مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى05-ئاينىڭ31-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1767 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ئەرەپچە نامى: دەمى ئىل

خەنزۇچە نامى: 鹿血

تونۇش: بۇ چىپار بۇغا ۋە قارا تايغان بۇغا قاتارلىقلارنى تۇز سۈيى سېلىنغان قاچىغا بوزۇزلاپ، قېنىنى تۇز سۈيى بىلەن بىرگە سايىدا قويۇپ قۇرۇتۇپ تەييارلانغان قان بولۇپ، تېبابەتتە <بوغا قېنى> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.

شىپالىق رولى: ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، قان تولۇقلاش، مەنىي كۆپەيتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. 

ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: كەم قانلىق، نېرۋا ئاجىزلىق، مەنىي تۇتالماسلىق، ياشانغان كىشىلەردىكى يۈرەك قوزغىلىش، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى: كۇمىلاچ تەييارلاپ بېرىلىدۇ، بۇرۇندىن قان كەتكەندە قۇرۇتۇلغان بۇغا قېنىنى ئوتقا سەل قاخلاپ ھاراققا چىلاپ ھورغا ئايلاندۇرۇپ، ئىككى-ئۈچ قېتىم بۇرۇنغا پۇرىتىلىدۇ ھەمدە ھاراق بىلەن قوشۇپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ. 

ئىشلىتىش مىقدارى:  3-4 گرام.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.