مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى05-ئاينىڭ19-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1193 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

پارسچە نامى: غەينۇلا

تونۇش: بۇ يوپۇرمىقى يۇمىلاققا مايىل، چېچىكى ئاق، مېۋىسى كۆك، پىشقاندا قارىيىدىغان، ئاچچىق-چۈچۈك تەمگە ئىگە، ئىچىدە ئۇرۇقى بار بىر خىل مېۋىدىن ئىبارەت. 

تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق.

شىپالىق رولى: سەپرانىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى ۋە ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. 

ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: ھەرخىل قىزىتما، سەپرادىن بولغان تەپ، ھەزىم ئاجىزلىقى، قەۋزىيەت قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ئۇرۇقىنى سوقۇپ قاينىتىپ، تەرەنجىبىن ياكى ھەسەل، قەنت قوشۇپ ئىچىلسە چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، چېچىكىنى چاينىسا مېڭىدىن كەلگەن زەھەرلىك سۇلارنى توختىتىدۇ، چېچىكىنى خېمىر قىلىپ باشقا چاپسا ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىنى توختىتىدۇ، يوپۇرمىقىنى يىلتىزى بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ ئېغىزنى چايقىسا مېڭىدىن كەلگەن زەھەرلىك سۇلارنى توختىتىدۇ ھەم كىچىك تىلنىڭ ئىششىقلىرىنى ياندۇرىدۇ، چىش مىلىكىنى چىڭىتىدۇ. قايناتقان سۈيىنى ئىچسە ئۈچەيدىكى قۇرتلارنى چۈشۈرىدۇ، ئەينۇلىنىڭ يېلىمى بولسا يۆتەلگە پايدا قىلىدۇ. بۆرەكتىكى تاشنى چۈشۈرىدۇ، بۇ يېلىمىنى كۆزگە تارتسا كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ ھەم بۇ يېلىم تەمرەتكىگە ۋە كىچىك بالىلارنىڭ قىزىتمىسىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن سىرتتتىن چېپىلىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: ئەھۋالغا قاراپ بېرىلىدۇ، كىچىك بالىلارغا مىقدارى كېمەيتىپ بېرىلىدۇ.

زىيانلىق تەسىرى: مېڭە كېسەللىرىگە، ئاشقازان كېسىلى بارلارغا ۋە سوغۇق مىزاج كىشىلەرگە بېرىلمەيدۇ.

تۈزەتكۈچىسى: مېڭە كېسەللىرى ئۈچۈن چىلان، ئاشقازان كېسەللىرى ئۈچۈن گۈلقەنت، سوغۇق مىزاج كىشىلەر ئۈچۈن ھەسەل.

ئورۇنباسارى: باراۋەر مىقداردا تەمرى ھىندى.

چىقىش ئورنى: رايونىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدىن چىقىدۇ.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.