ماش(绿豆) ئېلىمىزدىكى ئەنئەنىۋى پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكتۇر. ئۇ ناھايىتى ياخشى ئىستېمال قىممىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئىنتايىن ياخشى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە. يازنىڭ تومۇز ئىسسىق كۈنلىرىدە، ماش ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىسسىقنى بېسىش يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى:
ماش تەركىبىدە ۋىتامىنC، ۋىتامىنE ۋە تۆمۈر، كالىتسىي، فوسفور قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار.
ماشنىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى سوغوق بولۇپ، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرۇش رولى بار. ياز كۈنلىرى يۇقىرى تېمپېراتۇرا مۇھىتىدا ئىشلەيدىغانلار كۆپ تەرلەيدۇ، بەدىنىدىكى سۇ كۆپلەپ زىيانغا ئۇچراپ، ئېلىكتىرولىت تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلىدۇ. بۇنداق چاغدا ماش شورپىسى ئىچىش ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك تولۇقلاش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ.
ئەگەر ئورگانىڭ فوسفورلۇق دېھقانچىلىق دورىسىدىن زەھەرلىنىش، قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش، ئىسپېرتتىن زەھەرلىنىش(ھاراق ئىچىپ مەست بولۇش) ياكى دورىنى خاتا يەپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ جىددىي قۇتۇلدۇرۇشتىن بۇرۇن، ئالدىن بىلەن بىر قاچا ماش شورپىسى ئىچكۈزسە بولىدۇ.
ماشنىڭ يەنە ئىسسىقنى تارقىتىپ،ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش، ئىششىقنى ياندۇرۇش، قاندىكى ياغنى تۆۋەنلىتىش، جىگەرنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىپ، ھۆللۈكنى ھەيدەش رولى بار، ئۇ يەنە ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
ماش تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، ئاپتاپ ئۆتۈپ كەتكەن، تومۇز ئىسسىقتا چاڭقاپ كەتكەن، چىيقان چىققان كىشىلەرنىڭ ئىستىماقىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.
ماشنى قاينىتىپ يۇمشاق ئېزىلدۈرۈپ پىشۇرۇپ، گۈرۈچ بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا خۇش پۇراقلىق ۋە يېيىشلىك بولۇپ، ئىستىېمال قىممىتى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. ئېزىلىپ پىشمىغانماشنىڭ پۇرىقى كۈچلۈك بولۇپ، يېگەندىن كېيىن ئاسانلا كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ماشنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، زەھەرلىنىشلىك جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى، تال-ئاشقازىنى زەئىپلەشكەنلەر كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى، تال-ئاشقازاننى سوغۇقلۇق قاپلاپ، ئىچى سۈرۈپ كەتكەنلەر ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم.
دورا ئىچىۋاتقان، بولۇپمۇ قۇۋۋەت دورىلىرىنى ئىچىۋاتقان مەزگىلدە، دورىلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ماش يېمەكلىكلىرىنى ئىستىېمال قىلماسلىق لازىم.
ماش ھەددىدىن زىيادە ئېزىلدۈرۈپ پىشۇرۇلسا ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرۇش ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
زەھەرلىك مۇھىتتا ئىشلەيدىغانلار ياكى زەھەرلىك ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىدىغانلار، ئىسسىق مىجەزلىك كىشىلەر، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار، يۇتقۇنچاق-كېكىردەك ئىششىغانلار، قەۋزىيەت بولىدىغانلار ھەمىشە ماش ئىستېمال قىلىپ بەرسە، زەھەرنى قايتۇرۇپ، ساقلىقنى ساقلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشەلەيدۇ.
ماشنى كارپ بېلىقى بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.