مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1747 رەت   / مەنبە: -شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

قوغۇننىڭ شەكلى ھەرخىل، تەمى ئۆزگىچە، بەزىلەر قايماق تەمىگە ئىگە بولسا، بەزىلىرى لىموننىڭ خۇش پۇرىقىغا ئىگە، لېكىن ھەممىسىنىڭلا تەمى بالدەك، خۇش ھىدى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ، شۇڭا جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردە داڭلىق. 

قوغۇن تاتلىق بولۇپلا قالماي، بەلكى ئوزۇقلۇقى تەركىبىمۇ مول، دورىلىق قىممىتى يۇقىرى.


ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

قوغۇن تەركىبىدە ۋىتامىن C، ۋىتامىن B6، شۇنىڭدەك كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار. 

قوغۇننىڭ تەبىئىتى سوغۇققا مايىل بولۇپ، ئاچلىقنى بېسىش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، قۇۋۋەتنى تولۇقلاش، ئۆپكىنى تازىلاپ، يۆتەلنى توختىتىش رولىغا ئىگە، ئۇ بۆرەك كېسىلى، ئاشقازان كېسىلى، يۆتەل، بەلغەملىك زىققە، قان ئازلىق ۋە قەۋزىيەت بولىدىغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. 

قوغۇننىڭ ئادەمنى سالقىندىتىپ، ئىسسىق ئۆتۈشنى داۋالاش، قىزىپ كەتكەندەك ھېس قىلىپ تىت-تىت بولۇشنى تۈگىتىش، خىلىت پەيدا قىلىپ، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش رولى بار بولۇپ، ياز پەسلىدە ئىسسىقنى ياندۇرىدىغان ئېسىل يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. قوغۇن ئىستېمال قىلغاندا ئادەم بەدىنىنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارىغا نىسبەتەن كۆرۈنەرلىك ئىلگىرى سۈرۈش رولى بولىدۇ، شۇڭا قوغۇندىن قان ئازلىقنى يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاشتا پايدىلىنىشقا بولىدۇ.


ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

قوغۇننى يۆتكەشتە ئاستا ئېلىپ، پەم بىلەن قويۇش، قوغۇننىڭ شاپىقىنى زەخىملەندۈرۈپ قويماسلىق كېرەك. زەخىملەنگەندىن كېيىن قوغۇن ناھايىتى ئاسانلا سېسىپ كېتىدۇ، ساقلاشقا بولمايدۇ. 

قوغۇننىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولغانلىقتىن، ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇنى زىيادە كۆپ يېمەسلىك لازىم. بېرىبېرى كېسىلى، سېرىقلىق چۈشۈش، قورساق ئېسىلىش، چوڭ تەرىتى سۇيۇق كېلىش، سوغۇقتىن يۆتىلىش ئالامىتى بارلار شۇنىڭدەك تۇغۇتتىن كېيىنكى ئاياللار، كېسەلدىن ئەمدىلا ساقايغانلار قوغۇن ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم. 

قوغۇن تەركىبىدە شېكەر مىقدارى بىرقەدەر كۆپ، شۇڭا دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار قوغۇن يېيىشتە ئېھتىيات قىلىشى لازىم. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.