مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى  كۆرۈلىشى: 860 رەت   / مەنبە: -شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

 يازنىڭ تومۇز ئىسسىقى باشلىنىشى بىلەن نۇرغۇن كىشىنىڭ تال ، ئاشقازان ئىقتىدارى تەدرىجى ئاجىزلايدۇ ؛ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ ، ھەزىم قىلىشى ناچارلىشىپ ، ھە دېسىلا ئىچى سۈرىدۇ ، روھىي چۈشكۈن بولۇپ قالىدۇ . جۇڭگو تېبابىتىدە : يازدا تال ۋە ئاشقازاننى ئاسرىغاندا ، يازنى ياخشى ئۆتكۈزگىلى بولۇپلا قالماي ، يەنە سوغۇقتىن بولىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . يەنى بوغۇم كېسىلى ، بۆرەك زەئىپلىشىش ، بەدەن ئاجىزلىق ، قان ئازلىق قاتارلىق ياشانغانلار كېسىلىنى داۋالاشتىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ . دەپ قارىلىدۇ . 

 

   جۇڭگو تېبابىتىدە : بەرەڭگە ئاشقازاننى ياخشىلاپ ، تالنى ساغلاملاشتۇرىدۇ ، ئاشقازان يارىسى ئادەت خاراكتېرلىك  قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ ھەم زەھەرنى ھەيدەيدۇ ، ياللۇغ قايتۇرىدۇ . بەرەڭگىگە ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا تال بىلەن ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ ، ئاشقازاننىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ . 


   بەرەڭگە ئومىچى تەييارلاشنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق : يېڭى بەرەڭگىدىن 250 گىرام (پوستىنى ئېلىۋەتمەي) نى ئۇششاق توغراپ ، سۇدا ئۇماچ ھالەتكە كەلگۈچە قاينىتىپ ئازراق ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ ، كۈندە ئەتىگەندە ئاچ قورساققا ئىككى ھەپتە ئىچسە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ .


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.