تەركىبى: جۇۋىنە 30 گرام، توم زەنجىۋىل 30 گرام، زەپەر 4 گرام، بىستىپايەج 4 گرام، كەرەپشە يىلتىزى 15 گرام، مەستىكى رۇمى 8 گرام، ئۇد ھىندى 6 گرام، ئاقىرقەرھا 6 گرام، ھەسەل 400 گرام.
تەييارلىنىشى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەلنى سۇس ئوت بىلەن بىر ئۆرلىتىپ كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ، ھەسەل سوۋۇغاندىن كېيىن ئاۋۋال زەپەرنى، ئاندىن كېيىن سوقۇلغان دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى: ئاشقازان، يۈرەك، مېڭە، جىگەر، باھنى قۇۋۋەتلەش، نېرۋىنى كۈچلەندۈرۈش، ھەزىمنى ياخشىلاش، ئاشقان ياللۇغى، ئۈچەي ياللۇغى، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، سەپرانىڭ باشقا ئۆرلىشىنى توسۇش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: ھەزىم سىستېمىسى ئەزالىرىنىڭ زەئىپلىكىدىن بولغان ھەزىم ناچارلىق، مەيدە، قورساق كۆپۈش، بۆرەك، باھ ئاجىزلىق، قۇلۇنجى، مۇپاسىل ئاغرىقلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: چوڭلار بىر كۈندە ئىككى قېتىم ئون گرامدىن، كىچىكلەرگە مۇۋاپىق ئازايتىپ بېرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.