ئەرەپچە نامى: روممانى ھولۋو
خەنزۇچە نامى: 甜石
تونۇش: بۇ ئانار ئائىلىسىدىكى ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان مەشھۇر مېۋىلىك دەرەخ ئانارنىڭ پىشقان مېۋىسىدىن ئىبارەت بولۇپ بۇ دەرەخنىڭ پىشقان مېۋىسى <ئانار دانە> مېۋە پوستى <پوستى ئانار> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق
شىپالىق رولى: يۈرەك، جىگەر ۋە باھنى قۇۋۋەتلەش، كۆكرەك ۋە گفلنىڭ يىرىكلىكىنى ياخشىلاش، ھارارەت پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، قان كۆپەيتىش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، مەددە قۇرت ئۆلتۈرۈش، ئوزۇقلۇق تولۇقلاش، يۆتەل توختىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: يۈرەك، جىگەر ئاجىزلىقى، باھ ئاجىزلىقى، يۇقىرى قان بېسىمى، زىققە كېسەللىكى، تال كېسەللىكى، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل ۋە گالنىڭ يىرىكلىكى، كەم قانلىق، ئىچى سۈرۈش، تولغاق، مەقئەت چىقىپ قېلىش، چىش تۈۋى بوشاپ قېلىش، ئېغىز پىشلاقلىشىش، قۇسۇش، كۆڭۈل ئېلىشىش، كۆپ ئۇسساش، قىچىشقاق، ئۈچەي قۇرت كېسەللىكى قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ئانار دانىسىنى سىقىپ سۈيىدە شەربەت تەييارلاپ ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: سۈيىدىن 30-50 مىللىلىتىر.
زىيانلىق تەسىرى: ئاشقازان كېسەللىكى، سوغۇقتىن بولغان ئىستىسقا، تەپ كېسەللىكلىرىگە بېرىلمەيدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: ئاشقازان كېسەللىكىگە شېكەر، تەپكە زەنجىۋىل، ئاچچىق ئانار سۈيى قوشۇپ بېرىلىدۇ.
ئورۇنباسارى: ئاچچىق ئانار.
چىقىش ئورنى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەممە يەرلىرىدىن ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا، ئىران، ئاففانىستان قاتارلىق ئەللەردىنمۇ چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.