مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى05-ئاينىڭ25-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1219 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ئەرەبچە نامى: بەلىلەج 

ئوردۇچە نامى: بەھىرە

خەنزۇچە نامى: 毛柯子

تونۇش: بۇ چاھار بۇرجەك ئائىلىسىدىكى غازاڭ تاشلايدىغان ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈك چوڭ دەرەخ بەلىلىنىڭ قۇرۇتۇلغان مېۋىسى بولۇپ بەلىلە نامىدە دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. 

تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق

شىپالىق رولى: ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، ئاشقازان، مېڭە ۋە كۆزنى قۇۋۋەتلەش، غەيرىي تەبىئىي سەپرا ۋە سەۋدا خىلىتلىرىنى سۈرۈپ چىقىرىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. 

ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: ئاشقازان ۋە ئۈچەي مەنبەلىك ئىچى سۈرۈش، مېڭە، ئاشقازان-ئۈچەي ئاجىزلىقى، كۆز ياشاڭغۇراش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى: بەلىلىنى ئېغىزغا سېلىپ شۈمۈپ سۈيىنى يۇتسا، زىققە ۋە يۆتەلگە پايدا قىلىدۇ، چالا پىشۇرۇپ ھەر ئاخشىمى ئىككى گرامدىن يېسە ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ئاجىزلىقىدىن بولغان ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ، سۇفۇپ تەييارلاپ كۆزگە تارتىلسا ياكى ئۇنىڭ سۈيى بىلەن كۆزنى يۇيۇپ بەرسە كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ، كۆپىنچە ئىتتىرفىل تەييارلاپ ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش تەسىرى: تەستە ھەزىم بولىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى: ھەسەل، شېكەر.

ئورۇنباسارى: ئامىلە مۇقەششەر، گۈل-چېچەكلەر.

چىقىش ئورنى: ئېلىمىزنىڭ شەرقىي جەنۇب ئۆلكىلىرىدىن ھەم ۋېيتنام، تايلاند، ھىندىستان، بىرما، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن چىقىدۇ.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.