تەركىبى: سېرىق ھېلىلە پوستى 500 گرام، شېكەر 1500 گرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: ھېلىلىنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا 24 سائەت چىلاپ قوۇپ قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سىقىپ سۈزۈۋېتىپ، قالغان سۈيىگە شېكەرنى قويۇپ قىيام قىلىپ، سىقىپ ئېلىۋېتىلگەن ھېلىلىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى: چاچنى قارايتىش، چاچ ئۈندۈرۈش، كۆز، قلاق ئاغرىقى ۋە ھەرخىل سەپرادىن بولغان كېسەللىكلەرنى داۋالاش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈندە ئىككى قېتىم 10-20 گرامغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.