخشى . ئۆزىڭىزگە ماس كىلىدىغان ئۇسلۇپنى تاللاڭ.

15 . شىركەتنىڭ ھەرىكەت ھالىتىنى داۋاملىق يېڭىلاپ تۇرۇشى كېرەك .
قانۇنىيەتلىك ھالدا شىركەت ئەھۋالىنى يېڭىلاپ تۇرغاندا ،خېرىدارلارغا بۇ شىركەتنىڭ نورمال تىجارەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگىلى بولىدۇ .

16 . خېرىدارغا دۇكاننى ساقلىۋېلىشقا ئېلھاملاندۇرۇش كېرەك .

ئەگەر خېرىدار كىلەرقى قېتىم مالغا ئېھتىياجلىق بولۇپ ئەمما سىزنىڭ دۇكىنىڭىزنى تاپالمىسا قانداق قىلىسىز ؟

17 . توردىكى مەشغۇلات ھالەتنى ساقلاڭ .

توردىكى مۇلازىمەتچى خادىم ھەقىقىي ئىسمىنى ئىشلەتكەندە، خېرىدارىڭىز كىم بىلەن ئالاقە قىلىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايدۇ . ھەرگىزمۇ بىرىنچى كەسپى خادىم ، ئىككىنچى كەسپى خادىم دېگەندەك مەۋھۇم ئىسىم قويماڭ . مەھسۇلات ئالبومىنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىڭ . مەھسۇلات ئالبۇمىنىڭ ئۈنۈمىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ . ئالبومنى ئېلېكترونلۇق ئالبومغا ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ .

داۋامى يوللىنىدۇ . . . .

نۆۋەتتە 2 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە : زىيارەتچى قالدۇرغىنى : 1 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى : 1 پارچە

  1. بىلىمخۇمار China Google Chrome Windows : 2014-يىلى12-ئاينىڭ24-كۈنى13:36:20  -49-رەت @جاۋاب جاۋاب

    يۇقىرىدىكى يازمىڭىز توردا دۇكان ئاچقۇچىلار ئۈچۈن ۋە يېڭىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن تۇلىمۇ قىممەتلىك پايدىلىنىش ئىكەن. مەنمۇ بىر يېڭىدىن ئۆگەنگۈچى بارلىق ئەزالارغا ۋاكالىتەن رەھمەت ئېيتىمەن

    • تورسودا China Google Chrome Windows : 2015-يىلى04-ئاينىڭ03-كۈنى19:29:03  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      سىزگىمۇ رەھمەت

بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !

باش سۈرىتىڭىز ؟