توردا دۇكان ئىچىش بولسا بىر خىل ئىنتىرنىت تور دەۋرىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى ئاستىدا بارلىققا كەلگەن يىڭىچە سىتىش شەكلى بولۇپ ، كونكىرىت قىلىپ ئىيىتقاندا، تىجارەتچى ئىنتىرنىت تورىدا بىر مەۋھۇم تور دۇكاننى تىزىملىتىدۇ ۋە تاۋار سىتىپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن تاۋباۋ ، پەي پەي ، قاتارلىق چوڭ تىپتىكى كەسپى تور بىكەتلەرنىڭ ھەممىسى ھەر بىر شەخىسكە توردا دۇكان ئىچىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ . بۇ خىل شەكىلدىكى توردا دۇكان ئىچىش خۇددى چوڭراق سودا ساراينىڭ ئىچىدىكى بىرەر پۇكەي ياكى دۇكاننى ئىجارە ئىلىپ ، چوڭ سودا ساراينىڭ تەسىرى ۋە خىرىدارلىرىنىڭ كۆپلىكىگە تايىنىپ تىجارەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ .
تىجارەتچى [تور سودىگىرى] ساتماقچى بولغان تاۋارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى رەسىم ۋە يىزىق شەكلىدە تور بىكىتىگە يوللايدۇ ، بۇ تاۋارلارغا قىزىقىشى بولغان زىيارەتچىلەر توردا ياكى توردىن چۈشۈپ پۇل تۆلەش شەكلى ئارقىلىق تىجارەتچىگە پۇل تاپشۇرىدۇ، تىجارەتچى پوچتا ياكى تىز يەتكۈزۈش شەكلى ئارقىلىق ئەمىلى تاۋارنى سىتىۋالغۇچىغا ئىۋەتىدۇ. ئەنئەنىۋى تىجارەت ئەندىزىسىگە سىلىشتۇرغاندا ، توردا دۇكان ئىچىشنىڭ سىلىنمىسى ئاز، تىجارەت ئۇسۇلى جانلىق ، تىجارەتچىلەر ئۈچۈن خىلى مۇۋاپىق پايدا بوشلۇقى بىلەن تەمىن ئىتىدۇ. ھازىر بارغانسىرى نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن تىجارەت قىلماقتا.
ئىسىل بىلىمدىن يەنە بىرنى ئۇگىنىۋالدۇق رەھمەت بۇرادەر
ئاددى بولسىمۇ يوللاپ قويدۇم بۇرادەر
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، جانابى ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، خۇش كەپسىز
ئاشۇ ھىكمەتلىك گەپلىرىڭزنى ئوقوپ بەكمۇ سۆيۈندۇم ، مەرھابا، دوست بۇرادەرلىرىنى يوقلىغان ھال سورىغان كىشىنى ئاللاھ يوقلايدۇ.كەلگەن قەدەملىرىڭىزدىن گۇللەرئۈنگەي
مەنمۇ توردا دۇكان ئاچاي دېگەن . لىكىن بۇ توغۇرسىدا بىلمىم كەمچىل شۇڭا تەپسىلى بولسا رەسىملىك قىلىپ ئۆگۈتۈپ قوياسىزمۇ ؟
بلوگدا نۆلدىن باشلانغان دەرىسلىكلەر بار، تەپسىلى كۆرۈپ بىقىڭ
mining oyam yezida bazar anqa awat amas agar man silaga aza bolsam bulamu bir maslahat basang la
مەن توردىن مال سىتۋىلشنى بۇرۇنلا ئويلىغان ، بىراق ئالدىنىپ قىلشتىن قورقۇپلا، سىتۋالمىغان… مەن بەك ئارتۇقچە ئويلاپ قالدىممۇ ياكى شۇنداق بولۇپ قىلشىمۇ مۇمكىنمۇ؟؟؟؟
سىز پەقەت ھۇشيار بولسىڭىزلا بولىدۇ
مۇشۇ تور بەتتە ئەمما لىكىن تور سودىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر يامان كۆپ جۇمۇ !!!!!
مەنمۇ شۇنداق ھىس قىلدىم