مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1019 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

* پىياز سۈيىنى ھەسەل ، تۇز ۋە مىلتىق دورىسى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سۆگەل ۋە قارا داغ بار جايغا سۈركىسە ، مەنپەئەت قىلىدۇ . 

   * پىياز ئادەم چېچى بىلەن بىللە سوقۇلۇپ ، غالجىر ئىت چىشلىگەن جايغا ؛ تۇز ، ھەسەل بىلەن خېمىر قىلىنىپ چايان ، ھەرە چاققان جايغا ؛ سوغۇقتىن بولغان ئىششىققا سۈركەلسە ، تېز مەنپەئەت قىلىدۇ . 

   * پىيازنى تۇخۇم سېرىقى ياكى يېڭى ياغ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەقئەتكە سۈركىسە ئىششىغانغا ئوبدان مەنپەئەتقىلىدۇ . 

   * پىياز تۆگە لوكىسىنىڭ يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ تارتىشىپ قالغان پەي بار جايغا سۈركىسە پايدا قىلىدۇ . 

    * پىياز ئۇرۇقى يېغى مىكروب ئولتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە . يىرىڭلىق يارىلارغا سۈركەلسە ، دەرھال يىرىڭنى توختىتىدۇ ، ئەت ئۆسۈشنى تېزلىتىدۇ . 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.