خەنزۇچە نامى: 鸡子白
تونۇش: بۇ قىرغاۋۇل ئائىلىسىدىكى ھايۋانات ئۆي توخۇسىنىڭ تۇخۇمىنىڭ ئېقىدىن ئىبارەت. گەرچە تۇخۇم ئېقىنىڭ ئاقسىلى ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئوزۇقلۇق جەھەتتىن ئەلا سۈپەتلىك ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى تەركىبىدە سالامەتلىك ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئامىنو كىسلاتاسى بار.
تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق
شىپالىق رولى: ئۆپكىگە نەملىك يەتكۈزۈش، كېكىردەك خىزمىتىنى راۋانلاشتۇرۇش، قىزىتما قايتۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: گال ئاغرىقى، كۆز قىزىرىش، يۆتەل، ئىچى سۈرۈش، بەزگەك، كۆيۈك يارىسى، ھەرخىل سۇنۇق، زەھەر قايتۇرۇش قاتارلىقلارغا ئىشلتىلىدۇ .
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: سىرتىدىن خام ھالەتتە چېپىلىدۇ. ئىچىدىنمۇ بەزىدە خام ھالەتتە ئىستېمال قىلىنىدۇ. لېكىن كۆپىنچە قورۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.