تاۋباۋ (淘宝) تورى ئەلىبابا گورۇھىنىڭ بايرىقى ئاستىدىكى تور سودا بېكىتى بولۇپ دۆلىتىمىزدە تور سودىسى ساھەسىدە ئەڭ چوڭ بېكەت ھېسابلىنىدۇ، مەنمۇ مۇشۇ تور بېكەتتە تور دۇكىنى ئاچىمەن ھەم تاۋباۋ تورىدىن كىيىم-كىچەك، يان تىلفۇن، تۇرمۇش بويۇملىرى، مەۋھۇم بويۇم قاتارلىقلارنى سېتىۋالىمەن، تاۋباۋدىن مال سىتىۋىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى شەرت شارائىتلارنى ھازىرلىشىمىز زۆرۈر.
1. ئاۋال تاۋباۋ (淘宝) تورىغا ئەزا بولىسىز، بۇ باشقا تور بېكەتلەرگە ئەزا بولغان بىلەن ئوخشاش، ھەقىقىي ئىسمىڭىزنى تولدۇرغاندا كىملىكىڭىز بويىچە تولدۇرۇڭ، ئىسىم بىلەن فامىلە ئوتتۇرىسىدىكى چېكىتنى تولدۇرۇشنى قەتئى ئۇنۇتماڭ ، بۇ چېكىت ھەقىقىي ئىسىمنى (实名认证) جەزىملەشتۈرىدىغان ۋاقىتتا لازىم بولىدۇ.
2. ئالىپاي (支付宝)ھېساباتىڭىز بولىشى كېرەك، ئالىپاي تورىمۇ ئەلىبابا گورۇھىنىڭ بايرىقى ئاستىدىكى تور ھېساباتى قىلىدىغان ئەڭ چوڭ تور بېكەت، خىرىدار ۋە دۇكاندار ئىككى تەرەپنىڭ تور سودىسى ئاساسەن مۇشۇنىڭدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
3. بانكا كارتىڭىز ۋە كارتىڭىزنىڭ تور بانكا كەسپى ئوچۇق بولىشى كېرەك، كارتىدىكى ئىسمىڭىز كىملىكتىكى بىلەن ئوخشاش بولىشى كېرەك، ئىسىم بىلەن فامىلە ئوتتۇرىسىدا چېكىتى بولمىسا تېخى ياخشى، (ئادەتتە ھەرقانداق كىملىكتىكى ئىسىم فامىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا چىكىت بولىدۇ) چېكىتى بولسا 1-تۈردىكى تىزىملاتقاندىكى ھەقىقىي ئىسمىڭىزغىمۇ چېكىت قويىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ، بۇ ھەقىقىي ئىسىمنى جەزىملەشتۈرۈشتە تاقىشىدىغىنى ئېنىق.
يۇقارقى شەرتلەر ھازىرلانغاندىن كىيىن بىۋاستىلا مال ئالىمەن دىسىڭىز يەنە بولمايدۇ، چۈنكى بانكا كارتىڭىز بىلەن ئالىپاي ھېساباتىڭىزنى باغلىشىڭىز ئاندىن ھەقىقىي ئىسمىڭىزنى ئالىپاي تورىنىڭ جەزىملەشتۈرىشىگە ئىلتىماس سۇنىشىڭىز كېرەك، بۇنىڭغا كىملىكنىڭ ئالدى كەينى ئايرىم سىنكاننىرلانغان رەسىمى، نوپۇس دەپتەرنىڭ باش بېتى ئۆزىڭىزنىڭ بېتى قاتارلىقلارنىڭ سىكاننېرلانغان رەسىمى بولىشى كېرەك، ئۇچۇرلار بىردەك كىملىككە بويسۇنغان بولىشى كېرەك، بىرەر خەت ياكى چىكىت ئوخشىمىسا تەستىقلىمايدۇ.
ئەمدى سىز تاۋباۋ (淘宝) تورىغا كىرىم ئەزالىق ھالىتىدە مال كۆرۈپ دۇككان ئىگىسى بىلەن ئالى ۋاڭ ۋاڭ (阿里旺旺) دەيدىغان سۆزلىشىش قۇرالى ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ بېقىپ مالنى سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ، ئەسكەرتىش : (دۇكاندار بىلەن QQ ئارقىلىق پاراڭلىشىپ سودىلاشماڭ) پۇلنى بىۋاستە دۇكاندارنىڭ بانكا ھىساباتىغا ئۇرۇپ بىرىشتىن ساقلىنىڭ، تاۋباۋنىڭ سىرتىدا بولغان سودائالاقە ۋە پۇل ئۇرۇش ئىشلىرىدىن كىلىپ چىققان ئاقىۋەتكە تاۋباۋ ئىگە بولمايدۇ.
تاۋباۋدىكى پۇلىڭىز ئادەتتە ئاۋال ئالىپاي ھەميىنىڭىز (支付宝) دا ساقلىنىدۇ، مالنى كۆرۈپ ئاندىن پۇلنى ھەقىقىي يۆتكەيسىز، ئەمەلىي مال بولسا بىر ھەپتە ئىچىدە تاپشۇرۋالالايسىز، بىر ھەپتىگىچە كەلمىسە مالنى تاپشۇرۋالمىغانلىقىڭىزنى ئەسكەرتىپ پۇلنى قايتۇرۋالسىڭىز بولىدۇ....
ئامال بار كىچىك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ سىناپ بېقىڭ ئاندىن دۇكاندارلارنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسىگە قاراپ تاللاپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ، 1يۈەنلىك، بەش مولۇق نەرسىلەرنى سېتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىۋالغان ساختىپەزلەردىن ھەزەر ئەيلەڭ، دۇكاندارنىڭ ئىشەنچ دەرىجىسى ۋە دۇكىنىدىكى ماللارنىڭ سىتىلىش خاتىرىسى، خىرىدارلارنىڭ مالغا ۋە دۇكاندارغا بەرگەن باھاسىنى كۆرۈپ سىتىۋىلىڭ.
‹‹ دۇكاندار بىلەن QQ ئارقىلىق پاراڭلىشىپ سودىلاشماڭ » بۇنىڭ سەۋەبىنى تەپسىلىرەك سۆزلىسىڭىز بولامدۇ ، بۇ ھەقتە بىرەر تىما يازسىڭىزمۇ مەيلىدى . ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم
بۇنداق دىيىشىمنىڭ سەۋەبى:ناۋادا سودىدىن چاتاق چىقسا، قارشى تەرەپ مالنى سالمىسا ۋە ياكى مال دۇكاندار بىلەن دىيىشكىنىڭىزدەك چىقمىسا مالنى قايتۇرۋەتسىڭىز بولىدۇ، بۇ جەرياندا تاۋباۋ تەرەپكە بىر قىسىم ئىسپات ماتىرىياللار ، سۆزلىشىش خاتىرىسى دىگەندەكلەرنى تەمىنلەشكە توغرا كىلىدۇ، چ چ ئارقىلىق دىيىشكەن گەپ-سۆزلىرىڭىزنى تاۋباۋ ئومۇمەن ئىتىراپ قىلمايدۇ، بۇ تاۋباۋنىڭ سىرتىدا قىلىنغان سودا ھىسابلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن چ چ ئىشلەتمەي ئالى ۋاڭ ۋاڭ سۆزلىشىش قۇرالى ئىشلىتىشىڭىزنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن ، ئاللاھ خالىسا بۇ ھەققىدە تىخىمۇ تەپسىلى تىما يوللاپ قويىمەن …
تاۋباۋكارتىسى بولسا alipay ھىساباتى بولمىسىمۇ بولامدۇ؟
alipay ھىساباتى بولمىسا زادى بولمايدۇ
سىزدىن سوراپ باقسام بانكا كارتىسى تور كەسپى ئوچۇق ئىدى ئەمدى ئالىپاي ھىساباتى بېجىرىش ئۈچۈن بانكىغا بارامدۇق ياكى ئۈزىمىز ئېچىشىمىز كىرەكمۇ؟ مەن تاۋباۋغا كىملىكتىكى ئسمىم بىلەن تىزىملىتىمەن دەپ خېلى ھەپىلىشىپ تىزىملىتالماي ئاخىرى ئىسمىمنىڭ كەينىگە نومۇر سېلىپ تىزىملىتىشقا مەجبۇر بوپ قالدىم. يەنە بىر ئىش مەن ئالىپايغا ئۆزەم تىزىملاتقان ئىدىم مەخپى نومۇرغا تاباۋدىكى نومۇرنى سالسام قەتئىي قوبۇل قىلمىدى تاۋباۋ تورىدىن ئالىپايغا كىرسەم بىمالال كىرىپ كىتىدۇ . بىراق ئالىپاي تورىغا بىۋاستە كىرسەم مەخپىي نومۇر خاتا دەپ چىقىۋالىدۇ بۇ نىمە ئىشتۇ ؟
مەن تور سودىسىغا قىزىقىمەن . بىراق ياخشى قىلالماسلىقتىن قورقىمەن …
قورقماڭ يىنىڭىزدا بىز بار، تور سودىسى قىلىشتىن قورققۇدەك ھىچنىمىسى يوق . . . بىلمىگەن چۈشەنمىگەن جايلار بولسا بىز يىتەكچىلىك قىلىمىز .
تور سودا بىلوگى :
تور سودا مۇنازىرە مۇنبىرى : http://www.torsoda.net