نۆۋەتتە ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار جىددىي تەييارلىق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقاچقا ، نۇرغۇن ئاتا–ئانىلار پەرزەنتلىرىنى بېلىق ، گۆش قاتارلىق قۇۋۋەتلىك يېمەكلىكلەر بىلەن بېقىپ ، ئوزۇقلۇقنى كۈچەيتىۋاتىدۇ . ئەمەلىيەتتە بالىلار بەك قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلانسا ، ئەكىسچە روھسىزلىنىپ كېتىدۇ . مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە ، زەمبۇرۇغ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ئىشقارلىق يېمەكلىكلەرگە تەۋە بولۇپ ، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلىتىپ ، قاننىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى ۋە ئوكسېگىن يەتكۈزۈپ بېرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي ، يەنە ئاقسىل بىلەن تەمىنلەپ ، كۈچلۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى رول ئوينايدىكەن . شۇڭا ، زەمبۇرۇغ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.