1. چاچنى يۇيۇپ بولۇپلا چاچ تاراش زىيانلىق. ئەڭ توغرا ئۇسۇل بولسا چاچ يۇيۇشتىن بۇرۇن چاچنى تاراپ ئاندىن يۇيۇش، شۇنداق بولغاندا چاچنىڭ ۋە باش تېرىسنىڭ كىرىنى پاكىز چىقارغىلى بولىدۇ.
2. چاچقا ئالدى بىلەن چاچ سوپۇنى سۈركەپ ئاندىن يۇيۇش زىيانلىق. ئاۋال چاچنى ئىلىمان سۇدا بىر نەچچە مىنۇت ئۇۋۇلىغاندىن كېيىن ئاندىن چاچ سوپىنىنى سۈركەپ چاچنى يۇيسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
3. چاچ يۇيغان ۋاقىتتدا پاكىز يۇيۇش مەقسىتىدە تاتلاپ يۇيۇش زىيانلىق. تىرناق ئاستىدا نۇرغۇنلىغان باكتېرىيەلەر بار، لېكىن باش تېرىسى نىپىز بولغاچقا تىرناق بىلەن تاتلاپ يۇيغاندا ئاسان قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ باش تېرىسنى زەخمىلەندۈرۈپ قويىدىغان ئىش كىلىپ چىقىدۇ. شۇڭا چاچ يۇغاندا، تىرناقنى ئىشلەتمەي قولنىڭ ئۇچىدا ئاستا ئۇۋۇلاش، تاكى بىر قەۋەت مازغاپ پەيدا بولغىچە.
4. چاچ ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا، باش تىرىسىگە سۈرۈش زىيانلىق . باش يۇيغان ۋاقىتتا باشنىڭ تۈك تۈشۈكچىلىرى پۈتۈنلەي ئېچىلىپ كىتىدىغان بولغاچقا بۇنداق مادىلارنى سۈرگەندە ئاسانلا تۈك تۈشۈكچىلىرى ئىتىلىپ قېلىپ باش تىرىسىگە زىيانلىق. شۇڭا بۇنداق ماددىلەرنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا قۇلاقنىڭ ئۇدۇلىدىن باشلاپ چاچنىڭ ئۇچىغىچە چاچقا سۈركەش كېرەك. ئاندىن پاكىز يۇيۇپ چىقىرىۋىتىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك.
5. چاچنى يۇيۇپ بولۇپلا قۇرۇتماي تۇرۇپ كارۋاتقا چىقىپ ئۇخلاش زىيانلىق. بۇنداق بولغاندا، چاچنىڭ قۇرغاقلىشىپ كىتىشى ئېغىر بولۇپ، چاچنىڭ يېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. چاچنى يۇيۇپ بولۇپلا سىرتقا چىقىش زىيانلىق. چاچنىڭ بىنەپشە نۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش نىسبىتى يۈز تېرىسىنىڭ 2 ھەسىسىگە توغرا كېلىدۇ. يۇيۇپ بولۇپلا سىرتقا چققان ۋاقىتتا چاچ قۇرغاقلىشى نۇرسىز بۇلۇپ قېلىش، ئاسان يېرىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.