ئەرەپچە نامى: ئۇرۇقۇل كافۇر، ئۇرۇقۇتتەيىب.
ئوردۇچە نامى: نەركەپۇر، كەپۇر كەچرى.
خەنزۇچە نامى: 莪术
تونۇش: بۇ زەنجىۋىل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق كونا يىلتىزلىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بوزۇغانىڭ يىلتىزسىمان غولى بولۇپ، <ئايلىنىش>.<بوزۇغا>، <زۇرەنبات>، <نەركەچۇر> قاتارلىق ناملاردا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
شىپالىق رولى: توسالغۇلارنى ئېچىش، مېڭە، يۈرەك، ئاشقازان ۋە باھنى قۇۋۋەتلەش، قۇسۇشنى توختىتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋان قىلىش، چىش تۈۋىنى چىڭىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: سوغۇق يەلدىن ۋە بەلغەمدىن بولغان يۆتەل، بالىياتقۇنىڭ يەللىك ئاغرىقى، بالىلاردىكى تولغاق، چىش ئاغرىقى، زىققە، چىش تۈۋى بوشاپ قېلىش، سوغۇقتىن بولغان ھەرخىل ئىششىقلار، بوغۇم ئاغرىقلىرى قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: بوزۇغا سۇفۇپىنى كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئىككى گرام مىقداردا ئىچسە يۇقىرىقى كېسەللىكلەرگە پايدا قىلىدۇ، بوزۇغا ئادەتتە كۆپرەك سىرت تەرەپتىن ئىشلىتىلىدۇ ھەم مۇرەككەپ نۇسخىلارغا كىرگۈزۈلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 1-3 گرام.
چىقىش ئورنى: ئېلىمىزنىڭ گۇۋاڭدۇڭ، گۇۋاڭشى قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىن ھەم بىنگال، ئىراق قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.