بۇ كۆكنار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك كۆكنارنىڭ خام ۋاقتىدىكى غوزىسىنى تىلىپ قويسا، ئېقىپ چىقىپ قاتقان خوما رەڭلىك، ئاچچىق تەملىك سۈتىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى يەنى غوزىسىنى < پوستى خەشخاش>، ئۇرۇقى <تۇخۇمى خەشخاش> يېلىمى < ئەپيۇن > نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: تۆتىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.
شىپالىق رولى: نېرۋىنى تىنىچلاندرۇش، مەنىي تۇتۇش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، سۈيدۈك ۋە قان توختىتىش، تارقىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، ئىچكى تەرەپتىن چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يەنى خىلىتلارنىڭ بۇزۇلۇشىنى توسۇش قاتارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، ھەرخىل كېسەللەردە ناھايىتى ياخشى مەنپەت قىلىدىغان ئاغرىق توختاتقۇچى دورىدۇر.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: قاتتىق ئاغرىق، ئۇيقۇسىزلىق، سەرسام، مالىخولىيا، ئىچ سۈرۈش، تولغاق، دائىملىق نەزلىلىك زۇكام، يۆتەل، زىققە، باش، كۆز، قۇلاق ئاغرىقى، ئىسسىقتىن بولغان كونا قىزىتما ۋە دەۋرلىك قىزىتما قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلسە، ئىچكى ئاغرىقلارنى توختىتىدۇ، خىلىتلارنىڭ بۇزۇلۇشىنى ساقلايدۇ ۋە بۇزۇق خىلىتلارنى تارقىتىدۇ، يۈرەكنى قۇۋەتلەيدۇ، ئۇندىن باشقا چىشنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى، سۈيدۈكنىڭ كۆپ ۋە ئېچىشىپ كېلىشى ھەمدە مەنىينىڭ كۆپ كېلىشى ۋە تېز كېتىشى، قۇلۇنجى ئاغرىقلىرى قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: سىرتقى تەرەپتىن مۇناسىپ ياغلار بىلەن قوشۇپ سۈركىلىدۇ، ئىچكى تەرەپتىن ئىشلىتىشتە مۇرەككەپ ياسالمىلار تەركىبىگە قوشۇلىدۇ.
زىيانلىق تەسىرى: مىقداردىن كۆپ ئىشلەتسە ھوشسىزلاندۇرۇپ قويىدۇ، دائىم ئىشلەتسە خۇمار قىلىپ قويۇپ يامان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.