مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1366 رەت   / مەنبە: -شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

كۇلى بېھىسى (木瓜) نىڭ شۆپىكى سىلىق ھەم چىرايلىق، مېۋە ئېتى چىڭ ھەم يۇمشاق، ىۇش پۇرىقى كۈچلۈك، شىرنىسى كۆپ، تەمى تاتلىق، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ، كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ.


ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

كۇلى بېھىسى تەركىبىدە ۋىتامىن C ۋە كالتسىي، تۆمۈر قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە، ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى ئالمىنىڭكىنىڭ 48 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ، ئوتتۇراھال چوڭلۇقتىكى يېرىم تال كۇلى بېھىسى چوڭ ئادەمنى بىر-كۈنلۈك ئېھتىياجلىق ۋىتامىن C بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ. 

كۇلى بېھىسىنىڭ تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش رولى بار، يەنە جىگەرنى ئاسراپ، فېرمېنتلارنى ئازايتىش، ياللۇغلىنىشقا قارشى تۇرۇپ، باكتېرىيىنى تىزگىنلەش، قاندىكى ياغنى تۆۋەنلىتىش رولىغا ئىگە. 

كۇلى بېھىسىنىڭ ئۆسمىگە قارشى تۇرۇشتىكى رولى ئۆزگىچە بولۇپ، ئادەم بەدىنىدە راك پەيدا قىلغۇچى ماددا-نىتروزامىننىڭ بىرىكتۈرۈلۈشىنى توسىدۇ. 

پاپائىن (كۇلى بېھىسى فېرمېنتى) سۈت بېزىنىڭ يېتىلىشىگە ئىنتايىن پايدىلىق بولۇپ، سۈت كەلتۈرۈش ئۈنۈمىگە ئىگە، سۈتى كەمچىل ئاياللار ئىستېمال قىلسا سۈتىنى كۆپەيتىدۇ. 

كۇلى بېھىسىنىڭ ئەمچەكنى چوڭايتىش رولى بار، قەدىمدىن بۇيان، كۇلى بېھىسى كۆكسىنى چوڭايتىشتىكى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئېسىل مېۋە دەپ قارىلىپ كەلگەن، ئۇ قىزلارنىڭ كۆكسىنىڭ تولغان بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. 

كۇلى بېھىسىنىڭ يەنە ئۆپكىنى سىلىقلاشتۇرۇش ئىقتىدارى بار.


ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

كۇلى بېھىسى ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەنلەر، ھەزىم قىلىشى ناچارلاشقانلار، سەمرىپ كەتكەنلەر ۋە تۇغۇتتىن كېيىن سۈتى كەمچىل بولغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. 

كۇلى بېھىسىنى ئۇششاق پارچىلاپ ھۆل پېتى ئىستېمال قىلىشقىمۇ، ناۋات سۈيىگە سېلىپ شەربەت تەييارلاپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ. جەنۇبتىكى رايونلاردىن چىقىدىغان كۇلى بېھىسىنى ھۆل پېتى ئىستېمال قىلىشقا، كۆكتات ئورنىدا گۆش بىلەن بىللە پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ. جەنۇبتىكى رايونلاردىن چىقىدىغان كۇلى بېھىسى ھۆل پېتى ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، ئۇ كۆپىنچە كېسەل داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ. 

كۇلى بېھىسى تەركىبىدىكى كۇلى بېھىسى ئىشقارى ئادەم بەدىنىگە قارىتا ئازراق زەھەرلىك، شۇڭا كۇلى بېھىسىنى ھەر قېتىمدا كۆپ يېمەسلىك لازىم، كۆپ يېگەندە پەي-مۇسكۇللارنى، بەل ۋە تىزنىڭ كۈچىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، بەدىنى زىيادە سېزىمچان كىشىلەر كۇلى بېھىسىنى ئېھتىيات بىلەن ئىستېمال قىلىشى لازىم. 

تېنى ئاجىز ۋە تال-ئاشقازىنىنى سوغۇق قاپلاپ كەتكەنلەر توڭلىتىلغان كۇلى بېھىسىنى يېسە بولمايدۇ، چۈنكى بۇ مەزگىلدە كۇلى بېھىسىنى ئىستېمال قىلسا بالىياتقۇ قۇرۇلۇش، قورساق ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.