مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى  كۆرۈلىشى: 897 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئەنگلىيەدە ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەرلەر ھەپتىدە ئىككىدىن ئۈچ ئۈلۈشكىچە كۆك پۇرچاق يەپ بەرسە، مەزى بېزى راكىنىڭ كېڭىيىپ كېتىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتەلەيدىكەن. ئەنگلىيە يېمەكلىك تەتقىقات ئورنىدىكى پىروفېسسور رىچاد مىسېن بۇ تەتقىقاتقا رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇ مەزى بېزى راكى خەۋپى مەۋجۇت بولغان ئەرلەرنى بىر يىل نورمال غىزالاندۇرغاندىن سىرت، ھەپتىدە 400 گىرام كۆك پۇرچاق يېگۈزگەن.

    تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دائىم كۆك پۇرچاق يەپ بەرگەن ئەرلەرنىڭ گېن ئىپادىلەش شەكلىدە نۇرغۇن ئۆزگىرىش بولغان، بۇ ئۆزگىرىشلەر مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكەن. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يېمەكلىكتە كىرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆكتات كۆك پۇرچاقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، گېننىڭ ئىپادىلەش شەكلىگە زور تەسىر پەيدا قىلىدىكەن، چۈنكى ئۇلار ھۈجەيرىنىڭ سىگنال يولىنى ئۆزگەرتىپ، راك ھۈجەيرە يادروسىدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدۇرىدىكەن. كىرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆكتاتلاردىن يەنە كوكۇس، كاللەك بەسەي، چېچەكسەي، تۇرۇپ قاتارلىقلار بار ئىكەن.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.