لىمون تەمى ئىنتايىن چۈچۈمەل بولغانلىقتىن، جىگىرى زەئىپلەشكەن ھامىلىدار ئاياللار ئەڭ ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ، شۇڭا ئۇ «ئانىلارغا پايدىلىق مېۋە» دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ مېۋىسىنىڭ شىرنىسى كۆپ، ئېتى چۈرۈك، كۈچلۈك خۇش پۇرىقى بار. ئۇنىڭ تەمى ئىنتايىن ئاچچىق بولغانلىقتىن، پەقەتلا ئالىي دەرىجىلىك تەم تەڭشەش خۇرۇچى قىلىنىپ، ئىچىملىك ۋە قورۇمىلارنى تەييارلاشقا ئىشلىتىلىدۇ، بەزىدە پەرداز بۇيۇملىرى ۋە دورىلارغىمۇ ئىشىلتىلىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
لىمون تەركىبىدە ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B2، ۋىتامىن B6، ۋىتامىن C، ۋىتامىن P، نىكوتىن كىسلاتاسى، شۇنىڭدەك كالتسىي، تۆمۈر، كالىي، ناترىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار. لىمون شىرنىسى بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنى توسىدۇ، ھەتتا شەكىللەنگەن تاشنى ئېرىتىۋېتەلەيدۇ.
لىمون يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ، كالتسىي ئىئونىنىڭ قاننى ئۇيۇتۇش رولىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، يۇقىرى قان بېسىم ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ.
لىموننىڭ قىل قان تومۇرلارنى قورۇش، چىڭىتىش، ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى تۆۋەنلىتىش، قاننىڭ ئۇيۇش ئىقتىدارىنى ۋە قان پلاستىنكىلىرىنىڭ سانىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش رولى بار، قاننىڭ ئۇيۇش ۋاقتى ۋە قان چىقىش ۋاقتىنى قىسقارتىدىغانلىقتىن، قان توختىتىش رولىغا ئىگە.
لىمون ئارتېرىيىنىڭ قېتىشىشى ۋە قان نۆكچىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى توسىدۇ، نىترىتلارنىڭ شەكىللىنىشىنى تورمۇزلايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش رولى بار.
لىمون شىرنىسىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولى بار بولۇپ، يېمەكلىكلەرنىڭ تازىلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق. تەجرىبىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كىسلاتالىق دەرىجىسى ئىنتايىن كۈچلۈك لىمون شىرنىسى 15 مىنۇت ئىچىدە دېڭىزدا ياشايدىغان قۇلۇقىنىڭ قېپى ئىچىدىكى بارلىق باكتېرىيىلەرنى ئكلتۈرۈپ تاشلايدىكەن.
لىمون ئاشقازاندىكى ئاقسىل پارچىلىغۇچى فېرمېنتنىڭ ئاجراتما ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئاشقازان- ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئاشۇرىدۇ.
لىمون تېرىگە پىگمېنت ئولتۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى يوقىتىپ، تېرىنى ئاقارتىدۇ، لىمون يەنە بويىدىن ئاجراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇسۇشنى توختىتىش رولىغا ئىگە.
لىمون شىرنىسى بەدەندىكى ياغنى پارچىلاپ ۋە ئازايتىپ، ئادەمنى ئورۇقلىتىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
لىموننىڭ خۇش پۇرىقى كۈچلۈك بولۇپ، گۆش، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ پۇرىقىنى يوقىتالايدۇ ھەمدە گۆشنى تېخىمۇ يۇمشاق قىلىدۇ. شۇڭا ئۇ ھەمىشە مۇشۇ ماتېرىياللاردىن تەييارلىنىدىغان قورۇمىلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
لىمون سۇزاپ ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك، تەمى ئىنتايىن ئاچچىق بولغانلىقتىن، ئادەتتە ئىچىملىك ياكى مۇراببا تەييارلاپ ئىستېمال قىلىنىدۇ، ھۆل پېتى ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.
لىموننىڭ تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش رولى بولسىمۇ، ئەمما ئاشقازان يارىسى بارلار ۋە ئاشقازان كىسلاتاسى كۆپىيىپ كەتكەنلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.
چىشنى قۇرت يېگەنلەر ۋە دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار لىمون ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم.
لىمون زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىنسا، چىش ۋە ئاشقازان ئۈچەينى زەخىملەندۈرىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.