تاۋۇز خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي رايوندىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقىلىپ كىرگەن بولغاچقا، «西瓜» (غەربىي رايوندىن چىقىدىغان مېۋە دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتالغان. تاۋۇزنىڭ تەمى تاتلىق، شىرنىسى كۆپ، ياز پەسلىدە ئادەمنى سالقىندىتىپ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدىغان ئېسىل مېۋە ھېسابلىنىدۇ.
تاۋۇز تەركىبىدە ياغ ۋە خولېستېرول بولمىغاندىن باشقا، ئادەم بەدىنىگە ئېھتىياجلىق ھەرخىل ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بار بولۇپ، ئوزۇقلۇق تەركىبى ئەڭ مول، ئەڭ ساپ، ئىستېمال قىلىش ئەڭ بىخەتەر بىرخىل يېمەكلىكتۇر.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
تاۋۇز تەركىبىدە ۋىتامىن A، ۋىتامىن C، ۋىتامىن B، ھەمدە كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار.
تاۋۇز بكرەك ياللۇغىنى داۋالايدۇ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ ھەمدە بۆرەكتىكى ياللۇغنى يوقىتىدۇ.
تاۋۇزنىڭ يۈرەك-مېڭە قان تومۇرلىرىنى قوغداش رولى بار، سېرىقلىق چۈشۈشنى داۋالاشتىمۇ بەلگىلىك رولى بار.
تاۋۇز جىنسىي ئىقتىدار توسقۇنلۇققا ئۇچراشنى داۋالاپ، ئەرلىك سالاپىتىنى يېڭىباشتىن نامايەن قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.
تاۋۇز ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، ئىسسىق ئۆتۈشنى داۋالايدۇ، بىئاراملىقنى تۈگىتىپ، ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ. تاۋۇز تەركىبىدە كۆپ مىقداردا سۇ بار بولۇپ، ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش، قىزىش، ئۇسساش، كۆپ تەرلەش، بىئارام بولۇش ئالامەتلىرىنى پەسەيتىدۇ.
يېڭى تاۋۇزنىڭ شىرنىسى ۋە شاپىقى تېرىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرۇپ، قورۇقلارنى ئازايتىپ، تېرىنى پارقىراق قىلىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
تاۋۇز بۆرەك كېسىلى بىمارلىرى، قىزىپ قالغانلار ۋە ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈشكە ھەۋەس قىلىدىغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا بەكمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ. يۈرىكى زەئىپلەشكەنلەر، ئېغىر دەرىجىدە سۇلۇق ئىششىق كېسىلى بارلار تاۋۇزنى كۆپ يېمەسلىكى لازىم.
تاۋۇز تەركىبىدىكى شېكەر مىقدارى يۇقىرى، شۇڭا دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار تاۋۇز يېيىشتە ئىھتىيات قىلىشى لازىم. ئېغىز بوشلۇقى جاراھەتلەنگەنلەر ۋە زۇكامنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تۇرغانلار تاۋۇزنى كۆپ يېمەسلىكى لازىم. يازلىق كۈن توختاشتىن بۇرۇن ۋە باش كۈزدىن كېيىن تېنى ئاجىزلار تاۋۇز ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم.
تاۋۇزنى قىشتا كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق ۋە يېڭىلا توڭلاتقۇدىن ئېلىپ يېمەسلىك لازىم.
تاۋۇز سوغۇق تۇرىدىغان بولغاچقا، زىيادە سوغۇق ئاشقازاننىڭ نورمال لۆمۈلدىشىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئاشقازان ئىقتىدارىنى تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ. شۇڭا، تال-ئاشقازىنىنى سوغۇق قاپلاپ كەتكەنلەر، ھەزىم قىلىشى ناچار ۋە ئاشقازان-ئۈچەي كېسىلى بارلار تاۋۇزنى ئاز يېيىشى ياكى يېمەسلىكى لازىم.
تاۋۇزنىمۇ بىر قېتىمدا بەك كۆپ يېمەسلىك لازىم، بولمىسا كۆپ مىقداردىكى سۇ ئاشقازانغا كىرىپ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇۋېتىپ، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.