نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەتئۇنىۋېرسال>ئاساسىي مەزمۇن
تىجارەتنى ئۇششاق ئىشلاردىن باشلاڭ
2012-يىلى11-ئاينىڭ16-كۈنى ئۇنىۋېرسال ⁄ جەمئى 1658خەت بار 2پارچە ئىنكاس بار ⁄ 564 قېتىم كۆرۈلدى+
بەشىنجى ئەۋلاد قىممەت تولۇقلاش سىستىمىسى

بىز دۇنياۋى شۆھرەت قازانغان بايلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىگە قارىساق، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ تىجارەتنى كىشىلەر كۆزگە ئىلمايدىغان، كۆپ مەبلەغ تەلەپ قىلمايدىغان ئۇششاق – چۈششەك ئىشلاردىن باشلىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالىمىز. ئامېرىكا نېفىت ماگناتى روكفېللىرنى تىلغا ئالساق، ئۇ ئاپتوموبىل ئەمدىلا دۇنياغا كەلگەن چاغدائىشنى، ئالدى بىلەن، ئىشتىن توختاپ قالغان بىر نېفىت چەككىلەش زاۋۇتىنى ھۆددىگە ئېلىشتىن باشلىغانىدى. ئاپتوموبىلنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئىشلىرى بارغانسېرى روناق تاپقان. ئۇ ھەر خىل ئاماللارنى قىلىپ، تىجارەت دائىرىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، ئامېرىكىدىكى نېفىت ماگناتىغا ئايلانغان.
پۇل تېپىش ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتە قەد كۆتۈرۈش پۇرسىتى ھەممىلا يەردە مەۋجۇت، پۇرسەتنى تۇتۇشقا ماھىر كىشىلەرلا پايدىسىز ۋەزىيەتنى پايدىلىق ئامىلغا ئايلاندۇرۇپ، ئالتۇن قىرغاققا قاراپ ئىلگىرىلىيەلەيدۇ. چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا ماجالى يەتمەيدىغان، كىچىك ئىشلارنى قىلىشنى ياراتمايدىغانلار ئۆزىنى راۋاج تاپقۇزۇشتىكى بارلىق پۇرسەتتىن ۋاز كەچكۈچىلەر بولۇپ قالىدۇ. تىجارەتنى كىچىك ئىشلاردىن باشلىغاندا، ھەر خىل تاسادىپىي ئەھۋاللارغا نىسبەتەن قارار قىلىش ئىقتىدارىنى تەدرىجىي يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. ئەتراپتىكى بازار ئەھۋالى ھەم كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، ئەتراپلىق تەييارلىق كۆرۈپ پۇختا ئىش قىلسا، چوقۇم ئىگىلىكىنى بارا – بارا روناق تاپقۇزۇپ، باي بولۇش يولىغا قەدەم قويالايدۇ.
تىجارەتنى كىچىك ئىشلاردىن باشلىغاندا، تەدرىجىي تەجرىبە توپلاپ، قولىغا كۆپرەك پۇل كىرگەندە تىجارەت دائىرسىنى كېڭەيتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بىراقلا چوڭ ئىش تەۋرەتمەكچى بولغانلار مەبلەغنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. ئۇلار ئىگىلىك تىكلەشكە لازىملىق مەبلەغ مەسىلىسىنى ھەل قىلغان تەقدىردىمۇ، تىجارەتتە ئازراق پېشكەللىككە يولۇقسىلا، بىھۇدە زىيان تارتىشتىن ساقلىنالمايدۇ. شۇڭا ھەر قانداق ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، تەدرىجىي ئىلگىرىلەپ، كاپىتال كۈچىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، تىجارەت دائىرىسىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىشى لازىم.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

نۆۋەتتە 2 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :1 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :1 پارچە

  1. ئالغا : 2012-يىلى11-ئاينىڭ17-كۈنى12:45:31  -49-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ھەر قانداق چوڭ شىركەتلەر ، چوڭ سودىگەرلەرمۇ بىراقلا شۇنداق بولغان ئەمەس ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى جاپا مۇشەققەتلەر ھەقىقەتەن كۆپ ، مىنىڭچە ئاشۇنداق چوڭ سودىگەر ياكى كارخانىچى بولۇش ئۈچۈن ئاۋال باسىدىغان قەدەمنى تولۇق بىسىش كىرەك ، بۇ قەدەملەر ئۈستىدىكى مەزمۇندەك ، يەنى ئىشنى چوقۇم كىچىكتىن باشلاپ قىلىش كىرەك ، ئەگەر سىزدە نۇرغۇن پۇل بولسا سىز بىراقلا چوڭ ئىشلارنى قىلىمەن دىسىڭىز بەلكىم سالغان سەرمايىڭىزنى پات ئارىدىلا تۈگىتىشىڭىز مۇمكىن ، بۇ بلوگنى ئەمدىلاتىن كۆرۈۋاتىمەن ، تور سودىسىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار كۆپكەن ، قۇرغۇچىغا رەھمەت

    • تورسودا : 2012-يىلى11-ئاينىڭ17-كۈنى13:05:36  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      بىلوگىمدىكى مەزمۇنلار سىزگە يارىغان بولسىلا مەن شۇنىڭغا خۇرسەن، دائىم قەدەم تەشرىپ قىلىپ تۇرغايسىز ، رەھمەت :oops:

بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !

باش سۈرىتىڭىز ؟