مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1443 رەت   / مەنبە: -شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

دولانا (山楂) ئۇزاقتىن بۇيان كىشىلەرنىڭ كۆزىگە چېلىقماي كەلگەن ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى نەتىجىسىدە، دولانانىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە دورىلىق قىممىتىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكى، ياشانغانلار دائىم دولانا ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدىغانلىقى بايقالدى، شۇنىڭ بىلەن دولانا كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش يېمەكلىكى دەپ قارىلىدىغان بولدى.


ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

دولانا تەركىبىدە ۋىتامىن C، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، كالتسىي بار. دولانا تەركىبىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، سىترۇس تۈرىدىكى مېۋىلەر (ماندارىن، لىمون، ئاپېلسىن) نىڭكىدىن 2-3 ھەسسە، ئالمىنىڭكىدىن 17 ھەسسە يۇقىرى.

دولانا يۈرەك مۇسكۇلىنى قوغداش رولىغا ئىگە بولۇپ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئوكسىگېن سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىدۇ، تاجىسىمان ئارتېرىيىدىكى قان ئېقىش مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ، ئۇششاق قان تومۇرلاردىكى قان ئېقىش مىقدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ فۇنكىسىيىسىنى تەڭشەپ، يۈرەك سانجىقىنى پەسەيتىدۇ. 

دولانا ئەركىن رادىكاللارنىڭ ھاسىل بولۇشىنى توسىدۇ ۋە ئۇلارنى ئازايتىدۇ، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى كۈچەيتىدۇ، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، راكقا قارشى تۇرۇش رولى بار. 

دولانىنىڭ قان تومۇرنى يۇمشىتىش، كېڭەيتىش، قاندىكى ياغنى، قان بېسىمنى، خولېستېرولنى تۆۋەنلىتىش رولى بار بولۇپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاشتا ئالاھىدە ئۈنۈمى بار. 

دولانىنىڭ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، تىنچلاندۇرۇش، يۈرەكنى كۈچەيتىش رولى بار، يەنە قاننى جانلاندۇرۇپ، قېيىپ قالغان قاننى ئېرىتىش رولى بار بولۇپ، يەرلىك ئورۇندا قاننىڭ توختاپ قېلىش ھالىتىنى تۈگىتىشكە ياردەم بېرىدۇ، يېقىلىش، ئۇرۇلۇشتىن زەخىملىنىشكە نىسبەتەن قوشۇمچە داۋالاش ئۈنۈمى بار. 

دولانا تاماقتىن كېيىن قان شېكىرىنىڭ نورمال سەۋىيىسىنى ساقلاشقا پايدىلىق. 

دولانا ئىشتىھانى ئېچىپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ، بولۇپمۇ گۆش يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى تېخىمۇ ياخشى بولۇپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان نۇرغۇن دورىلارغا دولانا قوشۇلغان. 

ياشانغانلار ھەمىشە دولانا ۋە ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئىشتىھاسىنى ئېچىپ، ئۇيقۇسىنى ياخشىلايدۇ، سۆڭەك ۋە قاندىكى كالتسىي مىقدارىنىڭ تۇراقلىقلىقىنى ساقلايدۇ، ئارتېرىيىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 

دولانىنىڭ بالىياتقۇنى قورۇش رولى بار، ھامىلىدار ئاياللار تۇغۇشقا يېقىنلاپ قالغاندا تۇغۇتنى تېزلىتىش رولى بار ھەمدە تۇغۇتتىن كېيىن بالىياتقۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 

دولانا زىققىنى پەسەيتىپ، ئىچ سۈرۈشنى داۋالايدۇ.


ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

چىشى قاماپ قالىدىغانلار دولانا تورتى قاتارلىق دولانا مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. 

دولانىنى يۇغاندا ئۇنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى كېسەللىك باكتېرىيىلىرىنى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىشكە دىققەت قىلىش، دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ قالدۇق زەھىرىدىن ساقلىنىش لازىم. ئەڭ ياخشىسى ئالدى بىلەن دولانا مېۋىسىنى سۈزۇك سۇدا پاكىز چايقاپ يۇيۇش، ئاندىن %0.1-%0.2 لىك مارگانسوپ ئېرىتمىسىگە بىر قېتىم چىلاپ، دېزىنفېكسىيە قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئىستېمال قىلىش لازىم. دولانىنىڭ تەمى چۈچۈمەل، قىزىتىلغاندىن كېيىن تەمى تېخىمۇ چۈچۈمەللىشىپ كېتىدۇ. 

دولانا ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، چۈنكى دولانا بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشىنى غىدىقلايدۇ، بويىدىن ئاجراپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن. 

دولانىنى بىر قېتىمدا بەك جىق يېمەسلىك، بەلكى يەپ بولغاندىن كېيىن دەرھال ئېغىز چايقاشقا دىققەت قىلىپ، چىشقا زىيان يەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بالىلارنىڭ چىشى ئالمىشىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، بۇ مەزگىلدە دولانا مېۋىسى، دولانا قېقى ياكى دولانا تورتىنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلسا، چىشنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىسىز بولىدۇ. 

دولانا ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ، ئەمما پەقەتلا ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، تال-ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەزىم قىلىشقا ياردەم بەرمەيدۇ. شۇڭا تال-ئاشقازاىنى ئاجىزلار دولانا ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم، ئاشقازان كىسلاتاسى كۆپىيىپ كېتىش، ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى، قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار دولانا چېيى ئىچمەسلىكى لازىم. 

دولانىنىڭ قاندىكى ياغنى تۆۋەنلىتىش رولى بار، قاندىكى ياغ مىقدارى زىيادە تۆۋەن كىشىلەر دولانىنى كۆپ ئىستېمال قىلسا سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىدۇ. 

بازارلاردىكى دولانا يېمەكلىكلىرىگە شېكەر كۆپ قوشۇلغان بولىدۇ، بۇنداق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش، ئىمكان بار دولانىنىڭ ھۆل مېۋىسىنى ئىستېمال قىلىش لازىم. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.