مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2001 رەت   / مەنبە: -شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ئەنبەھ ئەسلىدە ئىسسىق بەلۋاغدىكى رايونلاردىن چىقىدىغان مېۋە بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىمالدىكى رايونلارنىڭ بازارلىرىدىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدىغان بولدى. 

مانگونىڭ سىرتقى شەكلى ئىنتايىن قىزىقارلىق بولىدۇ، بەزىلىرى توخۇ تۇخۇمى شەكلىدە، بۆرەك شەكلىدە، يۈرەك شەكلىدە، يۇمىلاق شەكلىدە كېلىدىغانلىرىمۇ بار. شۆپۈكىنىڭ رەڭگىمۇ كۆپ خىل: سۇس يېشىل، سېرىق، قېنىق قىزىل رەڭدە بولىدۇ. ئېتىنىڭ رەڭگى سېرىق، تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى بار، تەمى بەزىلىرىنىڭ چۈچۈمەل، بەزىلىرىنىڭ تاتلىق بولۇپ، ئوخشاش بولمايدۇ، ىۇش پۇراقلىق، شىرنىسى كۆپ ھەم ئۇرۇقچىسى چوڭ كېلىدۇ.


ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

ئەنبەھ تەركىبىدە ۋىتامىن A، ۋىتامىن C ھەمدە كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق مېنېرال ماددىلار بار. 

مانگونىڭ ئاشقازانغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، قەي قىلىشنى توختىتىش، باش قېيىشنى توختىتىش رولى بار بولۇپ، باش قېيىش كېسىلى، مېنىئېر يىغىندى ئالامىتى، يۇقىرى قان بېسىم تۈپەيلىدىن باش قېيىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىقلارغا نىسبەتەن داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە. قەدىمكى دەۋرلەردە دېڭىز-ئوكيانلاردا سەپەر قىلغۇچىلار يېنىدا بىر قىسىم مانگونى بىللە ئېلىپ يۈرۈپ، كېمىدە باش قېيىشنى تۈگەتكەن. 

ئەنبەھ خولېستېرول، ترىگلتسېرىدنى تۆۋەنلىتىدۇ، دائىم ئەنبەھ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسى بولىدۇ. ئەنبەھ يەنە كۆ”ۈش قۇۋۋىتى ئۈچۈن پايدىلىق، تېرىنى سىلىق قىلىدۇ. 

مانگونىڭ كېسەلنى يوقىتىپ، يۆتەلنى توختىتىش رولى بار بولۇپ، يۆتەل، بەلغەم كۆپ كېلىش، زىققە قاتارلىقلارغا نىسبەتەن قوشۇمچە يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش رولى بار. 

ئەنگو راكقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە. 

ئەنبەھ ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدۇ، مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئۇ قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىدىكى كاتالازانىڭ ئاكتىپلىقىنى ئېنىق ھالدا يۇقىرى كۆتۈرىدۇ ۋە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىدىكى قان قىزىل ئاقسىلنى تۆۋەنلىتىدۇ. 

ئەنبەھ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە ياكى مانگونى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرگەندە، ئاياللارنىڭ ھامىلىدارلىقتىكى قەي قىلىشىغا نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمى بولىدۇ. ئەنبەھ شىرنىسى ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئاشۇرۇپ، گەندىنىڭ بوغماق ئۈچەيدە تۇرۇش ۋاقتىنى قىسقارتىدۇ، شۇڭا ئۇ بوغماق ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق.


ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

تويغىچە تاماق يېگەندىن كېيىن مانگو يېمەسلىك كېرەك. مانگونى سامساق قاتارلىق ئاچچىق يېمەكلىكلەر بىلەن بىللە ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك، بولمىسا سارغىيىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. 

ئەنبەھ تەركىبىدە شېكەر مىقدارى ككپرەك بولغانلىقتىن، دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئەنبەھ يېيىشتىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك. جاھىل تەمرەتكە، تېرە كېسىلى بارلار ياكى ئۆسمە كېسىلى بارلار ئەنبەھ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. 

ئەنبەھ تەركىبىدە مول ئاقسىل بار ئاز ساندىكى مېۋىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ككپرەك يېگەندە ئادەم ئاسانلا تويۇپ قالىدۇ. 

بەدىنى زىيادە سېزىمچان كىشىلەر ئەنبەھ ئىستېمال قىلىشتا ئېھتىيات قىلىشى لازىم. ئەنبەھ يېگەن تەقدىردىمۇ، يەپ بولغاندىن كېيىن دەرھال ئېغىزى ئەتراپىدا قېپقالغان ئەنبەھ شىرنىسى، ئەنبەھ تىرىپى قاتارلىقلارنى پاكىز يۇيۇۋېتىپ، سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش رېئاكسىيىسى يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش لازىم. 

ئەنبەھ يوپۇرمىقى ۋە ئەنبەھ شىرنىسى بەدىنى زىيادە سېزىمچان كىشىلەردە تېرە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ مانگونى ككپ مىقداردا ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم، بولمىسا تېرىسى سارغىيىپ قالىدۇ، ئېغىر بولغاندا بۆرەكنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. ئادەتتىكى كىشىلەر بىر قېتىمدا بىرنەچچە تال ئەنبەھ يېسىمۇ ئۈنى پۈتۈپ قالىدۇ، ئەمما دەرھال سۇس تۇز سۈيىدە ئېغىزنى چايقاپ بەرسە، بۇ ئەھۋال ئوڭشىلىدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.