ئەبۇ تالۇت مۇنداق دېگەن: ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كىرسەم ئۇ قاپاق يەۋاتقان ئىكەن، ئۇ مۇنداق دېدى، ۋاي ماڭا ئەڭ سۆيۈملۈك قاپاق! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سېنى ياخشى كۆرگەچكە مەنمۇ سېنى ياخشى كۆرىمەن.
(غەيلانىيات) تا ئانىمىز ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا مۇنداق دېگەن: «ئى ئائىشە! قازان قايناتساڭلار قاپاقنى كۆپرەك قىلىڭلار، ئۇ قەلبدىكى غەمنى يوقىتىدۇ».
قاپاق ھۆل سوغۇق، ئاددى ئوزۇقلۇق بولىدۇ، ئۇنىڭ سىڭىشى تېز، ھەزىمدىن ئىلگىرى بۇزۇلمىسىلا ئۇنىڭدىن ياخشى قان پەيدا بولىدۇ، ئۇنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بىرى ئۇ ئارىلاشتۇرۇلغان نەرسىنىڭ ئوخشىشىدا خىلىت ئىشلەپ چىقىرىدۇ، يەنى ئەگەر سىيادان بىلەن ئىستېمال قىلىنسا قىرتاق خىلىت پەيدا بولىدۇ، تۇز بىلەن، تۇزلۇق قەۋزىيەتلىك نەرسە بىلەن قەۋزىيەتلىك خىلىت پەيدا قىلىدۇ، بېھى بىلەن پىشۇرۇلسا بەدەنگە ياخشى ئوزۇقلۇق بولىدۇ.
ئۇ سۇلۇق، يىنىك بولۇپ ھۆل بەلغەمگە ياخشى ئوزۇقلۇق بولىدۇ. ئىسسىق مىزاجلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ، سوغۇق مىزاجلارغا، بەلغىمى غالىپ كەلگەنلەرگە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ سۈيى ئوسسۇزلۇقنى باسىدۇ، ئۇنىڭ سۈيىنى ئىچسە ياكى ئۇ سۇ بىلەن باشنى يۇسا ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىنى يوقىتىدۇ. قاپاق قانداقلا ئىستېمال قىلىنسا قورساقنى يۇمشىتىدۇ. ئىسسىق ئۆتۈپ كەتكەنلەرگە ئۇنىڭدەك تېز مەنپەئەت قىلىدىغان دورا يوق.
مەنپەئەتلىرى: قاپاقنى خېمىرغا ئارىلاشتۇرۇپ ئوچاق ياكى تونۇردا پىشۇرۇپ، سۈيىنى چىقىرىپ يەڭگىل ئوسسۇزلۇقلار بىلەن ئىچسە ياللۇغلانغان قىزىتمىنىڭ ھارارىتىنى پەسلىتىدۇ. ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ، ياخشى ئوزۇقلۇق بولىدۇ، تەرەنجىبىن ياكى بېھى مۇرابباسى بىلەن ئىچسە خاس سەپرانى راۋانلاشتۇرىدۇ.
قاپاقنى سۇدا پىشۇرۇپ، سۈيىنى ھەسەل ۋە ئازراق نەترۇن بىلەن قوشۇپ ئىچسە بولغەم ۋە ئۇنىڭ تەسىرىنى يوقىتىدۇ. قاپاقنى سوقۇپ، خېمىر قىلىپ باشنىڭ چوققىسىغا سۈرسە مېڭىدىكى ئىسسىقتىن بولغان ئىششىقنى ياندۇرىدۇ.
قاپاقنىڭ پوستىنى سىقىپ، ئۇنىڭ سۈيىنى قىزىلگۈل سۈيىگە ئارىلاشتۇرۇپ كۆزگە تېمىتسا كۆزىدىكى ئىسسىقتىن بولغان ئىششىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. قاپاق پوستى ئىسسىقتىن بولغان كۆز ئىششىقى ۋە ئۇششاق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قاپاق-ئىسسىق مىزاج ۋە قىزىيدىغانلارغا ناھايىتى مەنپەئەتلىك، قاچانكى ئاشقازاندا ناچار خىلىتلار بىلەن ئۇچراشسا تەبىئىتى بۇزۇلۇپ ئۆزگىرىدۇ، بەدەندە ناچار خىلىت پەيدا قىلىدۇ، ئۇنىڭ چارىسى: ئاچچىقسۇ ۋە ئاچچىق نەرسىلەردۇر.
خۇلاسىلىغاندا: قاپاق ئەڭ يەڭگىل، تەسىرى تېز ئوزۇقلۇقتۇر، ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاپاقنى كۆپ يەر ئىكەن.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.