مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى06-ئاينىڭ01-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1322 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ئەرەپچە نامى:  فىستۇق

پارسچە نامى: پىستە

تونۇش: بۇ سىر دەرىخى ئائىلىسىدىكى بىرخىل دەرەخ ياكى ئاساسىي غولى چاتقال ئۆسۈملۈك پىستىنىڭ مېۋىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ باغنىڭ ۋە تاغنىڭ دەپ ئىككى خىل بولىدۇ، دورا ئۈچۈن پىستە نامىدا باغنىڭكى ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق.

شىپالىق رولى: يۈرەك، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، جىگەر توسالغۇلىرىنى ئېچىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، مەنىي كۆپەيتىش، بەدەننى سەمرىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. 

ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: يۈرەك ئاجىزلىقى، مېڭە ئاجىزلىقى، ئەستە ساقلاش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىقى، ئۇنۇتقاقلىق، بەدەن ئورۇقلاش، ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىق، بۆرەك ئورۇقلاپ كېتىش، باھ ئاجىزلىقى، مەنىي سۇيۇلۇپ كېتىش، مەنىي تېز يۈرۈپ كېتىش، يۆتەل، قۇسۇش، قورساق ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ. 

ئىشلىتىش ئۇسۇلى: پىستە مېغىزىدىن كۈندە 10 گرام يەپ بەرسە چىش تۈۋىنى چىڭىتىدۇ، ئېغىزنى خۇشبۇي قىلىدۇ، پىشلاقنى يوق قىلىدۇ، ھېق تۇتۇشنى، ئىچى سۈرۈشنى ۋە ئۇسسۇزلۇقنى يوق قىلىدۇ، شاراب بىلەن قوشۇپ ئىچسە، چايان ۋە زەھەرلىك ھاشارەت چاققاننىڭ زەھىرىنى قايتۇرىدۇ. 

ئىشلىتىش مىقدارى: يەتتە گرام.

زىيانلىق تەسىرى: كۆپ يېسە تىلما كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. 

تۈزەتكۈچىسى: سىركە، ئاچچىق ئانار، غەينۇلا.

ئورۇنباسارى: بادام مېغىزى، ياڭاق.

چىقىش ئورنى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلىرىدا تىكىپ ئۆستۈرىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىن ھەم سۈرىيىدىنمۇ چىقىدۇ. 


قوشۇمچە: پىستىنىڭ تاشقى پوستى.

ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: ئىچى سۈرۈش، تولغاق، قۇسۇش، كۆڭۈل ئېلىشىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى: يالغۇز ياكى مۇناسىپ دورىلار بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ، پوستىنى سۇدا قاينىتىپ سۈيىدە ئولتۇرسا مەقئەت چىقىپ قېلىشقا پايدا قىلىدۇ. پىستە دەرىخىنىڭ پوستى ۋە يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ بەدەننى يۇسا نەزلىنى توختىتىدۇ. بەش گرام پوستىنى سوقۇپ ئىچسە ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ. بۇنىڭ شىرنىسى بىلەن باشنى يۇيسا ۋەسۋەسە ۋە مالىخۇلىيا كېسەللىكلىرىگە پايدا قىلىدۇ. 

ئىشلىتىش مىقدارى: يەتتە گرامغىچە.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.