ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر 1500 ئايالنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىپ تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دېيىشتى: كۈندە بىر تال ئالما يەپ بەرسە، ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنى %35 ئۇزارتقىلى بولىدىكەن، ئالما پوستىدا فىلاۋون ئىنتايىن مول، بۇ خىل ماددا ئادەمنىڭ ئۆمرىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ خىل ماددا ئالمىدىن باشقا يەنە شىرنىلىك مېۋە، سەۋزە قاتارلىقلاردىمۇ بار.
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: بىز تەتقىقات داۋامىدا ئالمىنىڭ ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا ھەقىقەتەن تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايقىدۇق، ئالمىنى قانچە كۆپ يېسە ياشانغان ئاياللارنىڭ راك قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى شۇنچە تۆۋەنلەيدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا، پاركىنسون كېسىلى بولغانلار كۈندە بىر تال ئالما يەپ بەرسە كېسەللىك ئازابىنى ئوبدانلا يېنىكلىتەلەيدىكەن.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.