مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1038 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ياخشىمۇسىلەر:

    بىردانىشمەن : بىلمىگەننى سورا بىلگەنلەر دەپ بەرسۇن، بىلگەننى قالدۇرۇپ قوي بىلمىگەنلەر بىلىۋالسۇن دەپتىكەن.  ھەممەيلەنگە مەلۇمكى ئۇزۇقلۇق ئىنسانلار شۇنداقلا جانلىقلار ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئېنىرگىيە ۋە ھاياتلىقنىڭ مەنبەسىدۇر. بىراق شۇنداق بولغان تەغدىردىمۇ ئىلمى ئۇزۇقلانمىغاندا  بەدەن تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، ئىچكى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلاپ ، ئوخشاشلا كېسەل پەيدا بۇلىدۇ ۋە كىسەل ئېغىرلىشىدۇ .مانا بۇنى تىبابەتتە قان بۇزۇلۇش دەپ ئاتايدۇ. ئۇنداقتا قان دىگەن نېمە؟ قان دېگەن %70تى سۇ، %30تى مىنىرال ماددىلار، مىكىرو ئېلىمىنىتلار ۋە ۋېتامىنلاردۇر. دېمەك ئىلمى ئۇزۇقلىنىش ئارقىلىق قاننىڭ مۇشۇ ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ كەلگەندىلا ئادەم كېسەل بولمايدۇ دىيىشكە بۇلىدۇ. ئەلۋەتتە پىسخىك  ئامىلمۇ بۇ جۈملىگە كىرىدۇ، بۇ%70 نى ئىگىلەيدۇ.شۇڭا بۇ ھالەتنى نورمال  ساقلاش ئۈچۈن ئىلمى ئۇزۇقلىنىشقا توغرا كىلىدۇ. خوش ئۇنداقتا ئىلمى ئۇزۇقلىنىش دېگەن نىمە؟ ئىلمى ئۇزۇقلىنىش بولسا قان تىپىگە، ئادەمنىڭ مىجەزىگە ماس كەلگەن  تەبىئى ئۇزۇقلۇقلار شۇنداقلا بۇ ئۇزۇقلىقلارنىڭ رەڭگىگە ۋە تەبىئىتىگە قاراپ ئىلمى ئۇسۇلدا ماسلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىش ئىلمى ئۇزۇقلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ.

ئەلۋەتتە سۇمۇ بۇ جۈملىگە كىرىدۇ. شۇنى ئەسكەرتىپ قۇيۇش كېرەككى بۇيەردىكى ئۇزۇقلۇق - مالىكۇلا قۇرۇلمىسى بۇزۇلمىغان تەبىئى ئۇزۇقلۇقلارنى كۆرسىتىدۇ.تارىخى ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا  قەدىمقى زامانلاردا ئىنسانلار تەبىئى ئۇزۇقلۇقلارنى ئىستىمال قىلىپ كەلگەچكە 200 يىل -300يىلغىچە ئۆمۈر كۆرگەن. شۇڭا، كونىلار: گۆش يىسەڭ كۆكتات بىلەن، مېۋە يېسەڭ ھەسەل بىلەن يە دېگەن. دېمەك ئىلمى ئۇزۇقلانغاندا كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كېسەلنى ساقايتىپلا قالماي يەنە ئۇنى يىلتىزىدىن قۇرۇتقىلى بۇلىدۇ. مەن جۇڭگو ۋە غەرىپ تىبابىتىنى ئۇقۇپ 25يىل جوڭگو تىبابىتى تەبىئى داۋالاش بىلەن شۇغۇللىنىپ ،بۇجەھەتتە مول كىلىنكىلىك تەجىربىلەرنى توپلىدىم ۋە بۇ نۇقتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. شۇڭا، نۇرغۇن كىشىلەردە تىببى ساۋات بولمىغانلىقتىن كېسىلى كۈنسايىن ئېغىرلىشىپ كېسەل ئازابىدىن قۇتۇلالماي كېلىۋاتىدۇ، شۇنىڭدەك نۇرغۇن ساغلاملىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان  شىركەتلەرمۇ  كونا بىمارلارنى يوقىتىپ قۇيىۋاتىدۇ ۋە ئۇزاققىچە مۇقىم  تەرەققى قىلالمايۋاتىدۇ. ئۇنداقتا بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

 قەدىمقى تىبابەت كىتاپلىرىدا: ئىنسان ۋە جانلىقلاردا ئۆزلىگىدىن ساقىيىش ئىقتىدارى بۇلىدۇ دەپ يېزىلغان، مەسىلەن: ئۇچار قۇشلار يىمەكلىكلەردىن زەھەرلەنگەندە، دېڭىز سۈيىنى ئىچىپ ساقىيىدۇ، ئىنسانلارچۇ؟ ئۇلار كاۋا تۈرلىرى، يىشىل پۇرچاق ۋە قارمۇرلارنى ئىستىمال قىلىپ  ساقىيىدۇ. شۇڭا بىز ئىلمى ئۇزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن  بىرگە يەنە تەبىئى داۋالاشقىمۇ ئەخمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى  ئادەم بەدىنىدىكى ئۆزلىكىدىن ساقىيىش ئىقتىدار {ئىچكى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى} نى قوزغىغاندا ئۇزۇقلۇق بەدەنگە ياخشى قۇبۇل بۇلىدۇ ۋە ساقىيىشى تېزلىشىدۇ، ئەلۋەتتە.

          

                                            ھۆرمەت بىلەن

                                 

                                دولقۇن ئەپەندى: جۇڭگو تىبابىتى تەبىئى داۋالاش دوختۇرى  

                                            ئالى دەرىجىلىك سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دوختۇرى

                                            ئالى دەرىجىلىك فىزىكىلېق داۋالاش دوختۇرى

                                            ئالى دەرىجىلىك ئۇزۇقشۇناس

                                           ئالى دەرىجىلىك تەرجىمان


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.