مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى06-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1919 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ئەرەپچە نامى: تەرەنجىبىن

خەنزۇچە نامى: 刺糖

تونۇش: بۇ پۇرساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق يېرىم چاتقال سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك يانتاقنىڭ يوپۇرمىقىدىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان سۇيۇقلۇقنىڭ قېتىپ قېلىشىدىن ھاسىل بولىدىغان شېكەر دانچىلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، تەرەنجىبىن نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق

شىپالىق رولى: تەرەتنى يۇمشىتىش، نورمالسىز سەپرا خىلىتىنى سۈرۈپ چىقىرىش، بەلغەم بوشىتىش، مەنىينى قويۇلدۇرۇش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، بەدەننى سەمرىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. 

ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: يۆتەل، قەۋزىيەت، مەنىي يۈرۈپ كېتىش، بەدەن ئاجىزلىقى، باھ ئاجىزلىقى، قان سىيىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. 

ئىشلىتىش ئۇسۇلى: تەرەنجىبىن تاتلىق بولغانلىقتىن كىچىك بالىلارغا ۋە مىجەزى نازۇك كىشىلەرگە ئىشلىتىلىدىغان ياخشى دورا ھېسابلىنىدۇ. سەپرانى سۈرۈپ چىقىرىدۇ، يۆتەلگە پايدا قىلىدۇ، باشقا سۈرگۈ دورىلىرى بىلەن قوشۇپ ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە بېرىلسە قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ، ئۇندىن باشقا تەرەنجىبىن باھ ئاجىزلىقى ۋە بەدەننى سەمرىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: 24-50 گرام

زىيانلىق تەسىرى: ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە زىيانلىق

تۈزەتكۈچىسى: تەمرى ھىندى، ئەينۇلا، چىلان.

ئورۇنباسارى: شىرخىست، قىزىل شېكەر، يېرىم مىقداردا ئىمىلتاس.

چىقىش ئورنى: شىنجاڭ، چىڭخەي، ئىچكى مۇڭغۇلدىن ھەم پاكىستاندىن، روسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.